|
فرانسىيە زۇڭتۇڭى ساركوزىنىڭ بېيجىڭ ئو ت م نىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتنىشىشقا شەرت قويغانلىقى جۇڭگو تور ئەھلىنىڭ نارازىلىقىنى كۈچەيتىۋەتتى، قىسمەن جۇڭگو تور پونكىتلىرىنىڭ تور ئەھلى رايىنى سىناش نەتىجىسىگە قارىغاندا، %90 كە يېقىن تور ئەھلى ساركوزىنىڭ بېيجىڭ ئو ت م گە قاتنىشىشىغا قارشى تۇرۇپ، ساركوزىنىڭ جۇڭگو توغرىسىدا قىلغان سۆزى ‹‹تولىمۇ تاپتىن چىقىپ كەتكەنلىك››، دەپ قارىغان. ئاۋسترالىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرى باھا بېرىپ: بۇ قېتىمقى تور ئەھلى رايىنى سىناش ساركوزىنىڭ بېيجىڭ ئو ت م نى بايقۇت قىلىمەن، دەپ تەھدىت سالغانلىقىغا قايتۇرۇلغان ئىنكاس، دېدى. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، جۇڭگو – فرانسىيە مۇناسىۋىتى ئولىمپىك مەشئىلىنى پارىژدا يەتكۈزۈشنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرىشى ۋە فرانسىيىدىكى كونسېرۋاتىپ كۈچلەرنىڭ ‹‹شىزاڭ مۇستەقىللىقى››نى قوللىشى سەۋەبىدىن يىرىكلەشتى، ساركوزىنىڭ يېقىندىن بۇيانقى پەيتكە ماس كەلمەيدىغان ‹‹بىتەرەپ›› پوزىتسىيىسى ئىككى دۆلەتنىڭ ئو ت م دىن ئىلگىرى مۇناسىۋەتنى ياخشىلاش پۇرسىتىنى يوققا چىقىرىپ، جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ كۆزىگە سەت كۆرۈنۈپ قالدى. جۇڭخۇا مىللەتلىرى بىلەن فرانسۇزلار غۇرۇرلۇق مىللەت، ئىككى تەرەپنىڭ مۇناسىۋىتىنى بۇزۇش ئاسان، ئەمما ئارازلىق كۆرۈلسە، ئىككى دۆلەتنىڭ بىر – بىرىگە بولغان ئىشەنچىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە نەچچە يىل، ھەتتا نەچچە ئون يىل كېتىشى مۇمكىن، بۇ نۇرغۇن دۆلەت ئۈچۈن ئاچچىق ساۋاق، ساركوزىنىڭ يەڭگىلتەكلىكى ئىككى دۆلەتتىكى دوستانە كىشىلەرنى مەيۈسلەندۈردى.
جۇڭگو تور ئەھلىنىڭ بۇنداق كۈچلۈك نارازى بولۇشىدىكى سەۋەب، ساركوزى 30 – ئىيۇن ئاشكارا ھالدا: جۇڭگو ھۆكۈمىتى دالاي بىلەن ياراشسا، بېيجىڭ ئو ت م گە بېرىشنى ئويلىشىمەن، دېگەن.
بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ پروفېسسورى جاڭ يىۋۇ ‹‹يەر شارى ۋاقىت گېزىتى›› مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا: جۇڭگونىڭ ساداسى كۆپ خىل، تور ئەھلىنىڭ ساداسىمۇ جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ ساداسىنىڭ بىر قىسمى، ئۇنىڭدىن باشقا، جۇڭگو تور ئەھلىنىڭ بىر ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئۇلار ياشلاشقان، كۆپ قىسىم تور ئەھلى 30 ياشقا توشمىغان ياشلار، دېدى.
ئىككى مۇتەخەسسىس مۇنداق قارىدى: جۇڭگو تور ئەھلىنىڭ ساداسى ئۈزلۈكسىز كۈچىيىپ، جەمئىيەتكە بەلگىلىك تەسىر كۆرسەتتى. مەسىلەن: ئولىمپىك مەشئىلىنى يەتكۈزۈش فرانسىيىدە توسقۇنلۇققا ئۇچرىغاندىن كېيىن كۆرۈلگەن ‹‹كەررىفورغا بايقۇت قىلىش›› ۋەقەسى، ئامېرىكىلىق ئارتىس شارون ستون ‹‹جۇڭگودىكى يەر تەۋرەش تەڭرىنىڭ جازاسى›› دېگەندىن كېيىن، بىر قىسىم تور ئەھلىنىڭ ئۇ ۋاكالەتچىلىك قىلغان بىر قىسىم مەھسۇلاتلارنى بايقۇت قىلىشى قاتارلىقلار تورنىڭ قۇدرىتىنى نامايان قىلدى.
گېرمانىيە دىپلوماتىيە جەمئىيىتىنىڭ جۇڭگو مەسىلىسى مۇتەخەسسىسى بېسك ‹‹يەر شارى ۋاقىت گېزىتى›› مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: ساركوزىنىڭ بۇ سۆزىنىڭ جۇڭگودا كۈچلۈك نارازىلىق قوزغىغانلىقى، مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، ئو ت م نىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئو ت م دىن پايدىلىنىپ جۇڭگوغا بېسىم ئىشلىتىشنىڭ كارغا كەلمەيدىغانلىقىنى چۈشەندۈردى، ئومۇمەن ئالغاندا، ھازىر دۇنيانىڭ ئو ت م گە تۇتقان پوزىتسىيىسىدە سىياسىي پۇراق تەدرىجىي سۇسلاشتى، چۈنكى جۇڭگو بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى بېسىملارغا باش ئەگمىدى، ئەمەلىيەت ئو ت م دىن پايدىلىنىپ جۇڭگوغا بېسىم ئىشلەتكەندە جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ چىشىغا تېگىپ قويىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئو ت م نىڭ باشلىنىشىغا ساناقلىقلا كۈن قالدى، ھەر قايسى ئەل پۇقرالىرىنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنى يەنىلا مۇسابىقە ۋە ئۆز دۆلىتىنىڭ تەييارلىق ئەھۋالى، ھازىرمۇ يەنە سىياسىيدىن ۋەز ئېيتىش سەل – پەل چېكىدىن ئاشقانلىق.
ئەسلىدە، بۇلتۇر كۈزدە گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركېل دالاي بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، فرانسىيىنىڭ جۇڭگودىكى ئورنى توساتتىن ئۆسۈپ، ساركوزىنىڭ جۇڭگودىكى زىيارىتىمۇ خېلى مول نەتىجە بىلەن ئاخىرلاشقانىدى. بىراق ئولىمپىك مۇقەددەس مەشئىلىنى پارىژدا يەتكۈزۈش زوراۋانلارنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغاندىن كېيىن، جۇڭگو – فرانسىيە مۇناسىۋىتى تېز يىرىكلەشتى، ساركوزى گېرمانىيىدىن ساۋاق ئېلىپ، جۇڭگو – فرانسىيە مۇناسىۋىتىگە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك.
فرانسىيە 1 – ئىيۇلدىن باشلاپ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسى بولدى. جۇڭگو خەلقئارا مۇناسىۋەت تەتقىقات ئورنى ياۋروپا تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى فېڭ جوڭپىڭ ‹‹يەر شارى ۋاقىت گېزىتى›› مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا: ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسى ياۋروپاغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، ھوقۇقى چوڭ، دائىم مۇشۇنداق پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ بەزى قارالمىلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، 27 دۆلەتنىڭ مۇزاكىرە قىلىپ قارار قىلىشىغا سۇنىدۇ، بىراق تۇيغۇن سىياسىي مەسىلىلەر نۇرغۇن دۆلەتنىڭ ئۆز مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان بولغاچقا، ئالدىراپ ماقۇللانمايدۇ، دېدى.
فرانسىيىنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى سىناققا دۇچ كېلىپلا قالماي، يەنە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىشىمۇ ئوڭۇشسىزلىق بىلەن باشلاندى، ئەنگلىيە ‹‹كۈندىلىك تېلېگراف خەۋەرلىرى›› گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە: ساركوزى ياۋروپا ئىتتىپاقىنى ‹‹ئىدارە قىلغان›› تۇنجى كۈنىلا ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىدى، پولشا زۇڭتۇڭى ئاشكارىلا: ھازىر لىسسابون ئەھدىنامىسىنى مۇزاكىرە قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى يوق، دېدى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ سودىغا مەسئۇل مەخسۇس خادىمى ماندېرسونمۇ ساركوزىنى ئەيىبلىدى. ‹‹شوتلاندىيىلىكلەر›› گېزىتىدە مۇنداق دېيىلدى: ياۋروپا ئىتتىپاقى ئاپپاراتىنى ئېلىپ ئېيتقاندا، ئالتە ئاي ئۇزاق ۋاقىت ئەمەس، يېرىم يىلدا زور نەتىجىنى قولغا كەلتۈرەلىگەن نۆۋەتچى رەئىس ناھايىتى ئاز. بىراق، ساركوزى ئۆزىنى باشقىچە چاغلاۋاتقان بولسا كېرەك، نېمىلا دېگەن بىلەن، ئۇنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى مودېلدىن ناخشىچىغا ئۆزگەرگەن برونى بىلەن تاسادىپىي ئۇچرىشىپ قېلىپ، ئۇنى قوغلىشىپ توي قىلغىنىغا پەقەت ئۈچ ئايلا ۋاقىت كەتتى.
‹‹يەر شارى ۋاقىت گېزىتى››دىن
|