|
ئىران دۆلەت تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىراننىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى موتاجى 2 – ئىيۇل ئامېرىكىنىڭ ئىراندا دىپلوماتىك ئالاقىلىشىش ئورنى قۇرۇشىغا رۇخسەت قىلىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. شۇ كۈنى ئىراننىڭ ئالىي داھىيسى خامانەيىنىڭ دىپلوماتىيە مەسلىھەتچىسى ئىتالىيە ‹‹جۇمھۇرىيەت›› گېزىتىدە ماقالە ئېلان قىلىپ، خامانەيىنىڭ دۇنيادىكى چوڭ دۆلەتلەر يادرو سۆھبىتىگە شەخسەن قاتنىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى. بۇلار ئىلگىرى ‹‹قوراللىق زەربە›› ۋەھىمىسىدە قالغان ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىدە تۇيۇقسىز بۇرۇلۇش ھاسىل قىلدى.
نيۇ – يوركتا ب د ت ئىقتىسادىي – ئىجتىمائىي كېڭەش يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان موتاجى 2 – ئىيۇل: ئىران بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئۇچرىشىشى ئىككى دۆلەتنىڭ بىر – بىرىنى چۈشىنىشىدىكى ئۈنۈملۈك يول، دېدى. موتاجى ئىران ئىلگىرى ئوتتۇرىغا قويغان ئامېرىكا بىلەن ئىران ئارىلىقىدا بىۋاسىتە ئۇچىدىغان ئاۋىئاتسىيە لىنىيىسى تەسىس قىلىش توغرىسىدىكى تەكلىپنى ئىككى دۆلەت ئەستايىدىل مۇزاكىرە قىلسا بولىدۇ، دېدى. ئۇ يەنە: ئالتە تەرەپ ئوتتۇرىغا قويغان ئىران يادرو مەسىلىسىنى ھەل قىلىش توغرىسىدىكى بىر يۈرۈش تەكلىپكە ئىران تېزدىن جاۋاب قايتۇرىدۇ، دەپ تەكىتلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئىران ئالتە تەرەپ لايىھىسى بىلەن ئىراننىڭ تەكلىپىدە نۇرغۇن ئورتاقلىقنىڭ بارلىقىنى بايقىدى، ئىران ئالتە دۆلەتنىڭ يېڭى لايىھىسىنى ئىجابىي پوزىتسىيىدە تەپسىلىي ۋە ئەستايىدىل مۇزاكىرە قىلىدۇ.
1979 – يىلى ئىسلام ئىنقىلابى پارتلىغاندىن كېيىن، ئامېرىكا بىلەن ئىران قاتتىق دۈشمەنلىشىپ، دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزگەن. ھازىر شۋېتسارىيىنىڭ ئىراندىكى باش ئەلچىخانىسى ئامېرىكىنىڭ ئىران بىلەن بولغان دىپلوماتىيە ئىشلىرىنى ۋاكالىتەن بېجىرىدۇ. بەزى تەھلىلچىلەر مۇنداق دېدى: ئادەتتىكى ئەھۋالدا ئالىي داھىي ئادەتتىكى ئىشلارغا ئارىلاشمايدۇ. خامانەيىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى ئىراننىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتىنى زور دەرىجىدە ئۆزگەرتىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
ئىران ياخشى ئىپادە بىلدۈرگەن بولسىمۇ، غەرب يەنىلا گۇمانلىنىۋاتىدۇ. ئەنگلىيىنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى: بىز تېھراندىن كەلگەن ئىلگىرى ئاڭلاپ باقمىغان سۆزلەرنى ئاڭلىدۇق. بىراق، مەزمۇنىنى تېخى چۈشىنىپ بولالمىدۇق، دېدى. ئامېرىكىنىڭ ب د ت دا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى خېلىلزاد ئىراننىڭ يادرو سىياسىتىنى ھەقىقىي ئۆزگەرتكەنلىكىدىن گۇمانلاندى. ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بۇشمۇ چاۋشيەن بىلەن ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىنى ھەل قىلىش جەريانىدا ئالدى بىلەن دىپلوماتىك ھەل قىلىش چارىسىنى ئويلىشىدىغانلىقىنى، لېكىن ‹‹ھەربىي ۋاسىتە›› قوللىنىش مۇمكىنچىلىكىنى چەتكە قاقمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ‹‹يەر شارى ۋاقىت گېزىتى››دىن
|