باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>خەلقئارا خەۋەرلەر
روسىيە –گرۇزىيە مۇناسىۋىتىدە يەنە يېڭى ئۆزگىرىش بولدى
2008- 07- 16 12:14 تەڭرىتاغ تورى

     مۇشۇ ئاينىڭ 10– كۈنى، گرۇزىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى تكېشېلاشۋىلى پايتەختى تىبلىستا، گروزىيە ھۆكۈمىتىنىڭ روسىيە كۈرەشچى ئايروپىلانلىرىنىڭ مۇشۇ ئاينىڭ 8–كۈنى گرۇزىيە ھاۋا بوشلۇقىغا بۆسۈپ كىرگەنلىكىگە جاۋابەن، گرۇزىيىنىڭ رۇسىيىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى كىتىسمىرشىۋىلىنى قايتۇرۇپ كېلىشنى قارار قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. جامائەتچىلىك، گرۇزىيە تەرەپنىڭ بۇ قارارى يېقىندىن بۇيان تالاش- تارتىش تۈگىمەي كېلىۋاتقان روسىيە –گرۇزىيە مۇناسىۋىتىدە يەنە يېڭى ئۆزگىرىش پەيدا قىلدى، دەپ قارىدى.

     يېقىدىن بۇيان، گرۇزىيىدىكى ئابخازىيە ۋە جەنۇبىي ئوسسېت رايونىنىڭ ۋەزىيىتى يەنىمۇ كەسكىنلەشتى. گرۇزىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكىنىڭ بىر تۈرلۈك باياناتىغا قارىغاندا، مۇشۇ ئاينىڭ 3– كۈنى، گرۇزىيىدىكى بىر قانچە كەنت ۋە تىنچلىق ساقلاش خادىملىرى جەنۇبىي ئوسسېت رايونىدىكى قانۇنسىز قوراللىق تەشكىلاتنىڭ ھوجۇمىغا ئۇچرىغان. گرۇزىيە تەرەپ ئامالسىز ئەھۋالدا قايتۇرما زەربە بەرگەن. جەنۇبىي ئوسسېت تەرەپ بولسا، گرۇزىيە ئارمىيىسى مىناميوت، راكىتا ۋە يىنىك تىپتىكى قوراللارنى ئىشلىتىپ، جەنۇبىي ئوسسېت ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ مەركىزى تېسخىنۋالى شەھىرىدىكى پۇقرالار رايونىنى قارىغا ئېلىپ، 2 ئادەمنىڭ ئۆلۈشى، 6 ئادەمنىڭ يارىلىنىشى كەلتۈرۈپ چىقاردى، دېدى. روسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى، گرۇزىيە تەرەپنىڭ مىناميوت ئىشلىتىشى جەنۇبىي ئوسسېتقا تاجاۋۇز قىلغانلىق ھېساپلىنىدۇ، دەپ ئەيىپلىدى. شۇنىڭدىن كېيىن يەنى مۇشۇ ئاينىڭ 6- كۈنى، گرۇزىيە ۋە گرۇزىيە چېگرىسى ئىچىدىكى ئابخازىيە رايونىدا 6 قېتىم بومبا پارتلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ۋەزىيەت يەنىمۇ كەسكىنلەشتى. گرۇزىيىدىكى ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، مۇشۇ ئاينىڭ 8- كۈنى، گرۇزىيە قىسمىدىكى 4 ئەسكەر جەنۇبىي ئوسسېت رايونىدا ئاپتوموبىللىق كېتىۋاتقاندا، شۇ جايدىكى تارماقلار تەرىپىدىن تۇتۇپ قېلىنغان. شۇ كۈنى كەچقۇرۇن، روسىيە ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ 4 كۈرەشچى ئايروپىلانى جەنۇبىي ئوسسېت رايونىنىڭ ھاۋا بوشلۇقىدا تەخمىنەن 40 مىنۇت ئۇچقان.   

     روسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى مۇشۇ ئاينىڭ 10- كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، جەنۇبىي ئوسسېت بىلەن گرۇزىيە توقۇنۇشىۋاتقان رايوننىڭ ۋەزىيىتى مۇشۇ ئاينىڭ 8–كۈنى جىددىيلىشىپ كەتتى، روسىيە تەرەپ گرۇزىيە ئارمىيىسىنىڭ تۇتۇپ تۇرۇلغان ئەسكەرلىرىنى قۇتقۇزۇشنى باھانە قىلىپ، جەنۇبىي ئوسسېتقا بېسىپ كىرىش مۇمكىنچىلىكى بارلىقى توغرىسىدا ئاخبارات تاپشۇرۇپ ئالدى، روسىيە ھاۋا ئارمىيىسى ئايروپىلانلىرىنىڭ جەنۇبىي ئوسسېت ھاۋا بوشلۇقىدا قىسقا مۇددەت ئۇچۇشى— ۋەزىيەتنىڭ قورال ئىشلىتىپ توقۇنۇش تەرەپكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالدى، دەپ تەكىتلىدى.  گرۇزىيە تەرەپ، رۇسىيىنىڭ كۈرەشچى ئايروپىلانلىرىنىڭ گرۇزىيە ھاۋا بوشلۇقىغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرىشى—گرۇزىيىنىڭ ئىگىلىك ھوقوقى، خەلقئارا قانۇن ۋە خەلقئارا جامائەتچىلىكنى كۆزگە ئىلماسلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس، گرۇزىيە تەرەپ بۇنىڭدىن ئەندىشە قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، دىپلوماتىيە جەھەتتە پائال تەدبىر قوللىنىپ، جاۋاپ قايتۇرىدۇ، دېگەنلەرنى بىلدۈردى.

     ئابخازىيە ۋە جەنۇبىي ئوسسېت ئايرىم ھالدا گرۇزىيىنىڭ ئاپتونوم جۇمھۇريىتى ۋە ئاپتونوم ئوبلاستى بولۇپ، روسىيە بىلەن چېگرىلىنىدۇ. سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن، بۇ ئىككى رايون مۇستەقىللىق جاكارلاپ، گرۇزىيە مەركىزى ھۆكۈمىتى بىلەن قارشىلىشىپ كەلگەن ئىدى. تارىخىي سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن، بۇ يەردىكى كۆپ قىسىم ئاھالىلارنىڭ روسىيە پاسپورتى بار بولۇپ، روسىيە بىلەن توقۇنىشىۋاتقان ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت تولىمۇ نازۇك مەسىلە ھېساپلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، روسىيە بىلەن گرۇزىيە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئابخازىيە ۋە جەنۇبىي ئوسسېت مەسىلىسى توغرىسىدىكى زىددىيەت داۋاملىشىپ كەلمەكتە، گرۇزىيە ‹‹روسىيە ئابخازىيە ۋە جەنۇبىي ئوسسېتنى ئاستىرتتىن قوللاپ كەلمەكتە›› دەپ كۆپ قېتىم ئەيىپلىگەنلىكتىن، روسىيە – گرۇزىيە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى زور تەسىرگە ئۇچرىغان ئىدى.

     بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، روسىيە– گرۇزىيە ئىككى دۆلەتنىڭ ئابخازىيە ۋە جەنۇبىي ئوسسېت مەسىلىسى توغرىسىدىكى تالاش- تارتىشى كەسكىنلىشىشكە باشلىدى. بۇ يىل 3–ئايدا، روسىيە تەرەپ مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسى دۆلەت باشلىقلىرى مۇدىرىيىتى 1996– يىلى 1– ئايدا ماقۇللىغان، ئابخازىيە بىلەن ھۆكۈمەت تەرەپ ئىقتىساد- سودا، پۇل مۇئامىلە، ترانسپورت ۋە باشقا بېرىش– كېلىشلەرنى چەكلەشنى مەزمۇن قىلغان بىر تۈرلۈك چەكلەش بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىشنى توختاتتى. رۇسىيىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى پۇتىن بۇ يىل 4– ئاينىڭ 16– كۈنى، روسىيە ھۆكۈمىتىگە ئابخازىيە ۋە جەنۇبىي ئوسسېت يەرلىك ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان ئىقتىساد- سودا ۋە ئىجتىمائىي، مەدەنىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى بېرىش– كېلىشنى كۈچەيتىش ھەمدە ئابخازىيە ۋە جەنۇبىي ئوسسېتتىكى ئاھالىلار ۋە ئابخازىيە ۋە جەنۇبىي ئوسسېتتا تۇرۇپ قالغان روسىيە پۇقرالىرىنى ماددىي ياردەم ۋە ھوقوق- مەنپەئەتنى قوغداش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈردى. ئارقىدىنلا، روسىيە توقۇنۇش بولىۋاتقان رايونغا تۆمۈر يول ئەسكەرلىرىنى ئەۋەتىپلا قالماي، ئابخازىيىگە تىنچلىق ساقلاش ئەسكەرلىرىنى كۆپەيتىپ ئەۋەتىپ، گرۇزىيىنىڭ قاتتىق ئېتىراز بىلدۈرۈشىگە سەۋەپچى بولدى. گرۇزىيە ‹‹روسىيە قانۇنلۇق تاشقى قىياپىتى ئاستىدا، ئابخازىيە ۋە جەنۇبىي ئوسسېتنى يۈتۈۋالماقچى بولدى›› دەپ ئەيىپلىدى. روسىيە بولسا  ‹‹گرۇزىيە —رايون ۋەزىيىتىنى قەستەن كەسكىنلەشتۈرىۋەتسە بولمايدۇ›› دەپ تەلەپ قىلدى.

     روسىيە بىلەن گرۇزىيە ئوتتۇرىسىدىكى تالاش- تارتىش خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دېققىتىنى قوزغىدى. مۇشۇ ئاينىڭ 8–كۈنى، روسىيە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە بىر تۈرلۈك قارار لايىھىسىنى تارقىتىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ گرۇزىيە مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ ماس تەدبىر قوللىنىپ، گرۇزىيەنىڭ ئابخازىيە ۋە جەنۇبىي ئوسسېت ئوتتۇرىسىدىكى كەسكىن مۇناسىۋەتنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىشىنى تەلەپ قىلىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى رۇسىيىنىڭ ئابخازىيە ۋە جەنۇبىي ئوسسېتتىكى توقۇنىشىۋاتقان رايوندا ئېلىپ بارغان بىر قىسىم ھەركەتلىرىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى ھەمدە گرۇزىيە ھۆكۈمىتى ۋە رۇسىيىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر قايسى ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ رايون توقۇنۇشىنى ھەل قىلىش جەھەتتە سەمىمىي ھەمكارلىشىشىنى تەشەببۇس قىلدى. فرانسىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مۇشۇ نۆۋەتلىك رەئىس دۆلىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلىپ، توقۇنۇش بولىۋاتقان رايون ۋەزىيىتىگە دىققەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەمدە ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ ئۆزىنى تۇتىۋېلىشى ۋە سۆھبەت ئېلىپ بېرىشىنى تەشەببۇس قىلدى.

     بىر قىسىم تەھلىلچىلەر، ‹‹يېقىندىن بۇيان روسىيە– گرۇزىيە مۇناسىۋىتىنىڭ جىددىيلىشىشى، گرۇزىيىنىڭ ئامېرىكىنىڭ قوللىشى ئاستىدا، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدىي تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇشقا پائال تىرىشىشى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك›› دەپ قارىدى. جامائەتچىلىك شۇنىڭغا دىققەت قىلدىكى، گرۇزىيە رۇسىيىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنى قايتۇرۇپ كېلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان كۈنى، ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى رائىس گرۇزىيىدە خىزمەت زىيارىتىدە بولدى، ئابخازىيە ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى باگاپۇش موسكۋادا رۇسىيىنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى لاۋروف بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردى. رائىس گرۇزىيىنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇپ كىرىشىنى قەتئىي قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ‹‹ گرۇزىيىنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇپ كىرىش ھەركەت پىلانى— ئابخازىيە ۋە جەنۇبىي ئوسسېتتىكى توقۇنۇش بولىۋاتقان رايون مەسىلىسىنى تۈپتىن ھەل قىلىشقا پايدىلىق›› دېدى. رۇسىيىنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى لاۋروف بولسا، ‹‹ گرۇزىيىنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇپ كىرىش قارارى— گرۇزىيە بىلەن ئابخازىيە ۋە جەنۇبىي ئوسسېت ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشنى تەلتۆكۈس ھەل قىلىشقا قەتئىي پايدىسى يوق›› دەپ تەكىتلىدى. بۇلاردىن شۇنى كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى، گرۇزىيە بىلەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدىي تەشكىلاتى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت— ئابخازىيە ۋە جەنۇبىي ئوسسېت رايونى مەسىلىسىنى ھەل قىلىش، روسىيە– گرۇزىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم ئامىلغا ئايلانماقتا. 

 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ