باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىقتىسادىي خەۋەرلەر
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى مالىيە ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ ئۈچىنچى قېتىملىق يىغىنى ئاياغلاشتى
2008- 07- 16 12:10 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

       تۈنۈگۈن(15–ئىيۇل) ئاخىرلاشقان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى مالىيە ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ ئۈچىنچى قېتىملىق يىغىنىدا ، ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى ۋە ئىقتىسادىي مۇپەتتىش نازارىتىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن ئوتتۇرىغا قويغان‹‹ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 2007–يىللىق خامچوت (دەسلەپكى لايىھە) سى توغرىسىدىكى دوكلاتى›› ۋە‹‹ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 2007–يىللىق خامچوت ئىجراسى ۋە باشقا مالىيە كىرىمىنى ئىقتىسادىي مۇپەتتىش قىلىش خىزمىتى توغرىسىدىكى دوكلاتى›› دا كۆرسىتىلىشىچە ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 2007–يىللىق ئادەتتىكى خامچوت كىرىمى 66 مىليارد 340 مىليون يۈەن بولۇپ ، ئادەتتىكى خامچوت چىقىمى 57 مىليارد 930 مىليون يۈەن بولغان ؛ فوند كىرىمى 4 مىليارد 240 مىليون يۈەن بولۇپ ، فوند چىقىمى 3 مىليارد 370 مىليون يۈەن بولغان . كىرىم–چىقىم تەڭپۇڭلۇقنى ساقلىغان .     

      يىغىن قاتناشچىلىرى دوكلاتنى ئاڭلاپ مۇزاكىرە قىلغان چاغدا بۇنىڭدىن كېيىنكى مالىيە خامچوت خىزمىتىدە ئىلمىيلىك ۋە كەسكىنلىكنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ ، مالىيە كىرىمىنى توپلاشقا داۋاملىق تىرىشىپ ، كىرىم–چىقىم قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ ، مەبلەغدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ ، ئىقتىسادىي مۇپەتتىش نازارەتچىلىك سالمىقىنى داۋاملىق زورايتىپ ، ئىقتىسادىي مۇپەتتىش خىزمىتىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىپ ، ئىقتىسادىي مۇپەتتىش خىزمىتى جەريانىدا بايقالغان مەسىلىلەرگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ ، ئىقتىسادىي مۇپەتتىش قىلىش قارارلىرىنى ئەستايىدىل ئىجرا قىلىش تەكلىپىنى بەردى .

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ