باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى
خۇجىنتاۋ بۇيرۇق ئىمزالاپ، ۋۇ ۋېنبىنغا ‹‹يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشتىكى قەھرىمان جەڭچى››دەپ پەخرىي نام بەردى
2008- 07- 16 12:05 شىنجاڭ گېزىتى

   شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 14 – ئىيۇل تېلېگراممىسى. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى خۇ جىنتاۋ يېقىندا بۇيرۇق ئىمزالاپ، يولداش ۋۇ ۋېنبىنغا ‹‹يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشتىكى قەھرىمان جەڭچى›› دەپ پەخرىي نام بەردى.

   جىنەن ھەربىي رايونى مەلۇم شى توپچىلار قوماندانلىق ليەنىنىڭ كەنجى ئوفىتسېرى ۋۇ ۋېنبىن، ئەر، 1982 – يىلى   10 – ئايدا توغۇلغان، 2002 – يىلى 12 – ئايدا قىسىمغا كىرگەن، 2005 – يىلى 9 – ئايدا ئازادلىق ئارمىيە ئۇچۇر قۇرۇلۇشى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۆلچەش – سىزىش ئىنىستىتۇتى كەنجى ئوفىتسېرلار 1 – ئەترىتىگە ئىمتىھان بېرىپ ئۆتكەن، 2007 – يىلى مەلۇم شىنىڭ توپچىلار قوماندانلىق لىيەنىگە تەقسىم قىلىنىپ پىراكتىكا قىلغان. بۇ يىل 6 – ئاينىڭ 18 – كۈنى قىسىم بىلەن بىرلىكتە سىچۈەندىكى يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا قاتنىشىش جەريانىدا، ئۇدا كۈرەش قىلىپ، زىيادە چارچاپ كەتكەنلىكتىن ئۆپكە قان تومۇرلىرى يېرىلىپ قاناپ شەرەپ بىلەن قۇربان بولغان. يولداش ۋۇ ۋېنبىننىڭ قۇربان بولۇشتىن ئىلگىرىكى ئىزچىل ئىپادىسى ۋە يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشتا كۆرسەتكەن گەۋدىلىك تۆھپىسىگە ئاساسەن، جىتۇەنجۈن پارتكومى ئۇنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ رەسمىي ئەزاسى، دەپ تونۇدى ھەم ئۇنى ئىنقىلابىي قۇربان، دەپ تەستىقلىدى، جىنەن ھەربىي رايون پارتكومى يولداش ۋۇ ۋېنبىندىن ئۆگىنىش قارارىنى چىقاردى.

   بۇيرۇقتا مۇنداق تەكىتلەندى: يولداش ۋۇ ۋېنبىن يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشتا مەيدانغا كەلگەن قەھرىمان جەڭچى. ھەربىي كومىتېت پۈتكۈل ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىمدىكىلەرنى يولداش ۋۇ ۋېنبىننىڭ پارتىيىنىڭ قوماندانلىقىغا قەتئىي بويسۇنۇپ، بۇرچىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىدىغان قەتئىي سىياسىي ئېتىقادىدىن؛ ئۇنىڭ ئارمىيىمىزنىڭ ئاساسىي مەقسىتىنى ئېسىدە چىڭ ساقلايدىغان، خەلقنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن بارلىقىنى قۇربان قىلالايدىغان يۈكسەك ئىدىيىسىدىن؛ ئۇنىڭ جاپا – مۇشەققەتتىن قورقمايدىغان، ئېغىر مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشقا جۈرئەت قىلىدىغان، قەيسىرانە كۈرەش قىلىدىغان جەڭگىۋار روھىدىن؛ ئۇنىڭ باشقىلارغا كۆڭۈل بۆلىدىغان، سەپداشلىرىنى ئاسرايدىغان، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىدىغان، شەخسىيەتسىزلىك بىلەن تۆھپە قوشۇدىغان ئالىجاناب ئەخلاقى پەزىلىتىدىن ئۆگىنىشكە چاقىرىدۇ.   
 

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ