باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>خەلقئارا خەۋەرلەر
خەلقئارا تېز خەۋەرلەر
2008- 07- 16 12:04 شىنجاڭ گېزىتى

   . ب د ت باش كاتىپى بان كىمون 14 – ئىيۇل پارىژدا سۇدان زۇڭتۇڭى بەشىرنىڭ خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىنىڭ ئۇنى سۇداننىڭ دارفور رايونىدا ئۇرۇش جىنايىتى ئۆتكۈزدى، دېگەن ئەيىبلىشىگە ئاقىلانە مۇئامىلە قىلىپ، ب د ت بىلەن ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىشىشىنى ئۈمىد قىلدى.

   . ئىران ئاخبارات تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 15 – ئىيۇل خەۋەر قىلىشىچە، ئىران زۇڭتۇڭى ئەھمەدى نىجاد ئىراننىڭ  يادرو سۆھبىتىگە دائىر ھەر قانداق ئالدىنقى شەرتنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى ئېيتقان.

   .  تايلاند زۇڭلىسى شاما 15 – ئىيۇل ئىچكى كابېنت يىغىنىدىن كېيىنكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا: ھۆكۈمەت يېقىندا ئاممىنىڭ پۇل پاخاللىقى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن   كۈندىن – كۈنگە ئېغىرلىشىپ كەتكەن تۇرمۇش بېسىمىنى يەڭگىللىتىش ئۈچۈن، بىر قاتار ئىقتىسادىي سىياسەتلەرنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ، دەپ جاكارلىدى.

   .  پولشا زۇڭتۇڭى كاچىنسىكى 14 – ئىيۇل پولشا ئۇكرائىنانىڭ ش ئا ئە ت ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇشىنى ‹‹ئاخىرىغىچە قوللايدۇ››، دېدى.

   . ئامېرىكا ئاقساراينىڭ ئايال باياناتچىسى پېررىنو 14 – ئىيۇل سۆز قىلىپ، ‹‹ۋاشىنگتون پوچتىسى›› گېزىتىنىڭ: ئامېرىكا بىلەن ئىراقنىڭ ئىراقتا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ئورنى توغرىسىدىكى سۆھبىتى توختاپ قالدى، دېيىلگەن خەۋىرىنى ئىنكار قىلدى.

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ