|
8 – نۆۋەتلىك دۆلىتىمىزنىڭ غەربىي رايونىدىكى 100 كۈچلۈك ناھىيە، شەھەرنى باھالاش نەتىجىسى يېقىندا ئېلان قىلىندى ، غەربىي رايوندىكى 876 ناھىيە ، شەھەر ئىچىدە، سانجى شەھىرى 27 A دەرىجىلىك شەھەر ئىچىدە 14 – ئورۇنغا ئۆتۈپ ، بۇلتۇرقىدىن 9 ئورۇن ئالدىغا ئۆتتى.
بۇ قېتىمقى باھالاش پائالىيىتىنى جۇڭگو ناھىيە ئىقتىسادى تەتقىقات يۇرتى ناھىيە ئىقتىسادىنىڭ ئاساسىي رىقابەت كۈچىنى باھالاش مەركىزى تەشكىللىگەن بولۇپ، ئاساسلىقى ناھىيە ئىقتىسادىنىڭ ئومۇمىي كۈچى، كىشى بېشى ئوتتۇرىچە مەھسۇلات قىممىتى، ئىقتىسادىي تەرەققىيات سۈرئىتى قاتارلىق ئۈچ تۈردىكى ئاساسلىق سانلىق – مەلۇماتلار يەكۈنلىنىپ، ئوبيېكتىپ باھالاپ چىقىلىدۇ. 2007 – يىلى، سانجى شەھىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 10 مىليارد 800 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقىدىن %15.8 ئاشتى، مالىيە كىرىمى 730 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقىدىن % 90 ئاشتى، دېھقان، چارۋىچىلارنىڭ كىشى بېشى ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 6 مىڭ 585 يۈەنگە يېتىپ، ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ، دۆلەت دەرىجىلىك پاكىز شەھەر، مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر ساياھەت شەھىرى، مۇھىتنى تۈزەشتىكى مۇنەۋۋەر شەھەر دېگەن شان – شەرەپلەرگە ئېرىشتى.
|