|
ئاپتونوم رايونلۇق شەھەر – بازارلاردىكى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە تەربىيىلەشنى بىر تۇتاش پىلانلاش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىدىن ئىگىلىنىشىچە: ئالدىنقى يېرىم يىلدا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى شەھەر – بازارلاردا 251 مىڭ 500 كىشى ئىشقا ئورۇنلىشىپ ۋە قايتا ئىشقا ئورۇنلىشىپ، بىر يىلدا 350 مىڭ كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، قايتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كۆزلىمە نىشانىنىڭ %70ى تاماملانغان؛ شەھەر – بازارلاردىكى تىزىملانغان ئىشسىزلار نىسبىتى%3 بولۇپ، ئالدىنقى يىللارنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن تۆۋەن بولغان؛ 90 مىڭ دېھقان ئىشلەمچى رايون سىرتىغا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، كۆزلىمە نىشاننىڭ %9. 90 ى تاماملانغان.
ئالدىنقى يېرىم يىلدا، خىزمەت ئورنىدىن ئايرىلىپ ئىشسىز قالغانلاردىن 53 مىڭ كىشى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ ۋە قايتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، بىر يىلدا 60 مىڭ كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە قايتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نىشان ۋەزىپىسىنىڭ %3. 88 ى تاماملانغان؛ ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولغانلاردىن 9100 كىشى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. يېزىلاردىكى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىدىن 949 مىڭ 800 كىشى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، بىر يىلدا 1 مىليون 200 مىڭ كىشىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كۆزلىمە نىشانىنىڭ79.2%ى تاماملانغان، بۇ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 443 مىڭ 800 كىشى كۆپ.
ئىگىلىنىشىچە، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، قايتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نىشانىنى تاماملاشقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمگەك كاپالەت تارماقلىرى ئاپتونوم رايون دائىرىسىدە ‹‹باھار شامىلى ھەرىكىتى›› قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، شەھەرگە كىرىپ ئىشلەيدىغان ئەمگەكچىلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى بىلەن پائال تەمىنلىگەن، 474 مەيدان ئىشقا تەكلىپ قىلىش سۆھبەت يىغىنى ئۇيۇشتۇرغان، تۈرلۈك خىزمەت تونۇشتۇرۇش ئورگانلىرى شەھەرگە كىرىپ ئىشلىمەكچى بولغان يېزا ئەمگەك كۈچلىرىدىن جەمئىي 143 مىڭ 400 كىشىنى خىزمەت تونۇشتۇرۇش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، 48 مىڭ 400 كىشىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغان. يەنە ‹‹پۇقراۋىي كارخانىلار تەكلىپ قىلىش ھەپتىلىكى›› پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، 3335 كارخانا 60 مىڭدىن كۆپ خىزمەت ئورنى ئۇچۇرى بىلەن تەمىنلىگەن، 20 مىڭدىن كۆپ كىشى بىلەن ئىشقا ئورۇنلىشىش كېلىشىمنامىسى ئىمزالىغان. ھازىر، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئىشقا ئورۇنلاشقانلار يوق ئائىلىدىن پەقەت ئۈچىلا بار ئىكەن؛ بۇنداق ئائىلىدىن بىرسى چىقسا بىرگە ياردەم قىلىش، ئازايتىش، مۇقىملاشتۇرۇش ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلغان.
بۇنىڭدىن باشقا، ئاپتونوم رايونىمىز يەنە ئاز سوممىلىق كېپىللىك قەرز پۇلى تارقىتىش، ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولغانلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇش، ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى ۋە باشقۇرۇشنى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، قايتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەبلىغىنى ئىشلىتىشنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، قايتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرگەن.
|