|
ئۈرۈمچى تاموژنىسىدىن ئىگىلىگەن خەۋىرىگە قارىغاندا: بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى بەش ئېيىدا، شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت – ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 6 مىليارد 960 مىليون دوللارغا يېتىپ، بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىسى بىلەن سېلىشتۇرغاندا %2. 95 ئاشقان، ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەتتىكى ئۆلكە، شەھەر، ئاپتونوم رايون ئىچىدە داۋاملىق بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان. بۇنىڭ ئىچىدە ئېكسپورت سوممىسى 6 مىليارد 200 مىليون دوللارغا، ئىمپورت سوممىسى 760 مىليون دوللارغا يەتكەن.
بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى بەش ئېيىدا، شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت – ئېكىسپورتىنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى مۇنداق بولغان: ئېكسپورت سوممىسى تېز ئېشىپ، 6 مىليارد 200 مىليون دوللارغا يەتكەن، ئۇنىڭ ئېكسپورت – ئىمپورت ئومۇمىي قىممىتىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى%89 كە يېتىپ، بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىسى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، %7 پوئېنت ئاشقان. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى بەش ئېيىدا، شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئېكىسپورتى تەخمىنەن 1.1 ھەسسە ئېشىپ، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، مەملىكەتتىكى ئۆلكە، شەھەر، ئاپتونوم رايون ئىچىدە ئېكسپورت قىممىتى ھەسسىلەپ ئاشقان بىردىنبىر ئاپتونوم رايون بولۇپ قالغان.
|