باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى
ئاپتونوم رايون بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى ئاچتى
2008- 07- 16 11:51 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

      15 - ئىيۇل چۈشتىن بۇرۇن ، ئاپتونوم رايون بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى ئاچتى .

     بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇپ ، تۈرلۈك ھادىسىلەر بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن كۆرۈنەرلىك ئازايدى ، لېكىن بىر قەدەر زور ھادىسىلەر كۆپرەك كۆرۈلۈپ ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن بولدى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، ئاپتونوم رايونىمىزدا تۈرلۈك بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ھادىسىلىرى 6 مىڭ 257 (قېتىم)غا، قازا قىلغانلار 1 مىڭ 41 گە، يارىلانغانلار 2 مىڭ 965 كە، بىۋاستە ئىقتىسادىي زىيان 22 مىليون 180 مىڭ يۈەنگە يېتىپ ، بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن بەلگىلىك دەرىجىدە ئازايدى.

     بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى بەش ئېيىدا، ئاپتونوم رايونىمىزدا بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ھادىسىلىرى ئۇدا ئازايدى، لېكىن، 6  – ئايدا تۈرلۈك ھادىسىلەر كۆپىيىپ قالدى، بولۇپمۇ يول قاتناش ھادىسىلىرى % 11.11كۆپەيدى، بىر قەدەر زور ھادىسىلەر كۆپىيىپ، يۈز بېرىش قېتىم سانى ۋە قازا قىلغۇچىلارنىڭ سانى ئايرىم ھالدا 56 پىرسەنت ۋە 51 پىرسەنت ئاشتى. ئۇنىڭدىن باشقا، كان قۇدۇقلىرىدا يۈز بەرگەن ۋەقەدە قازا قىلغانلار بىر قەدەر زور دەرىجىدە ئاشتى.

     ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى كۈرەش مەخسۇت يىغىندا سۆز قىلىپ، مۇنداق تەكىتلىدى: ئالاقىدار تارماقلار بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتا ساقلانغان بىر قەدەر زور يوشۇرۇن خەۋپلەرنى ۋاقتىدا ئېنىقلاپ ۋە ئىگىلەپ، ۋىۋىسكا ئېسىپ تۈزىتىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىشى، مەسئۇلىيەتنى ئادەم بېشىغىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بەلگىلەنگەن مۇددەت ئىچىدە تەرتىپكە سېلىشى، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، زور يوشۇرۇن خەۋپلەرنى تۈگىتىشى، بولۇپمۇ ‹‹ئۇزاققىچە تۈزۈتۈلمىگەن›› زور بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپلىرىنى نازارەت قىلىش، تەرتىپكە سېلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىش كېرەك، ئاخبارات ۋاستىلىرىدا يوشۇرۇن خەۋپ ساقلانغان ئورۇنلارنى ئېلان قىلىش، تىپىك ۋەقەلەر، دېلولارنى تەھلىل قىلىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تەشۋىقات سالمىقىنى زورايتىپ، ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىىسىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزۈلۈشىگە پايدىلىق ئىجتىمائىي مۇھىت يارىتىش كېرەك.

 

 

( مۇھەررىر : قـەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ