|
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى كۈرەش مەخسۇت ئاپتونوم رايوننىڭ بىخەتەرلىكنى نازارەت قىلىش، ج خ ئوت مۇداپىئەسى تارماقلىرىدىكى خادىملارنى باشلاپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى زور ئوت ئاپىتى يۈز بېرىش خەۋپى بولغان ‹‹بوچىڭ›› سودا مەيدانى، شىخەنزە سارىيى، ‹‹جيۇتيەنخې›› سۇ بىلەن داۋالىنىش شەھىرى، گۇاڭخۇي ‹‹شىنگۇاڭ›› ئولتۇراق رايونى قاتارلىق جايلاردا ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكىنى تەكشۈردى.
كۈرەش مەخسۇت ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى ئىشىك ئالدىغا ‹‹تىجارەت توختىدى›› دېگەن ۋىۋىسكا ئېسىلغان ‹‹بوچىڭ›› سودا مەيدانىدا تارقاقلاشتۇرۇش يولى، ئوت ئۆچۈرۈش جۈمىكى قاتارلىق ئوت مۇداپىئە ئەسلىھەلىرىنى ئۆزگەرتىش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. ئوت مۇداپىئە ئەسلىھەلىرىدە كاشىلا كۆرۈلۈش، ئوت مۇداپىئە تارماق رايونىنىڭ كۆلىمى ئېشىپ كېتىش قاتارلىق مەسىلىلەر ساقلانغاچقا، ‹‹بوچىڭ›› سودا مەيدانى بۇ يىل 1 – ئايدا زور ئوت كېتىش خەۋپى ساقلانغان ئورۇن قىلىپ بېكىتىلگەن ھەم 8 – ئاپرېلدىن باشلاپ تىجارەتتىن توختاپ رەتكە سېلىش – ئۆزگەرتىشنى باشلىغان. كۈرەش مەخسۇت: رەتكە سېلىش – ئۆزگەرتىش ئاياغلاشمىسا، داۋاملىق تىجارەتتىن توختاپ تاكى ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكىدە خەۋپ تۈگىگەنگە قەدەر ئۆزگەرتىش، تەكشۈرۈشتە لاياقەتلىك بولغاندىن كېيىن ئاندىن تىجارەت باشلاش كېرەك، دېدى. كۈرەش مەخسۇت ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ بۇلاقتاغ رايونىدىكى ‹‹جيۇتيەنخې›› سۇ بىلەن داۋالىنىش شەھىرىدە مەزكۇر سۇ بىلەن داۋالىنىش شەھىرىدە بايقالغان 20 ئوت ئاپىتى خەۋپىدىن ئاران سەككىزىنىڭ ئۆزگەرتىلگەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن، نەق مەيداندا مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنى مەزكۇر سۇ بىلەن داۋالىنىش ئورنىغا 7 – ئاينىڭ ئاخىرىغىچە تىجارەتتىن توختىتىپ رەتكە سېلىش – ئۆزگەرتىش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلدى.
كۈرەش مەخسۇت شىخەنزە سارىيىدا مېھمانخانا مەسئۇلىنىڭ ئوت ئاپىتى خەۋپىنى تۈگىتىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى، مېھمانخانىنىڭ 6 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ توپلاپ، ئوت ئاپىتى خەۋپىنى بىر – بىرلەپ تۈگەتكەنلىكىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئۇلارنى ئالاھىدە تەرىپلىدى ھەم مېھمانخانا ئىشچى – خىزمەتچىلىرىنىڭ ئوت ئۆچۈرۈش جۈمىكىنى ئىشلىتىش ئەھۋالىنى تەكشۈردى.
كۈرەش مەخسۇت: ھازىر ئو ت م نىڭ ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكىنى قوغداش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى مۇھىم باسقۇچ. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك تارماقلاردىن ئومۇمىيەت ئېڭى، سىياسىي ئاڭ، خەۋپ ئېڭى ۋە خىزمەتتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، سودا ساراي، بازارلار، ئاسان ئوت ئالىدىغان – پارتلايدىغان بۇيۇملار بار ئورۇنلار، كىشىلەر زىچ توپلاشقان جايلار ۋە ساياھەت مەنزىرە نۇقتىلىرى قاتارلىق ئىجتىمائىي سورۇنلارنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشىنى تەكشۈرۈپ، زور ئوت ئاپىتى ھادىسىلىرى، بولۇپمۇ كوللېكتىپ ئۆلۈش – يارىلىنىشتەك يامان خاراكتېرلىك ئوت ئاپىتى ھادىسىلىرىنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى قەتئىي ئېلىپ ۋە چەكلەپ، خاتالىق كۆرۈلمەسلىككە كاپالەتلىك قىلىپ، ئو ت م نىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى قىلىشنى تەلەپ قىلدى.
|