|
15 – ئىيۇل چۈشتىن بۇرۇن ئېچىلغان ئاپتونوم رايوننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تېلېۋىزىيىلىك تېلېفون يىغىنىدىن ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇپ، ھادىسىلەر بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن كۆرۈنەرلىك ئازايغان.
بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئاپتونوم رايونىمىزدا يۈز بەرگەن تۈرلۈك بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ھادىسىلىرىنىڭ سانى، ئۆلگەن – يارىلانغانلارنىڭ سانى ۋە بىۋاسىتە ئىقتىسادىي زىيان ئالدىنقى ئىككى يىلدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىگە قارىغاندا ئايرىم – ئايرىم %2 .3، % 37 .15، % 48 .15 ۋە %57 .19 تۆۋەنلىگەن. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى كۈرەش مەخسۇت يىغىندا مۇنداق تەكىتلىدى: ئالاقىدار تارماقلار بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتا ساقلانغان بىر قەدەر زور يوشۇرۇن خەۋپلەرنى كەسكىن تەدبىر قوللىنىپ تېزدىن ئىنىقلىشى، ھۆكۈمەت ۋىۋىسكا ئېسىپ ھەيدەكچىلىك قىلىشى، مەسئۇلىيەتنى كىشى بېشىغىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بەلگىلەنگەن مۇددەت ئىچىدە تەرتىپكە سېلىشى، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، بىر قەدەر زور يوشۇرۇن خەۋپلەرنى يوقىتىشى كېرەك. ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە يوشۇرۇن خەۋپ ساقلانغان ئورۇنلارنى ئېلان قىلىش ، تىپىك دېلولارنى تەھلىل قىلىش قاتارلىق تۈرلۈك شەكىللەر ئارقىلىق بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تەشۋىقات سالمىقىنى زورايتىپ، ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزۈلۈشىگە پايدىلىق شارائىت يارىتىشى كېرەك.
|