باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئۈرۈمچى خەۋەرلىرى
ئۈرۈمچى شەھىرى ،ياشانغانلارغا غەمخورلۇق قىلىش بەلگىلىمىسىنى نىشانلىق باشقۇرۇش خىزمىتىگە كىرگۈزدى
2008- 07- 16 11:43 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى

       بۇ يىل، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكوم، شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ياشانغانلارغا غەمخورلۇق قىلىش بەلگىلىمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنى 2008 – يىللىق ئۇنىۋېرسال نىشانلىق باشقۇرۇش خىزمىتىنى نوقتىلىق باھالاش نىشانىغا تۇنجى قېتىم كىرگۈزدى. يىل ئاخىرىدا، شەھەرلىك ياشانغانلار خىزمىتى ئىشخانىسى شەھەرلىك نىشانلىق باشقۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ تەلىپى بويىچە ئالاقىدار تارماقلارنى ماسلاشتۇرۇپ نىشاننىڭ ئورۇنلىنىش ئەھۋالىنى باھالايدۇ.

      ئۈرۈمچى شەھەرلىك شەھەر قاتنىشى ئىدارىسى ۋە ھەر قايسى رايون، ناھىيىلىك شەھەر قاتنىشى ئىدارىلىرى خەلق ئاۋىئاتسىيىسى، تۆمۈر يول، تاشيول تارماقلىرىنى ماسلاشتۇرۇپ، ياشانغانلارغا غەمخورلۇق قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيدۇ. بېلەت سېتىش ئورۇنلىرى، ۋوگزالغا كىرىش ئىشىكلىرىدە ياشانغانلارغا ئالدىن يول بېرىش بەلگىلىرى ئورنىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، 65 ياشتىن ئاشقان ياشانغانلار شەھەر ئىچى ئاپتوبۇسلىرىغا ھەقسىز ئولتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيدۇ، ئاپتوبۇس ئىچىدە ياشانغانلار مەخسۇس ئورۇندۇقى تەسىس قىلىدۇ ھەمدە ياشانغانلارنى ھۆرمەتلەش، كۆيۈنۈش تەشۋىقاتىنى ئېغىزچە ۋە يېزىقچە ئېلىپ بارىدۇ.

      ئۈرۈمچى شەھەرلىك سەھىيە ئىدارىسى، ھەر قايسى رايون، ناھىيىلىك سەھىيە ئىدارىلىرى پۈتۈن شەھەردىكى داۋالاش ئاپپاراتلىرىنى ماسلاشتۇرۇپ، داۋالىنىشتا ياشانغانلارغا ئالدىن يول بېرىش، غەمخورلۇق قىلىش بەلگىلىمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ، 65 ياشتىن ئاشقان ياشانغانلاردىن ئادەتتىكى كېسەل كۆرسىتىش نومۇر ھەققىنى كەچۈرۈم قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيدۇ. ئورمانچىلىق تارماقلىرى ‹‹غەمخورلۇق قىلىش كىنىشكىسى›› بار ياشانغانلارنىڭ باغچا، ھايۋاناتلار باغچىسى، ئۆسۈملۈكلەر باغچىسىغا ھەقسىز كىرىشىگە رۇخسەت قىلىدۇ، ياشانغانلار ئالدىن يول بېرىش، غەمخورلۇق قىلىش بەلگىسىنى كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدىغان ئورۇنغا ئورنىتىدۇ.

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ