|
يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى سۇڭ ئەيرۇڭ بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدا تاشيول، ئايرودروم قاتارلىق قاتناش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرى ھەم سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىش خىزمىتىنى كۆزدىن كەچۈرگەن ۋە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق دېدى: قاتناش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىشكە پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ، سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىش خىزمىتى سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئىككى جاينىڭ جۇغراپىيىلىك ئەۋزەللىكى ۋە بايلىق ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، بايلىق ئەۋزەللىكىنى ئايلاندۇرۇش ئىستراتېگىيىسىنى تېزلىتىش كېرەك. قاتناش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىشكە پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ، بايلىق ئەۋزەللىكىنى ئايلاندۇرۇشنى مۇھىم نۇقتا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىشنى بۆسۈش ئېغىزى قىلىپ، چوڭ كارخانا – گۇرۇھ ئىستراتېگىيىسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي يولغا قويۇپ، يېڭىچە سانائەتلىشىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، رايون ئىقتىسادى ۋە جەمئىيەتنىڭ ھەم ياخشى، ھەم تېز تەرەققىياتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
سۇڭ ئەيرۇڭ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى دۆلەت يولى 217 – لىنىيىسىنىڭ مايتاغ – قۇرۇل بۆلىكىدىكى تاشيول قۇرۇلۇشى نەق مەيدانى، سايرام كۆلى – كەڭساي يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنىڭ سايرام كۆلى تەشمىسى، كەڭساي چوڭ كۆۋرۈكى ئىش مەيدانى ۋە دۆلەت يولى 218 – لىنىيىسىنىڭ چىڭسىخوزا – غۇلجا يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى قۇرۇلۇش تۈرىنىڭ ئىش مەيدانىغا بېرىپ، قۇرۇلۇشنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى، قۇرۇلۇش نەق مەيدانىدىكىلەرنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى. سۇڭ ئەيرۇڭ مۇنداق دېدى: دۆلەت يولى 217 – لىنىيىسى، سايرام كۆلى – كەڭساي يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى جەنۇبىي، شىمالىي شىنجاڭ تاشيول ترانسپورتىنى تۇتاشتۇرۇش، جايلارنىڭ ئىقتىسادىي ئالاقىسىنى كۈچەيتىش، ترانسپورت شارائىتىنى ياخشىلاش، شىنجاڭنىڭ ئۇنىۋېرسال ترانسپورت ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشتىكى نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈرى بولۇپ، گېئولوگىيىلىك شارائىتى مۇرەككەپ، قۇرۇلۇشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى. قۇرۇلۇشقا قاتناشقان ئورۇنلار ۋە قۇرۇلۇشچىلار باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىلمىي قۇرۇلۇش قىلىپ، تاشيول قۇرۇلۇشى ۋەزىپىسىنى بىخەتەر، سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك تاماملاپ، ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئېسىل قۇرۇلۇش، ئۈلگىلىك قۇرۇلۇش قىلىپ قۇرۇپ چىقىشقا تىرىشىشى كېرەك.
سۇڭ ئەيرۇڭ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى يەنە بورتالا ئايرودرومىنىڭ ئورنى، ۋوگزال، تاشيول قۇرۇلۇشى ۋە ئىلى دەرياسى كۆۋرۈكى، چاپچال – موڭغۇلكۈرە تاشيولى قۇرۇلۇشى ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى، غۇلجا ئايرودرومىنى كېڭەيتىپ قۇرۇش ۋە بىخەتەرلىكنى قوغداش خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى، غۇلجا شەھىرى چېگرا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق رايونىغا جايلاشقان خۇبېي ‹‹پەرىشتە›› ئېچىتقۇ (غۇلجا) شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش تۈرى قاتارلىق كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا كۆزدىن كەچۈردى، تاشيولدىكى قىسمەن تاشيول ھەق ئېلىش پونكىتلىرى ۋە يول ئاسراش بۆلىكىدىكى كادىر، ئىشچى – خىزمەتچىلەرنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى.
سۇڭ ئەيرۇڭ غۇلجا ئايرودرومنىڭ بىخەتەرلىكنى قوغداش خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھازىر خەلق ئاۋىئاتسىيىسى بىخەتەرلىكىنى قوغداش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئو ت م مەزگىلىدىكى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى خەلق ئاۋىئاتسىيىسىنىڭ بىخەتەرلىكىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىش جايلار ۋە خەلق ئاۋىئاتسىيىسى تارماقلىرىنىڭ ئالدىغا قويۇلغان زور ھەم تەخىرسىز سىياسىي ۋەزىپە، جايلار ۋە خەلق ئاۋىئاتسىيىسى تارماقلىرى ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ھەقىقىي ساقلاپ، ئو ت م نىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى ئومۇمىي خىزمەتتە گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، ئەڭ يۇقىرى ئۆلچەم، ئەڭ قاتتىق تەلەپ، ئەڭ زور تىرىشچانلىق بىلەن خەلق ئاۋىئاتسىيىسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش خىزمىتىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ياخشى ئىشلىشى كېرەك. بىخەتەرلىكنى قوغداش خىزمىتى تەدبىرلىرى ۋە مەسئۇلىيىتىنى كونكرېت ئىش ئورنىغىچە، ھەر بىر كىشىگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.
سۇڭ ئەيرۇڭ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىلى ئوبلاستلىق، بورتالا ئوبلاستلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئەمەلىيەتنى ئاساس قىلىپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ۋەزىيەتكە بېقىپ ئىش كۆرۈپ، خىزمەتلەرنى ئىجادىي قانات يايدۇرۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە خەلق تۇرمۇشى قاتارلىق جەھەتلەردىكى خىزمەتلەردە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، كۈچلۈك تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى نامايان قىلدى. ئىككى جاينىڭ جۇغراپىيىلىك ۋە بايلىق ئەۋزەللىكلىرىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئېچىۋېتىش سالمىقىنى داۋاملىق ئاشۇرۇپ، بايلىق ئەۋزەللىكىنى ئايلاندۇرۇش ئىستراتېگىيىسىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىسادى ۋە جەمئىيىتىنىڭ ھەم ياخشى، ھەم تېز تەرەققىياتىغا يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپىلەرنى قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
|