|
ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى توغرىسىدا (27)
5 – ئاينىڭ 16 – كۈنى ئۆيىنىڭ ئالدىغىچە ياسىلىپ كەلگەن ئاسفالت يولنى كۆرگەن قورغاس ناھىيىسىنىڭ لوسىگۇڭ بازىرى شىنىڭ كەنتىدىكى جاڭ دېچېڭ خۇشال ھالدا: بۇنىڭدىن كېيىن يامغۇر ياغقاندا سىرتقا چىقساق لاي كەچمەيدىغان بولدۇق، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلارنىمۇ سىرتقا ئېلىپ چىقىپ ساتالايدىغان بولدۇق! دېدى.
بۇلتۇرنىڭ ئاخىرىغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېزا تاشيول مۇساپىسى 120 مىڭ كىلومېتىرغا (بىڭتۇەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) يەتتى ھەم مۇشۇ ئاساستا يولۇچى ترانسپورتىنى ئاساس قىلغان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ۋىلايەت، شەھەر، ناھىيىلەرنىڭ بىر قىسىم نۇقتىلىق يېزا – بازارلىرىغا تۇتاشقان تاشيول يولۇچى ترانسپورتى مۇلازىمەت تورى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندى. ‹‹تاشيول راۋانلىشىش، كىرىم كۆپىيىش، ئىدىيە ئېچىلىش، قىياپەت ئۆزگىرىش›› ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېزا تاشيولىنىڭ كەڭ كۆلەملىك قۇرۇلۇشىنىڭ ھەر مىللەت دېھقان – چارۋىچىلارغا ئېلىپ كەلگەن رېئال تۇيغۇ.
يېزا تاشيول تورى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندى
ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېزا تاشيولى قۇرۇلۇشى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80 – يىللىرىنىڭ ئاخىرىدا باشلانغان بولۇپ، دۆلەتنىڭ سېلىنما سالمىقى چوڭ بولماسلىق، يەرلىك مالىيىدە قىيىنچىلىق بولۇشتەك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، ئاپتونوم رايون بويىچە يېزا تاشيول قۇرۇلۇشىنىڭ تەرەققىياتى ئاستا بولغاچقا، پۇل كەمچىل بولۇش – يول ياسىيالماسلىق – ئىقتىساد توسالغۇغا ئۇچراش – پۇل تېخىمۇ كەمچىل بولۇشتەك يامان خاراكتېرلىك ئايلىنىش كېلىپ چىققانىدى. پۇقرالار: يامغۇر ياغقاندا يوللار لاي بولۇپ كېتىدۇ، ھاۋا ئوچۇق كۈنلەردە بولسا چاڭ – توزان كۆتۈرۈلىدۇ، مېۋە – چېۋە، كالا – قوي، سۈتلىرىمىزنى ساتالمايمىز، ساتالىغان تەقدىردىمۇ باھاسى ناھىيە بازىرى ئەتراپىنىڭكىدىن ئەرزان بولىدۇ، دەپ ئاغرىناتتى.
پارتىيە 16 – قۇرۇلتىيى ئېچىلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدا يېزا تاشيول قۇرۇلۇشى دولقۇنى قوزغالدى. بۇ بەش يىل ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېزا تاشيول قۇرۇلۇشى تارىخىدىكى ئۆزگىرىش ئەڭ چوڭ بولغان بەش يىل بولدى، بەش يىلدا سېلىنغان مەبلەغ ئاپتونوم رايونىمىز قۇرۇلغان 50 يىلدىن بۇيان سېلىنغان مەبلەغنىڭ ئومۇمىي سوممىسىنىڭ ئۈچ ھەسسىسىدىنمۇ كۆپ، دېدى ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش نازارىتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ شىنخۇا.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يېزا تاشيول قۇرۇلۇشى تېزلىتىلىپ، يېزا تاشيولىنىڭ غول لىنىيىنى قوللاش ۋە يىغىش – تارقىتىش رولى جارى قىلدۇرۇلۇپ، قۇلاي، راۋان، بىخەتەر قاتناش ترانسپورت سىستېمىسى بەرپا قىلىنىپ، تاشيول تورىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئۈنۈمى ئۆستۈرۈلدى.
دېھقانلارغا يوللارنى راۋانلاشتۇرۇپ بېرىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىز يېزا تاشيولىغا بولغان سېلىنما ۋە قۇرۇلۇش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز زورايتتى، قىسقىغىنا بىر قانچە يىلدا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېزا تاشيول قۇرۇلۇشىدا مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. بۇلتۇر يىل ئاخىرىغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېزا تاشيول مۇساپىسى 120 مىڭ كىلومېتىر (بىڭتۇەننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) غا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى يېزا – بازارلارغا تاشيول تۇتاشتۇرۇش نىسبىتى% .6 98 كە، شتاتلىق كەنتلەرگە تاشيول تۇتاشتۇرۇش نىسبىتى% .5 73 كە يەتتى؛ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى% .5 95 يېزا (بازار، مەيدان)، % .2 43 مەمۇرىي كەنت (ئەترەت) نىڭ يولى ئاسفالتلاشتۇرۇلدى؛ 268 يېزا – بازار ۋە 2370 شتاتلىق كەنتنىڭ قاتناش شارائىتى ياخشىلىنىپ، يېزا تاشيول تورى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللىنىپ، قاتناش تەرەققىياتىدىكى گەۋدىلىك يارقىن نۇقتىغا ۋە ھەر مىللەت دېھقان – چارۋىچىلار بىۋاسىتە مەنپەئەتلىنىدىغان ‹‹ئەلرايى قۇرۇلۇشى›› غا ئايلاندى.
دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا يول ھازىرلاندى
يېزا تاشيولى دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ سىرتقا چىقىش – كېلىشىدىكى قىيىن مەسىلىسىنى ھەل قىلىپلا قالماي، يەنە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى يۆتكەش ۋە ئالماشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا ‹‹يول›› ھازىرلاپ بەردى.
قورغاس ناھىيىسى لوسىگۇڭ بازىرى پارتكومىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ جۈنمىن 5 – ئاينىڭ 16 – كۈنى تېخى بۇلتۇرلا ياسالغان ئاسفالت يولنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ: ئۈچ كەنتنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرغان بۇ يول ئىلگىرى شېغىل، تاشلاردىن ياسالغان، ئوڭغۇل – دوڭغۇل يول ئىدى، دېھقانلار يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى بۇ يولدىن سىرتقا ئېلىپ چىقىپ سېتىپ بولغىچە ھېچقانچە پۇلغا يارىمايدىغان بولۇپ قالاتتى. ھازىر ئاسفالت يول ياسىلىپ، ھەر بىر كىلوگرام يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنىڭ باھاسى ئاز بولغاندىمۇ 0.1 يۈەن ئاشتى. يول ياخشىلانغاچقا، دېھقانلار نەرسە – كېرەكلىرىنىڭ سېتىلماي قېلىشىدىن ئەنسىرىمەيدىغان بولدى، ھازىر نۇرغۇن دېھقان تېخى ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بولدى، دېدى.
يېزا تاشيولىنىڭ زور كۆلەمدە ياسىلىشىغا ئەگىشىپ، دېھقانلارنىڭ تۇرمۇش شەكلىدىمۇ ئاستا – ئاستا ئۆزگىرىش بولماقتا. ھازىر ئۆز ئالدىغا ئاپتوموبىل، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى، تراكتور، موتسىكلىتلارنى سېتىۋالىدىغان دېھقان ئائىلىلىرى كۆپەيدى، ئۇلاغ ھارۋىلىرى تەدرىجىي ئازىيىشقا باشلىدى؛ ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىنىڭ تاۋار سودىسى قىلىدىغان ‹‹كىچىك بازار›› لىرى يېزا – يېزىلارغا كەڭ تارقالدى، ھازىر كەنتنى بىرلىك قىلىدىغان بۇنداق‹‹كىچىك بازار›› بارغانسېرى ئازىيىپ، ئۇنىڭ ئورنىنى يېزا – بازارلاردىكى ‹‹چوڭ بازار››لار ئالدى. يېزا تاشيول قۇرۇلۇشى ئاز سانلىق مىللەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ دۇنياغا يۈزلىنىشىنى ۋاسىتە بىلەن تەمىنلىدى، مەكىت ناھىيىسىدە كۈچلۈك مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ‹‹دېھقانلار رەسىمى›› بار بولۇپ، قاتناش راۋان بولمىغانلىقتىن، سىرتقا تونۇشتۇرۇلۇشقا ئامالسىز قېلىنغانىدى، يېزا تاشيول شارائىتى ياخشىلانغاندىن كېيىن، كەنتتە مەدەنىيەت بايرىمى ئۆتكۈزۈلۈپ، ‹‹دېھقانلار رەسىمى›› دۇنيا سەھنىسىگە ئېلىپ چىقىلدى.
دېھقانلارنىڭ ئىشىكى ئالدىغا ئاپتوبۇس كېلىدىغان بولدى
‹‹ئىلگىرى قاتناش قۇلايسىز بولغانلىقتىن، ئۆيدە بىرەرسىمىز ئاغرىپ قالساق، ئەڭ يىراق بولغاندا تۇەن – مەيدان شىپاخانىسىغىلا بېرىپ كۆرۈنەلەيتتۇق. ھازىر يول ياسالدى، تۇەن – مەيدانىمىزدىن سانجى شەھىرىگە بىر نەچچە سائەتتىلا كىرەلەيدىغان بولدۇق، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاپتوبۇسمۇ ناھايىتى كۆپ، شەھەرگە كىرىپ كېسەل كۆرسىتىشىمىز كۆپ ئاسانلاشتى››، دېدى بىڭتۇەن يېزا ئىگىلىك 6 – شى فاڭساۋخۇ دېھقانچىلىق مەيدانى 4 – تارماق مەيدانىنىڭ خىزمەتچىسى لۇ جيەنپىڭ. ئۇ ئەتىگەندە ئاپىسىنى سانجى شەھىرىگە دوختۇرغا كۆرسەتكىلى ئاپىرىپ، كېسەلنى كۆرسىتىپ بولغاندىن كېيىن، ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ ئۆيىگە كېلىپ چۈشلۈك تاماق يېيىشكە ئۈلگۈرگەنىدى.
يېزا تاشيولىنىڭ ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىشى بىلەن بىللە، ئۇنىڭغا يانداش بولغان يېزا، بازار يولۇچىلار ئاپتوبۇسى بېكەتلىرىمۇ تەدرىجىي قۇرۇلدى، زىچ يولۇچىلار ئاپتوبۇسى لىنىيىسى بىپايان ئېتىزلىقلاردا گىرەلىشىپ كەتتى. ستاتىستىكا قىلىنىشىچە، 2007 – يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى يېزا يولۇچىلار ئاپتوبۇسى بېكىتى 421 گە، يېزا يولۇچىلار ئاپتوبۇسى 14 مىڭ 871 گە يېتىپ، يولۇچىلار ئاپتوبۇسى ئومۇمىي سانىنىڭ % 63 ىنى ئىگىلىگەن. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى يېزا – بازار يولۇچىلار ئاپتوبۇسىنىڭ راۋان يۈرۈش نىسبىتى %99.9 كە، مەمۇرىي كەنت يولۇچىلار ئاپتوبۇسىنىڭ راۋان يۈرۈش نىسبىتى %70 كە يېتىپ، يولۇچىلار ئاپتوبۇس بېكىتىنى ئاساس قىلغان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر، ناھىيە ۋە بىر قىسىم مۇھىم يېزا – بازارغا تۇتاشتۇرۇلغان تاشيول يولۇچى توشۇش مۇلازىمەت تورى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەنگەن.
پىلان بويىچە، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز يەنە 6000 كىلومېتىرلىق يېزا تاشيولىنى يېڭىدىن ياسايدۇ ۋە ئۆزگەرتىپ ياسايدۇ، شۇنداقلا، تاشيول تۇتاشتۇرۇلمىغان يېزا – بازار، مەمۇرىي كەنتلەرنىڭ تاشيول قۇرۇلۇشىنى نۇقتىلىق كۈچەيتىدۇ. قاتار – قاتار كەتكەن ‹‹داغدام يوللار›› دېھقانلارنىڭ بېيىش چۈشىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇپ، يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ قۇلاي بولغان تاشيول قاتنىشى كاپالىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
|