|
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىستاتىسىتىكا ئىدارىسى 15–ئىيۇل تارقاتقان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە ، 1–ئايدىن 6–ئايغىچە ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون تەۋەسىدە ئۆي–مۈلۈك كەسپى تەرەققىياتىغا سېلىنغان مەبلەغ 7 مىليارد 222 مىليون يۈەن بولۇپ ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %36.8 ئېشىپ ، ئېشىش سۈرئىتى ئالدىنقى يىلىدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %26.4 چۈشۈپ كەتكەن . لېكىن ئېشىش سۈرئىتى ئوخشاش مەزگىلدىكى مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسىدىن %8.4 يۇقىرى بولغان . ئۆي–مۈلۈك كەسپى تەرەققىياتىغا سېلىنغان مەبلەغ جەھەتتە ئېشىش سۈرئىتى تۆۋەنلەش ، تاۋار ئۆيلەر سېتىلىش كۆلىمى تارىيىش ۋە ئۆي باھاسى ئۆرلەش ۋەزىيىتىنىڭ پەسىيىشى قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەر مەيدانغا كەلدى .
ئۆي–مۈلۈك كەسپىگە سېلىنغان مەبلەغ ئىچىدە ، تاۋار ئۆيگە سېلىنغان مەبلەغ 6 مىليارد 186 مىليون بولۇپ ، %43.5 ئاشقان ھەمدە ئومۇمىي تەرەققىيات مەبلىغىنىڭ %86.7 ىنى ئىگىلىگەن .
تاۋار ئۆيلەرنىڭ سېتىلىش كۆلىمى بىلەن سېتىلىش سوممىسى تەڭلا تۆۋەنلەپ كەتتى ، دۆلەتنىڭ بىر قاتار ئۆي–مۈلۈك كەسپىنى تەڭشەش ۋە كونترول قىلىش سىياسىتىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىرىلىشىغا ئەگىشىپ ، ھازىر ئۆي–مۈلۈك بازىرىدا كۆزىتىش ۋەزىيىتى شەكىللىنىپ قالدى . ئىگىلىنىشىچە ، تاۋار ئۆيلەرنىڭ سېتىلىش كۆلىمى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %14 ، سېتىلىش سوممىسى %0.2 تۆۋەنلىگەن .
|