باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>پەن–مائارىپ
يېڭىشەھەر ناھىيىلىك 1–ئوتتۇرا مەكتەپ خەلقئارا مەھمۇت قەشقىرى يىلى پائالىيىتىنى تەبرىكلىدى
2008- 07- 16 09:42 تەڭرىتاغ تورى

      ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز سابىرجان سىيىت خەۋىرى : بۇ يىل ، جاھان تۈركلوگىيە ئىلمىنىڭ ئاساسچىسى ، جاھان سېلىشتۇرما تىلشۇناسلىق ئىلمىنىڭ ئاتىسى ، ئۇلۇغ ئالىم مەھمۇت قەشقىرى تۇغۇلغانلىقىنىڭ مىڭ يىللىق خاتىرە يىلى . بۇ مۇناسىۋەت بىلەن قەشقەر يېڭشەھەر ناھىيىلىك 1–ئوتتۇرا مەكتەپ يېقىندا ، ئۇلۇغ ئالىم مەھمۇت قەشقىرى تۇغۇلغانلىقىنىڭ مىڭ يىللىقىنى خاتىرىلەش ۋە 2008–يىللىق خەلقئارا مەھمۇت قەشقىرى يىلىنى تەبرىكلەش پائالىيتى ئېلىپ باردى .

      بۇ كۈنى لېكسىيە سۆزلەش ، ئوقۇتقۇچى–ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالىمغا ئاتاپ يازغان ئىلمىي ماقالە ، شېئىر ، نەسىرلىرىنى ئوقۇش ، ھۆسىنخەت ، رەسىم ئەسەرلىرىنى كۆرگەزمە قىلىش ، ئالىم ھەققىدىكى ناخشىلارنى ئوقۇش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئالىمنىڭ ھاياتى ۋە ئىجادىي پائالىيتى تونۇشتۇرۇلدى . بۇ پائالىيەتنىڭ تەربىيىۋى ئەھمىيتى زور بولۇپ ، ياش–ئۆسمۈرلەرنى ئالىملارنى قەدىرلەش ، ئىلىم –پەننى سۆيۈش ،  ئالىملارنىڭ روھىدىن ئۆگىنىپ ، ھازىرقى ئەۋزەل شارائىتنى قەدىرلەپ ، ئۆزىنى كۈچەيتىپ ، يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىشقا يېتەكلەيدۇ .

      2007–يىلى گوۋۇيۈەنىڭ بىر تۇتاش پىلانلىشى بىلەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلىمى ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات –سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى قاتارلىق ئورۇنلار قەشقەردە ئۇلۇغ ئالىم مەھمۇت قەشقىرى تۇغۇلغانلىقىنىڭ مىڭ يىلىقىنى تەبرىكلەش ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىپ ، ئالىمنىڭ ھاياتى ۋە تەتقىقاتى ئۈستىدە مۇھاكىمە ئېلىپ باردى . ئارقىدىنلا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ ، پەن ، مەدەنىيەت تەشكىلاتى 2008–يىلىنى خەلقارا مەھمۇت قەشقىرى يىلى قىلىپ بېكىتكەن ئىدى.

    

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ