باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىجتىمائىي خەۋەرلەر
ئاپتونوم رايونىمىز شەھەرلەردىكى قىيىنچىلىقى بارلارنىڭ تۇرالغۇ كاپالەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلەتتى
2008- 07- 15 17:41 تەڭرىتاغ تورى

      ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ شەھەرلەردىكى قىيىنچىلىقى بارلارنىڭ تۇرالغۇ كاپالەت مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا بىر تۈركۈم ئەمەلىي خىزمەتلەرنى ئىشلىگەنلىكى ھەممەيلەنگە ئايان . ئىگىلىنىشىچە ، ئاپتونوم رايون بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان شەھەرلەردىكى قېيىنچىلىقى بارلارنىڭ تۇرالغۇ كاپالەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تېزلەتكەن بولۇپ ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە ئەمەلىي ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرگەن .

     جايلار تۇرالغۇ كاپالىتى نىشان مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك تۇرغۇزۇپ ، ئاساسلىق رەھبەرلەر نىشان مەسئۇلىيىتى بويىچە باشقۇرۇشنى يولغا قويغان . ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 14 ۋىلايەت ، ئوبلاست ، شەھەرلەرنىڭ مەركىزىي شەھەرلىرى ، ناھىيە ياكى رايونلۇق خەلق ھۆكۈمەتلىرى بىلەن تۇرالغۇ كاپالەت خىزمىتى نىشان مەسئۇلىيەتنامىسى ئىمزالاپ ، تۇرالغۇ قېيىنچىلىقى بار تۆۋەن كىرىملىك ئائىلىلەرنىڭ قېيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشنى يولغا قويۇش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويغان، 60 ناھىيە بازىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شەھەر تۆۋەن ئىجارىلىك ئۆي ئىلتىماس قىلىش، تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش ۋە چېكىنىش جەھەتتە ئالاقىدار باشقۇرۇش چارىسىنى تۈزگەن. ھەر قايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر ‹‹شەھەرلەردىكى تۆۋەن كىرىملىك ئائىلىلەرنىڭ تۇرالغۇ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشنىڭ تەرەققىيات يىرىك پىلانى›› نى تۈزۈپ ، قۇرۇلۇش نازارىتىگە رويخەتكە ئالدۇرغان .

    شەھەرلەردىكى تۇرالغۇ قېيىنچىلىقى بار ئائىلىلەرنى ئەتراپلىق تەكشۈرۈش خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك تاماملانغان بولۇپ ، تەكشۈرۈش ئسىتاتىستىكىسىغا قارىغاندا ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ شەھەرلەردىكى تۇرالغۇ قىيىنچىلىقى بار ، تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمەن بولۇۋاتقان ۋە تۆۋەن كىرىملىك ئائىلىلەر ، دۆلەت كارخانىلىرىدىكى تۇرالغۇ قىيىنچلىقى بار ئائىلىلەر جەمئىي 299 مىڭ 442 بولۇپ ، ھازىر ئارخىپ تۇرغۇزۇش خىزمىتى چىڭ تۇتۇلۇپ ئىشلىنىۋېتىپتۇ . ‹‹شىنجاڭ قۇرۇلۇش تورى›› دا ‹‹ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تۆۋەن كىرىملىك ئائىلىلەرنىڭ تۇرالغۇ كاپالەت ئۇچۇرىنى باشقۇرۇش سىستېمىسى›› تەسىس قىلىنغاندىن كېيىن ، ئاپتونوم رايوننىڭ ھەر قايسى ۋىلايەت ، ئوبلاست ، شەھەرلەر ئارىسىدىكى سانلىق مەلۇماتنى بىۋاستە مەلۇم قىلىش ئېلېكترونلۇق ئۇچۇر باشقۇرۇش ئىشى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلغان .

    دۆلەت كارخانىلىرىدىكى ئىشچى–خىزمەتچىلەرنىڭ تۇرالغۇ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش قۇرۇلۇشى تېز ئىلگىرىلىگەن بولۇپ، ھازىرغا قەدەر جايلاردىكى 94 دۆلەت كارخانىسى تۇرالغۇ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش قۇرۇلۇش پىلانىغا كىرگۈزۈشنى ئىلتىماس قىلغان . ئاپتونوم رايون 852 مىڭ 500 كۋادرات مېتىرلىق تۇرالغۇ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش پىلانىنى چۈشۈرگەن بولۇپ ، 201 مىڭ كۋادرات مېتىر تۇرالغۇ پۈتۈپ ، دۆلەت كارخانىسىدىكى‹‹ قوش قىيىنچىلىق››ى بار 2 مىڭ 942 خىزمەتچى ئائىلىسىنىڭ تۇرالغۇ قىيىنچىلىقى مەسىلىسى ھەل قىلىنغان .

    ئاپتونوم رايونلۇق قۇرۇلۇش نازارىتى ئۆي–مۈلۈك باشقارمىسىنىڭ باشلىقى زاڭ شىياۋجۈن مۇنداق دېدى:‹‹ بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تۇرالغۇ قىيىنچىلىقى بار ، تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمەن بولۇۋاتقان 108 مىڭ 309 ئائىلىنىڭ تۇرالغۇ ئىجارىسى تولۇقلىمىسى پۈتۈنلەي كاپالەتلەندۈرۈش پىرىنسىپى بويىچە بېرىلىدۇ . بۇ يىل يەنە 23 مىڭ 929 يۈرۈش تۆۋەن ئىجارىلىك ئۆي يېڭىدىن سېلىنىدۇ . دۆلەتنىڭ ئوتتۇرا ، غەربىي رايونىدىكى مالىيە قىيىنچىلىقى بار رايونلاردا تۆۋەن ئىجارىلىك ئۆيگە سىياسەت خاراكتېرلىك تولۇقلىما بېرىلىدىغانلىقىدەك سىياسەتكە يەرلىك مالىيە نۇقتىلىق كاپالەتلىك قىلىش تەلىپىگە ئاساسەن ، مەركەز ۋە ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىككى ۋىلايەت ، بىر ئوبلاستتىكى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك نامرات ناھىيە ۋە چېگرا ناھىيىدىكى 49 شەھەر–بازاردىكى تۇرالغۇ كاپالەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىغا بەلگىلىك نىسبەتتە مەبلەغ ياردىمى بېرىدۇ.

 

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ