باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىجتىمائىي خەۋەرلەر
قەشقەر شەھىرىنىڭ كونا شەھەر رايونىنى ئۆزگەرتىشنىڭ تەييارلىقلىرى باشلاندى
2008- 07- 15 17:41 شىنجاڭ گېزىتى

   يېقىندا قەشقەر شەھىرىنىڭ كونا شەھەر رايونىدىكى تار كوچىلاردا مەھەللە كومىتېتى كادىرلىرىنىڭ ئۆيمۇ ئۆي كىرىپ،  ئاھالىلەرنىڭ تۇرالغۇ ئەھۋالىنى ئىگىلەۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. بۇ قەشقەر شەھىرىنىڭ كونا شەھەر رايونىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنىڭ رەسمىي تەييارلىق باسقۇچىغا كىرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

   قەشقەر شەھىرىنىڭ كونا شەھەر رايونى شەھەر ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ %20 ىنى، بۇ رايوندىكى نوپۇس شەھەر ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ %49.1 ىنى ئىگىلەيدۇ. كونا شەھەر رايونىدىكى خەتەرلىك ئۆي كۆلىمى 5 مىليون 540 مىڭ كۋادرات مېتىر، بۇ ئۆيلەردە ئولتۇرۇۋاتقان ئائىلە 62 مىڭ 616، نوپۇس 220 مىڭ بولۇپ، كونا شەھەر مەركىزىي رايونىدا ھەر كۋادرات كىلومېتىر دائىرىدە ئولتۇراقلاشقان ئاھالە 26 مىڭغا يېتىدۇ. بۇ ئاھالىلەرنىڭ %60 تۇرالغۇسى ياغاچ – خام خىش قۇرۇلمىلىق بولۇپ، كوچىلىرى تار، ئوت ئۆچۈرۈش، پار، تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى يۈرۈشلەشمىگەن. 2001 – يىلى 9 – ئايدا، قەشقەر شەھىرى كونا شەھەر رايونىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويغاندىن تارتىپ، بۇ يىلنىڭ بېشىغىچە جەمئىي 490 مىليون يۈەن مەبلەغ سەرپ قىلىپ، 227 مىڭ 100 كۋادرات مېتىر كۆلەمدە 2954 يۈرۈش يېڭى ئۆي سېلىپ، كونا شەھەر رايونىدىكى 1757 ئائىلىنى يەر تەۋرەشكە چىداملىق يېڭى ئۆيلەرگە كۆچۈردى، 650 ئائىلىلىكنىڭ ئۆيى ئۆز ئورنىغا يېڭىلاپ سېلىندى، 4319 كۋادرات مېتىر خەتەرلىك مەكتەپ قۇرۇلۇشى يېڭىلاندى، 41 مىڭ 500 كۋادرات مېتىر كۆلەمدە تارقاقلاشتۇرۇش مەيدانى ياسالدى.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ