باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىقتىسادىي خەۋەرلەر
بىر يۈرۈش ئىقتىسادىي ئۇچۇرلار
2008- 07- 15 17:26 تەڭرىتاغ تورى

      ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە نازارىتىنىڭ ئىستاتىستىكا ئۇچۇر مەركىزىدىن ئىگىلىنىشىچە ، بىر ئاي داۋام قىلىدىغان شىنجاڭ تۆتىنچى قېتىملىق دۆلەت سەھىيە مۇلازىمىتىنى تەكشۈرۈش پائالىيىتى مۇشۇ ئايدا باشلانغان . دۆلەت سەھىيە مۇلازىمىتىنى تەكشۈرۈش پائالىيىتى—سەھىيە مىنىستىرلىكى مەملىكەت بويىچە قانات يايدۇرغان ، ئۇنۋېرسال خاراكتېردىكى سەھىيە مۇلازىمىتىنى ئارىلاپ تەكشۈرۈش خىزمىتىدىن ئىبارەت . تەكشۈرۈشنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى ئۆتكەن بەش يىللىق سەھىيە خىزمىتىنى ئەسلەپ ۋە خۇلاسىلەپ ، سەھىيە ئىسلاھاتى سىياسىتىنى تۈزۈش ۋە باھالاشنى ئىلمىي ئاساس بىلەن تەمىنلەش .

      ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىنىشىچە ، بۇ يىل ئۈرۈمچى–سانجى رايونىدا توك چىقىرىشقا ، ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەشكە ئىشلىتىلىدىغان كۆمۈرنىڭ ھەر توننىسىنىڭ كاندىن چىقىش باھاسى ئەڭ يۇقىرى بولغاندىمۇ 120 يۈەندىن ئېشىپ كېتىشكە بولمايدىكەن . باھانى يۇقىرىقى چەكتىن ئاشۇرۇۋەتكەن كۆمۈرچىلىك كارخانىلىرى چوقۇم چەك ئىچىدە باھا تۆۋەنلىتىشى كېرەك ئىكەن .

      دۆلەت زىمىن بايلىقى مىنىستىرلىكى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى مۇشۇ ئاينىڭ 11–كۈنى چۈشتىن كىيىن ، ئۈرۈمچىدە ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاپ ، ئاپتونوم رايونىمىزدا جامائەت پاراۋانلىقى خاراكتىرىدىكى گېئولوگىيىلىك قېدىرىپ تەكشۈرۈش ۋە مۇھىم كان بايلىقلىرىنى قېدىرىپ تەكشۈرۈشنى ئورتاق تېزلىتىشكە كېلىشتى .

     جۇڭگو سودا–سانائەت مەمۇرى باشقۇرۇش باش ئىدارىسى ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە ، 2007–يىلىدىن بۇيان ، دۆلەت سودا–سانائەت مەمۇرى باشقۇرۇش باش ئىدارىسىنىڭ تاۋار ماركىسى ئىدارىسى ۋە تاۋار ماركىسىنى باھالاش كومىتېتى ئورتاق ئېتىراپ قىلغان داڭلىق ماركا 427 بولغان . نۆۋەتتە قانۇن بويىچە ئېتىراپ قىلىنغان داڭلىق ماركا 1 مىڭ 234 كە يەتكەن .

    بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ، مەملىكىتىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك تاموژنا ئورۇنلىرى مەركەزنىڭ ماكرولۇق ئىقتىسادنى تەڭشەپ كونترول قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك بىر يۈرۈش سىياسەتلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ، باج يىغىش خىزمىتىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ ، تاموژنا يىغىشقا تېگىشلىك باجنى چوقۇم يىغىشقا كاپالەتلىك قىلدى . 1–ئايدىن 6–ئايغىچە ، مەملىكەت بويىچە ھەر دەرىجىلىك تاموژنا ئورۇنلىرى يىغىپ خەزىنىلەشتۈرگەن باج 489 مىليارد 590 مىليون يۈەنگە يېتىپ ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 128 مىليارد 400 مىليون يۈەن كۆپىيىپ ، %35.6 ئاشقان .

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ