باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىقتىسادىي خەۋەرلەر
مەركەز مالىيىسى ئاپتونوم رايونىمىزدىن سىرتقا توشۇلىدىغان پاختىغا ياردەم پۇلى بېرىدۇ
2008- 07- 15 17:06 تەڭرىتاغ تورى

      مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ پاختىچىلىق كەسپىنىڭ تەرەققىياتىدا ياخشى ۋەزىيەت كۆرۈلگەن . بۇنىڭدىن كېيىن ئاپتونوم رايونىمىزدىن سىرتقا توشۇلىدىغان ھەر توننا پاختىغا مەركەز مالىيىسى 400 يۈەن نورمىلىق ياردەم پۇلى بېرىدىكەن .

      ئىگىلىنىشىچە ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 2007–2008–يىللىق مەھسۇلات مىقدارى 2 مىليون 700 مىڭ توننا بولۇپ ، بۇنىڭ ئىچىدە يەرلىكتە ئىشلىتىلىدىغان پاختا 450 مىڭ توننا بولۇپ ، قالغان 2 مىليون 250 مىڭ توننا پاختا ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە توشۇلۇپ سېتىلىدىكەن . ئەمما توشۇش تەننەرخى يۇقىرى بولغانلىقتىن ، سىرتقا يۆتكەپ سېتىش قىيىنغا توختاپ ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 630 مىڭ توننا پاختا ھازىرغىچە بېسىلىپ قالغان . بۇنىڭ ئىچىدىكى 8 توننىسى  دۆلەتنىڭ 2006– يىلىدىكى زاپاس پاختىسى ئىكەن .

      ئاپتونوم رايونىمىز پاختىلىرىنىڭ سىرتقا يۆتكەش تەننەرخى يۇقىرى بولغانلىقتىن ، بېسىلىپ قېلىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا ياردەم بېرىش ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ پاختىچىلىق كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى قوغداش ئۈچۈن ، مالىيە مىنىستىرلىكى يېقىندا ‹‹شىنجاڭدىن سىرتقا توشۇلىدىغان پاختىغا قوشۇمچە يادەم بېرىشنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ۋاقتلىق يولغا قويۇش چارىسى›› نى چىقىرىپ ، دۆلەت ئۆلچىمىگە مۇۋاپىق بولغان سىرتقا توشۇلىدىغان پاختا بولسىلا ، دەرىجىسىنى ئايرىماي ، مەركەز مالىيىسى ھەر توننىسىغا 400 يۈەن قوشۇمچە ياردەم بېرىشنى قارار قىلدى .‹‹ۋاقىتلىق يولغا قويۇش چارىسى››دە ، ئاپتونوم رايونىمىزدىن سىرتقا توشۇلىدىغان پاختىنىڭ ئىگىدارچىلىق ھوقۇقىغا ئىگە پاختا سېتىۋېلىش ، پىششىقلاپ ئىشلەش كارخانىلىرى ، پاختا تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كارخانىلار ۋە توقۇمىچىلىق كارخانىلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ مالىيە قوشۇمچە ياردىمىدىن بەھرىمەن بولىدىغانلىقى بەلگىلەندى .  

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ