|
5–ئاي كىرگەندىن بۇيان ، قورغاس چېگرا ئېغىزى ئادەتتىكى كۈنلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ ئالدىراش بولۇپ كەتتى . مۇخبىر چېگرا ئېغىزىدا ، نەچچە يۈز توننا يۈك بېسىلغان چوڭ تىپتىكى ئاپتوموبىللارنىڭ ئۇزۇن ئۆچىرەتتە تۇرۇپ كەتكەنلىكىنى ، يۈك مەيدانىدا خادىملارنىڭ جىددىي يۈك يۆتكەۋاتقانلىقىنى كۆردى . ئىش بېجىرىش زالىدا ، قازاقىستانلىق سودىگەر سىرباي تاموژنىدىن چىقىش رەسمىيىتىنى بېجىرىۋاتاتتى . ئۇ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ‹‹مەن بۇ يەرگە كېلىپ بىر رېستوران ئاچماقچى بولىۋاتىمەن . بۇ بىر قانچە يىلدا چېگرا ئېغىزى خەلقئارا ترانسپورت كەسپىنىڭ تەرەققىياتى ئىنتايىن ياخشى بولدى . يولۇچىلار سانى ، يۈك ترانسپورت مىقدارى ئالاھىدە كۆپ بولدى . مەن تىجارىتىمنىڭ كۆپ قىسمىنى شىنجاڭدا قىلماقچى بولۇۋاتىمەن››.
10نەچچە يىل ئىلگىرى ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئەڭ چوڭ قۇرۇقلۇق چېگرا ئېغىزى—قورغاس چېگرا ئېغىزى بىر قاقاسلىق ئىدى . بۈگۈنكى كۈندە ، چېگرا ئېغىزىنىڭ تەدرىجىي زورىيىشىغا ئەگىشىپ ، بۇ يەرنىڭ سودىسى قىزىپ كەتتى . دۆلەت ئىچى–سىرتىدىكى سودىگەرلەر ئارقا–ئارقىدىن كەلدى . ئۆي - زېمىن ، مۈلۈك كەسپىمۇ راۋاجلىنىشقا باشلىدى . قورغاس چېگرا ئېغىزى قاتناش–ترانسپورت ئىشلىرىنى باشقۇرۇش پونكىتىنىڭ باشلىقى ياڭ رۈي مۇنداق دېدى: ‹‹بۇ زور ئۆزگىرىشلەرنى قاتناش شارائىتىنىڭ ياخشىلىنىشى بىلەن قاتناش مۇئەسسەسەلىرىنىڭ كۈنسىرى مۇكەممەللىشىشىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ . تۆمۈر يول چېگرا ئېغىزىنىڭ قۇرۇلۇشى خەلقئارا ترانسپورتتا پائال ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى ئوينىدى . غۇلجا ئايروپورتىنى ئۆزگەرتىش ، كېڭەيتىپ قۇرۇش ئاۋىئاتسىيە چېگرا ئېغىزى قۇرۇلۇشىغىمۇ بىر سۇپا بولدى . چېگرا ئېغىزىنىڭ قاتناش جەھەتتىكى جۇغراپىيىلىك ئورنى ئىنتايىن زور ئەۋزەللىككە ئىگە بولۇپ ، قازاقىستاندىكى ئەڭ يېقىن بولغان شەھەر بىلەن بولغان ئارىلىقى 35 كېلومېتىر كېلىدۇ . قاتناش ئاساسى يەنىمۇ راۋاجلىنىۋاتىدۇ››.
قورغاس چېگرا ئېغىزىنىڭ گۈللىنىشى—ئاپتونوم رايونىمىز خەلقئارا ترانسپورتىنىڭ تېز راۋاجلىنىۋاتقانلىقىنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى . ئاپتونوم رايونىمىز دۆلەتنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى دەرۋازىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ، بۇ يىللاردا تاشيول ، تۆمۈر يول قاتناش تورىغا تايىنىپ خەلقئارا تاشيول ترانسپورتىنى يوقلۇقتىن بارلىققا كەلتۈردى . نۆۋەتتە ، جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشتەك ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى . بۇلتۇرنىڭ ئاخىرىغىچە ، گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشى بىلەن بىرىنچى دەرىجىلىك 17 چېگرا ئېغىزى سىرتقا قارىتا ئېچىۋېتىلدى . قۇرۇقلۇق چېگرا ئېغىزى 15 كە ، خەلقئارا تاشيول يولۇچىلار ترانسپورتى ، يۈك ترانسپورتى بىلەن شوغۇللىنىدىغان كارخانا 66 گە ، خەلقئارا تاشيول يولۇچىلار، يۈك ترانسپورت ئاپتوموبىللىرى 2 مىڭ 393 گە يېتىپ، ئۈرۈمچىنى مەركەز قىلغان، چېگرا ئېغىزىنى ئالدىنقى بازا قىلغان، تەسىر كۆچى ئەتراپتىكى دۆلەتلەرگە كېڭەيگەن كۆپ قاتلاملىق، ئەتراپلىق خەلقئارا تاشيول قاتناش ترانسپورت تورى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندى . ئاپتونوم رايونلۇق تاشيول ترانسپورتىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى زۇلپىيە ئابدۇقادىر مۇنداق دېدى: ‹‹خەلقئارا تاشيول ترانسپورتى ئۈزلۈكسىز تارىخىي خاراكتېرلىك تەرەققىياتلارغا ئېرىشتى . ئىلگىرى–كېيىن بولۇپ ، قازاقىستان قاتارلىق ئەتراپتىكى 5 دۆلەت بىلەن خەلقئارا تاشيول ترانسپورت يولۇچىلار ، يۈك ترانسپورت لىنىيىلىرىدىن 101 نى ئاچتى . بۇ مەملىكەت بويىچە ئېچىۋېتىلگەن خەلقئارا تاشيول ترانسپورت لىنىيىلىرىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلىدى . مەملىكەت بويىچە خەلقئارا ترانسپورت لىنىيىسى ئەڭ كۆپ ، قاتناش مۇساپىسى ئەڭ ئۇزۇن ، يولۇچىلار ترانسپورت نۆۋەتچى ئاپتوبوسلىرى ئەڭ كۆپ قاتنايدىغان رايون بولۇپ قالدى . 2007–يىلى خەلقئارا يولۇچىلار ترانسپورت مىقدارى ۋە يۈك ترانسپورت مىقدارىدا تۇنجى قېتىم قوش مىليونلۇق ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتۈپ ، كۆپ يىللاردىن بۇيان ئۇدا يۇقىرى ، يېڭى رېكورت يارىتىلدى.
نۆۋەتتە، جىڭ–غۇلجا–قورغاس تۆمۈر يولى ، قورغاس يۇقىرى دەرىجىلىك تاشيولى ۋە جۇڭگو–قازاقىستان نېفىت ، تەبىئىي گاز تۇرۇبا 2–لىنىيىسى قۇرۇلۇشى جىددىي ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. بۇ قۇرۇلۇش تاماملانغاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ خەلقئارا تاشيول ترانسپورتىنىڭ تېخىمۇ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولىدۇ .
|