باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى
روھلاندۇرۇش دورىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، سېتىشنى مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتىنىڭ 1 - باسقۇچلۇق خىزمىتى ئاخىرلاشتى
2008- 07- 15 12:35 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

     نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە روھلاندۇرۇش دورىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، سېتىشنى مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتىنىڭ 1 - باسقۇچلۇق خىزمىتى ئاخىرلىشىپ، نازارەت قىلىش، ئۆتكەلگە ھوجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ نىشانى — دورا مەنبىئى تىپىدىكى روھلاندۇرۇش دورىلىرى مەسىلىسىنىڭ يۈز بەرمەسلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش.

      ئاپتونوم رايونىمىز روھلاندۇرۇش دورا ماددىسى بار دورا ماتېرىياللىرى ۋە داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ دورا ياساش بەلگىسى ۋە چۈشەندۈرۈشىدە ‹‹تەنھەرىكەتچىلەر ئىشلەتكەندە ئېھتىيات قىلىش كېرەك›› دەپ  ئىزاھلاپ قويۇش خىزمىتىنى تاماملىدى. ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە دورا ماتېرىياللىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان 15 كارخانا ئىشلەپچىقارغان تەركىبىدە روھلاندۇرۇش دورا ماددىسى بار 59 دورا ماتېرىيالى بىلەن 50 داۋالاش ئاپپاراتى ياسىغان تەركىبىدە روھلاندۇرۇش دورا ماددىسى بار 281 دورا تۈرى چۈشەندۈرۈشى ياكى بەلگىسى ئۈستىگە ‹‹تەنھەرىكەتچىلەر ئىشلەتكەندە ئېھتىيات قىلىش كېرەك›› دەپ ئىزاھلاپ قويۇلدى. بەلگىلىمە بويىچە دورا ماتېرىياللىرى بەلگىسى ۋە چۈشەندۈرۈشىگە ‹‹تەنھەرىكەتچىلەر ئىشلەتكەندە ئېھتىيات قىلىش كېرەك›› دەپ ئىزاھلاپ قويۇلمىغان تەركىبىدە روھلاندۇرۇش دورىسى بار دورا ماتېرىياللىرىنى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى تەشەببۇسكارلىق بىلەن يىغىۋېلىشى، تىجارەت كارخانىلىرى بۇ خىل دورىلارنى سېتىشتىن توختىتىشى كېرەك.

     ئاپتونوم رايونىمىز داڭلىق ساياھەت رايونلىرىنى نۇقتىلىق رايون، ئاقسىلنى ئۆزلەشتۈرۈپ دورا ياساش، پېپتىد تۈرىدىكى ھورمۇنلارنى نۇقتىلىق تۈر قىلىپ، ئاپتونوم رايون تەۋەسىدە روھلاندۇرغۇچى دورىلارنى ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش پائالىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك تەرتىپكە سالىدۇ. شىنجاڭ دورا ياساش زاۋۇدى قاتارلىق ئۈرۈمچى رايونىدىكى 10 كارخانىنىڭ مەسئۇللىرى تەركىبىدە روھلاندۇرغۇچى دورا بار دورا ماتېرىياللىرىنى قېلىپلاشتۇرۇش مەسئۇلىيەت ۋەدىنامىسىنى ئىمزالىدى.

     مەخسۇس تەرتىپكە سېلىش ئارقىلىق، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى دورا  ئىشلەپچىقىرىدىغان، توپ ساتىدىغان كارخانىلار قانۇن ۋە بەلگىلەنگەن يوللار بويىچە ئاقسىل ئۆزلەشتۈرۈپ ياسالغان دورىلار، پېپتىد تۈرىدىكى ھورمۇنلارنى ساتىدۇ، دورا ماتېرىياللىرىنى پارچە سېتىش كارخانىلىرى رېتسىپ بويىچە ئىنسۇلىن ۋە باشقا رېتسىپلىق دورىلارنى باشقۇرۇش چارىسى يولغا قويۇلغان روھلاندۇرۇش دورىلىرىنى سېتىپ، دورا مەنبىئى تىپىدىكى روھلاندۇرۇش دورىسى مەسىلىسىنىڭ پەيدا بولماسلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ.

 

( مۇھەررىر : قـەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ