|
بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى جايلار ئوت ئاپىتى يوشۇرۇن خەۋىپىنى ئېنىقلاش، تەكشۈرۈپ تۈزىتىش بويىچە 100 كۈنلۈك مەخسۇس تۈزەش ھەركىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئوت ئاپىتى يوشۇرۇن خەۋپىنى بىخ ھالىتىدە يوقاتتى. ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى ئوت ئۆچۈرۈش باش ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋۇ شىنگۇاڭ مۇنداق دېدى: ‹‹بۇ يىلنىڭ بېشىدىن مۇشۇ ئاينىڭ 7– كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايون بويىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئوت ئاپىتى يوشۇرۇن خەۋىپى بار ئورۇندىن 16 مىڭ 277 ى بايقالدى، تۈزىتىلگىنى 14 مىڭ 838 گە، تۈزىتىلىش نىسبىتى %91.6 كە يېتىپ تۈرلۈك كۆرسەتكۈچلەر مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتارغا ئۆتتى››.
ۋۇ شىنگۇڭ مۇنداق دېدى:‹‹ نۆۋەتتە يەنە بىر مىڭ 439 ئورۇندا ئوت ئاپىتىنىڭ يوشۇرۇن خەۋىپى مەۋجۇت، بۇنىڭ ئىچىدىكى 34 ئورۇننىڭ ئوت ئاپىتى يوشۇرۇن خەۋىپىنى تۈزەش سالمىقى زور. شۇنىڭ ئۈچۈن ئولىمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسى بىلەن مېيىپلار ئولىمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسى مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتى ئوت ئۆچۈرۈش باش ئەترىتى ‹‹ئۈچ تۈرلۈك تەدبىر›› قوللىنىپ ئولىمپىك تەنھەرئكەت مۇسابىقىسى مەزگىلىدىكى بىخەتەر ئىشلەپچىرىشقا كاپالەتلىك قىلىدۇ. بىرىنچىدىن بۇ مەزگىلدە بايقالغان ئوت مۇداپىئەسىگە خىلاپ قىلمىشلار ۋە ئوت ئاپىتى يوشۇرۇن خەۋىپىنى تېز بىر تەرەپ قىلىمىز. ئىككىنچىدىن، بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلالمايدىغان ئورۇنلار بايقالسا، كەسكىن تەدبىر قوللىنىپ، يەرلىك ھۆكۈمەت ۋە ئولىمپىك بىخەتەرلىكىگە رەھبەرلىك قىلىش گورۇپىسىنىڭ ماقۇللىقىدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئالدىن تاقاپ كېيىن بىر تەرەپ قىلىمىز. ئۈچىنچىدىن، قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلار بايقالغان ھامان قاتتىق جازالايمىز››.
|