باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>خەلقئارا خەۋەرلەر
لوندون مېترو پولىتان ئۇنىۋېرسىتېتى دالايغا ئۇنۋان بەرگەنلىكىدىن كەچۈرۈم سورىدى
2008- 07- 15 11:50 شىنجاڭ گېزىتى

   ‹‹يەر شارى ۋاقىت گېزىتى›› نىڭ ئىگىلىشىچە، دالايغا پەلسەپە ئىلمى بويىچە پەخرىي دوكتورلۇق ئۇنۋانى بېرىپ، جۇڭگولۇق تور ئەھلىنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغان ئەنگلىيە مېتروپولىتان ئۇنىۋېرسىتېتى يېقىندا جۇڭگودىن رەسمىي كەچۈرۈم سورىغان. بۇ مەكتەپنىڭ مۇدىرى مەكتەپ تور پونكىتىدىكى ‹‹شىزاڭ مۇستەقىللىقى›› ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئائىت نامۇۋاپىق سۆزلەرنى ئۆچۈرۈۋەتكەندىن باشقا، يەنە جۇڭگونىڭ ئەنگلىيىدىكى باش ئەلچىخانىسىغا خەت ئەۋەتىپ، دالايغا پەخرىي ئۇنۋان بېرىپ، ‹‹جۇڭگو خەلقىنى نارازى قىلىپ قويغانلىقىدىن كەچۈرۈم سورىغان›› ھەم ‹‹بۇنداق ئىش بۇنىڭدىن كېيىن تەكرارلانمايدۇ››، دەپ ۋەدە بەرگەن.

   لوندون مېتروپولىتان ئۇنىۋېرسىتېتى دالاينىڭ ‹‹دۇنيا تىنچلىقىغا تۆھپە قوشقانلىقىنى تەقدىرلەش ئۈچۈن››، 5 – ئاينىڭ 21 – كۈنى ئۇنىڭغا پەلسەپە ئىلمى بويىچە پەخرىي دوكتورلۇق ئۇنۋانى بەرگەن. ‹‹يەر شارى ۋاقىت گېزىتى›› مۇخبىرىنىڭ ئىگىلىشىچە، لوندون مېتروپولىتان ئۇنىۋېرسىتېتى 2002 – يىلى شىمالىي لوندون ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن لوندون شەھەر مەمۇرىيىتى نازارىتى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ  بىرلىشىشى بىلەن قۇرۇلغان. بىرلىشىشتىن ئىلگىرىكى مەكتەپ 1998 – يىلىدىن باشلاپ ‹‹زاڭزۇلار ئوقۇش مۇكاپات پۇلى تۈرى››نى تەسىس قىلغان، ئىككى مەكتەپ بىرلەشكەندىن كېيىنمۇ، بۇ تۈر داۋاملىق يولغا قويۇلغان. بۇ مەكتەپنىڭ تور پونكىتىدا: بۇ تۈرگە ئاساسەن ھىندىستان، نېپال، بۇتاندا سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن زاڭزۇ ئوقۇغۇچىلارغا مەخسۇس ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بېرىلىدۇ، دەپ ئېنىق يېزىلغان. بۇ مەكتەپنىڭ مەسئۇلى ئۆتكەن ئون يىلدا لوندون مېتروپولىتان ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن 11 زاڭزۇ ئوقۇغۇچىغا  400 مىڭ ياۋرۇ ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بەرگەنلىكىنى ئېيتقان.

   لوندون مېتروپولىتان ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى روپېر 6 – ئاينىڭ 16 – كۈنى جۇڭگونىڭ ئەنگلىيىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىگە خەت ئەۋەتىپ، دالايغا پەخرىي دوكتورلۇق ئۇنۋانى بەرگەنلىكىدىن كەچۈرۈم سورىدى. روپېر مەكتىپىمىز جۇڭگو بىلەن ياخشى مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا تىرىشىدۇ، جۇڭگو بىلەن يېقىندىن ھەمكارلىشىشنى خالايدۇ. دېدى. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: بېيجىڭ ئو ت م نى قوللايمەن. بېيجىڭ ئو ت م ‹‹جۇڭگونىڭ دۇنيا سەھنىسىدە مۇھىم ۋە ئىجابىي رول ئوينىغانلىقىنىڭ دەلىلى››. ‹‹ئو ت م مەشئىلىنىڭ غەرب ئەللىرىدە يەتكۈزۈلۈش جەريانىدا سىياسىي سەۋەب تۈپەيلىدىن ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقىدىن ئۈمىدسىزلەندىم، بېيجىڭ ئو ت م نى قەتئىي قوللايمەن، شۇنداقلا ئۇنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈشىگە تىلەكداشمەن››.

 ‹‹يەر شارى ۋاقىت گېزىتى››دىن  

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ