|
ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت زېمىن بايلىقى نازارىتىدىن ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ھەر قايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ 2007 – يىللىق تېرىلغۇ يەرلەرنى قوغداش نىشان مەسئۇلىيەتنامىسىنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈش ئەھۋالىنى باھالاش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئاپتونوم رايوننىڭ جايلارغا چۈشۈرۈپ بەرگەن تېرىلغۇ يەرلەرگە ئىگىدارچىلىق قىلىش مىقدارى ۋە ئاساسىي ئېتىزلارنى قوغداش كۆلىمى كەملىمىگەن، كۆپ قىسىم رايونلارنىڭ تېرىلغۇ كۆلۈمىدە ئېشىش ۋەزىيىتى كۆرۈلگەن.
ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر ئىچىدە، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، ئالتاي ۋىلايىتى، سانجى خۈيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى، خوتەن ۋىلايىتى، تۇرپان ۋىلايىتى، قۇمۇل ۋىلايىتى ۋە قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 2006 – يىلىدىكىدىن ئاشقان؛ تارغاباتاي ۋىلايىتى، قاراماي شەھىرى ۋە شىخەنزە شەھىرىدە تېرىلغۇ يەر ئومۇمىي كۆلىمىدە ئىگىلىۋېلىنغان يەرگە قوشۇمچە ياردەم پۇلى بېرىپ تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلغان.
ئىگىلىنىشىچە، خوتەن ۋىلايىتى بۇ قېتىملىق نىشان مەسئۇلىيەتنامە باھالىشىدا 98.3 نومۇرلۇق ياخشى نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرغان. بۇ ۋىلايەت ئۆز جايىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەر كۆلىمىنىڭ 1.39 مو بولۇشتەك ئەھۋالىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئاساسىي ئېتىزلارنىڭ قوغدىلىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، ھەر پەسىلدە ئاساسىي ئېتىزلارنىڭ قوغدىلىش ئەھۋالىنى قەرەللىك تەكشۈرۈپ، ئاساسىي ئېتىزلارنى قوغداش تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلغان.
قەشقەر ۋىلايىتى، سانجى ئوبلاستى قاتارلىق جايلار ئىگىلىۋېلىنغان تېرىلغۇ يەرلەرگە قوشۇمچە يادەم پۇلى بېرىپ تەڭپۇڭلاشتۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىش جەھەتتە، يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ كۆرسەتكۈچ زاپاس ئامبىرىنى قۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىدىن باشقا قۇرۇلۇش تۈرلىرى ئىگىلىگەن تېرىلغۇ يەرلەرگە قارىتا ‹‹ئالدى بىلەن قوشۇمچە ياردەم پۇلى بېرىپ ئاندىن ئىگىلەش›› نى ئىشقا ئاشۇرغان. جايلار ‹‹سۇغا قاراپ يەر بەلگىلەش›› پىرىنسىپىغا ئاساسەن، سۇ تېجەيدىغان تېمىتىپ سۇغۇرىش تېخنىكىسىنى يولغا قويۇش، يەرلەرنى رەتكە سېلىپ، قايتا ئۆزلەشتۈرۈش سالمىقىنى زورايتىش ۋە يېزا ئىگىلىك قۇرۇلمىسىنى مۇۋاپىق تەڭشەش تەدبىرى ئارقىلىق، تېرىلغۇ يەر سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرگەن.
بۇ قېىتملىق باھالاشتا يەنە، بىر قىسىم جايلارنىڭ تېرىلغۇ يەرلەرنى قوغداش بولۇپمۇ ئاساسىي ئېتىزلارنى قوغداش ئەسلىھەلىرىنىڭ كەمچىل، قوغداش راسخوتىنىڭ يېتەرسىز، ناھىيە، يېزا، كەنت، دېھقان ئائىلىسىدىن ئىبارەت تۆت دەرىجىلىك قوغداش مەسئۇلىيەتنامىسىنىڭ ئىمزالىنىشىنىڭ مۇكەممەل ئەمەسلىكى؛ ھەر قايسى كەسىپلەرنىڭ يەر ئىشلىتىش زىددىيىتىنىڭ كۈندىن – كۈنگە گەۋدىلىنىپ، تۈرنى بىر تەرەپتىن تەستىقلىتىپ بىر تەرەپتىن يەر ئىگىلەش مەسىلىلىرىنىڭ يەنىلا مەۋجۈت ئىكەنلىكى؛ ئايرىم جايلارنىڭ تېرىلغۇ يەرلەرنى قوغداش نىشان مەسئۇلىيەتنامىسىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى نازارەت قىلىش ۋە ئۆزىنى ئۆزى تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ سالمىقى يېتەرسىز بولۇپ، يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش تۈرلىرىنىڭ ئىگىلىگەن يەرلىرىگە قوشۇمچە ياردەم بېرىپ تەڭپۇڭلاشتۇرۇش خىزمىتىنىڭ تاماملانمىغانلىقى بايقالغان.
|