باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>خەلقئارا خەۋەرلەر
ئامېرىكا تور پونكىتى:جۇڭگو ‹‹قەستكارلارنىڭ جەننىتى››،دېدى
2008- 07- 15 11:47 شىنجاڭ گېزىتى

   ئامېرىكىنىڭ ھەربىي تور پونكىتى ‹‹يەر شارى ئىستراتېگىيىسى تورى››نىڭ 1 – ئىيۇلدىكى ماقالىسىدە جۇڭگو تورنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشتا قوش ئۆلچەمنى يولغا قويۇپ، قەستكارلارنىڭ باشقا دۆلەتلەرنىڭ تور پونكىتىغا ھۇجۇم قىلىشىغا رۇخسەت قىلدى، دەپ ئەيىبلىدى ھەم جۇڭگو تور جىنايەتچىلىرىنىڭ ئەڭ بىخەتەر جەننىتىگە ئايلاندى، دېدى. ‹‹جۇڭگولۇق قەستكارلارنىڭ تەھدىتى››نى بازارغا سېلىش ئامېرىكىدىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بىلەن بەزى پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئەڭ كۆپ قىلىۋاتقان ئىشلىرىنىڭ بىرى بولسىمۇ، پۈتۈنلەي قۇرۇق گەپ سېتىش بولۇپ، ھەقىقىي دەلىل – ئىسپاتى يوق. بىراق، ئامېرىكا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ قىلمىشلىرى ئامېرىكىنىڭ ‹‹جۇڭگولۇق قەستكارلار›› توغرىسىدا گەپ ساتىدىغانلارنىڭ جەننىتىگە ئايلانغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بەردى.

   ‹‹يەر شارى ئىستراتېگىيىسى تورى›› نىڭ 1 – ئىيۇلدىكى ماقالىسىدە مۇنداق دېيىلدى: يامان غەرەزلىك يۇمشاق ماتېرىياللارنى تارقاتقان تور پونكىتلىرىنى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق، تەڭ يېرىمىنىڭ دۇنيادىكى ئوندەك تور مۇلازىمىتى سودىگىرى بىلەن ئالاقىسى بارلىقى، ئالتىسىنىڭ جۇڭگودا ئىكەنلىكى بايقالدى. شۇڭا، جۇڭگونىڭ تور جىنايەتچىلىرى ئۈچۈن ئەڭ بىخەتەر جايلارنىڭ بىرى بولۇپ قالغانلىقى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس.

   بۇ ماقالىدە يەنە مۇنداق دېيىلدى: جۇڭگودا تور قاتتىق نازارەت قىلىنىدۇ، 30 مىڭچە مەخپىي ساقچىدىن تەشكىللەنگەن كومپيۇتېر تېخنىكلىرى قوشۇنى نازارەت قىلىپ تىزگىنلەش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان. ئەمەلىيەتتە، نۇرغۇن تور خەۋپىنىڭ جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ سۈكۈت قىلىشى بىلەن جۇڭگودىن تارقالغانلىقى ھازىر مەخپىيەتلىك ھېسابلانمايدۇ. مەلۇم دۆلەت جۇڭگو بىلەن قىزىرىشىپ قالسا، بۇ دۆلەتنىڭ تور پونكىتى، بولۇپمۇ ھۆكۈمەت تور پونكىتى قەستكارلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرايدۇ. بۇ قەستكارلارنىڭ ئىزىغا چۈشۈپ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ جۇڭگودا ئىكەنلىكى مەلۇم بولىدۇ. ئېنىقكى، قەستكارلار ‹‹ۋەتەن ئۈچۈن خىزمەت قىلىش››قا رازى بولسا، جۇڭگو ئۇلارنىڭ بىخەتەر جەننىتى.

   ئامېرىكا ‹‹تور دۇنياسى›› ژۇرنىلىنىڭ ئۆتكەن ئايدىكى سانىدا ئامېرىكىلىق مۇتەخەسسىسنىڭ سۆزىدىن نەقىل كەلتۈرۈلۈپ، يۇقىرىقى سۆزلەرگە رەددىيە بېرىلدى. ئامېرىكا SANS  تور مەركىزىنىڭ مۇدىرى ماكس: جۇڭگونىڭ IP ئادرېسىغا ئاساسلىنىپلا، قەستكارنىڭ جۇڭگولۇق ئىكەنلىكىنى دەلىللەشكە بولمايدۇ، دېدى.

 ‹‹يەر شارى ۋاقىت گېزىتى››دىن 

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ