باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى
كەسپىي زاتلار: خوجىلىق باشقۇرۇشنىڭ مارگىنال ئۈنۈمىنى قېزىشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك، دېدى
2008- 07- 15 11:46 شىنجاڭ گېزىتى

   شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 13 – ئىيۇل تېلېگراممىسى. خوجىلىق باشقۇرۇش كەسپىدىكى ئومۇمىي پايدا تۆۋەنلەش، يېرىمدىن ئارتۇق كارخانا پايدا ئالالماسلىقتەك ئەھۋاللارغا نىسبەتەن مۇلازىمەت ئۈنۈمىنى قانداق ئۆستۈرۈش مەسىلىسى خوجىلىق باشقۇرۇش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كارخانىلارنىڭ ھازىرقى ئەڭ جىددىي ۋەزىپىسى بولۇپ قالدى. جۇڭگو خوجىلىق باشقۇرۇش جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى شيې جياجىن مۇنداق دېدى: ‹‹كارخانا خوجىلىق باشقۇرۇشنىڭ مارگىنال ئۈنۈمىنى جارى قىلدۇرۇشى، كۆپ خىل تىجارەت كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق خوجىلىق باشقۇرۇشنىڭ بايلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك››.

   شيې جياجىن مۇنداق دېدى: ‹‹ھازىر خوجىلىق باشقۇرۇش كارخانىلىرىنىڭ تىجارەت تاپاۋىتى مۈلۈك باشقۇرۇش يۈكسەكلىكىگە كۆتۈرۈلمىدى، كېلىشىملىك مۇلازىمەتتىن كىرىدىغان كىرىمنى كۆپەيتىش ۋە كۆلەم شەكىللەندۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلىنمىدى. بىر قىسىم داڭلىق كارخانىلار ۋاسىتىچىلىك كەسپىي ئورۇنلىرىنى تەسىس قىلىش ئارقىلىق خېرىدارلارغا ۋاكالىتەن ئۆي ئىجارىگە بېرىش، ئۆي سېتىش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىپلا يىللىق كىرىمىنى %50 تىن ئارتۇق ئاشۇردى. باشقا شەكىللەردە يەنى يېمەك – ئىچمەك مۇلازىمىتى، مېھمانخانا شەكلىدىكى ياتاق ئۆي مۇلازىمىتى، سۇغۇرتا كەسپىنى ۋاكالىتەن بېجىرىش، بېلەت ئېلىش ئىشلىرىنى ۋاكالىتەن بېجىرىش قاتارلىق شەكىللەردە قىلىنغان خوجىلىق مۇلازىمىتى ئولتۇراق رايوندىكى ئاھالىنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشىپلا قالماي، كارخانا ئۈچۈن يېڭى تاپاۋەت يولى ئاچتى››.

   شيې جياجىن مۇنداق دېدى: ‹‹كەسپ زەنجىرىنى ئۇزارتىش ––– خوجىلىق باشقۇرۇش كەسپىدە ئىقتىسادنىڭ ئېشىش نۇقتىسىنى ئىزدەشتىكى ئۈنۈملۈك يول، يۇقىرىغا ئۇزارتقاندا مەسلىھەت بېرىش مۇلازىمىتى ۋە ۋاكالىتەن سېتىش كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇشقا بولىدۇ، تۆۋەنگە ئۇزارتقاندا مۇلازىمەت مەھسۇلاتى، ئىلمىي، نازۇك بولغان مۈلۈك باشقۇرۇش ۋە كۆپ خىل، سۈپەتلىك، خاس مۇلازىمەتتە يېڭىلىق يارىتىشقا بولىدۇ، بۇنداق قىلغاندا خېرىدارلار ئۈچۈن خوجىلىق باشقۇرۇشنىڭ قىممىتىنى ئاشۇرغىلى ھەم تۇرمۇشقا قولايلىق ياراتقىلى بولۇپلا قالماستىن كارخانىلارنىڭ بەلگىلىك ئىقتىسادىي ئۈنۈمگە ئېرىشىشىنى ئىلگىرى  سۈرۈپ جەمئىيەت ئۈچۈن بايلىق ياراتقىلى بولىدۇ››.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ