|
يىغىندا ئاپەت رايونىدىكى قىيىنچىلىقى بار ئاممىنى داۋاملىق پاناھلاندۇرۇش سىياسىتى مۇھاكىمە قىلىندى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 – ئىيۇل تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى، گوۋۇيۈەن يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش – ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش باش قوماندانلىق شتابىنىڭ باش قوماندانى ۋېن جياباۋنىڭ رىياسەتچىلىكىدە بۈگۈن چۈشتىن كېيىن باش قوماندانلىق شتابىنىڭ 23 – يىغىنى ئېچىلىپ، يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەن رايونلاردىكى قىيىنچىلىقى بار ئاممىنى داۋاملىق پاناھلاندۇرۇش سىياسىتى قاتارلىق مەسىلىلەر مۇھاكىمە قىلىندى.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ۋېنچۇەندە يەر تەۋرىگەندىن كېيىن، دۆلەت ئاپەت رايونىدىكى قىيىنچىلىقى بار ئاممىنى تۇرمۇش جەھەتتە ئۈچ ئاي پاناھلاندۇرۇش سىياسىتىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئاپەتكە ئۇچرىغان كۆپ قىسىم رايوندا 9 – ئايغىچە ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپىنىڭ ئاساسەن ئەسلىگە كېلىشى مۆلچەرلەنمەكتە، لېكىن ئاپەت ئېغىر بولغان بەزى رايونلاردىكى ئاپەتكە ئۇچرىغان قىسمەن ئاممىنىڭ تۇرمۇشى يەنىلا مۇقىمسىز ھالەتتە تۇرماقتا، يەنە نۇرغۇن قىيىنچىلىق مەۋجۇت. شۇڭا يىغىندا تۇرمۇش جەھەتتە ئۈچ ئاي ۋاقىتلىق پاناھلاندۇرۇش سىياسىتىنىڭ قەرەلى توشقاندىن كېيىن، ھۆكۈمەتنىڭ تۇرمۇشى يەنىلا مۇقىمسىز بولۇۋاتقان ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى داۋاملىق پاناھلاندۇرۇشى قارار قىلىندى. پاناھلاندۇرۇش ئوبيېكتلىرى ئاساسلىقى يېتىم بالىلار، پاناھسىز قېرى – چۆرىلەر، پاناھسىز مېيىپلەر، قازا قىلغان (يوقاپ كەتكەنلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) لارنىڭ تۇرمۇشتا قىيىنچىلىقى بار ئۇرۇق – تۇغقانلىرى، ئېغىر يارىلانغان، مېيىپ بولۇپ قالغانلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر، يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇلغانلار، ئاپەتتە تۇرالغۇسى ئۆرۈلۈپ چۈشكەن ياكى ئېغىر بۇزۇلغان ۋە ياكى تۇرمۇشتا قىيىنچىلىقى بار ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. داۋاملىق پاناھلاندۇرۇش سىياسىتىدە نەق پۇل ياردىمى ئاساس قىلىنىدىغان بولۇپ، ئوزۇق – تۈلۈك تارقىتىپ بېرىلمەيدۇ. كىشى بېشىغا ئايدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 200 يۈەن ياردەم بېرىلىدۇ، مۇشۇ ئاساستا يېتىم بالىلار، پاناھسىز قېرى – چۆرىلەر، پاناھسىز مېيىپلەرنىڭ ياردەم ئۆلچىمى مۇۋاپىق ئۆستۈرۈلىدۇ. ياردەم بېرىش قەرەلى 9 – ئايدىن 11 – ئايغىچە بولىدۇ. پاناھلاندۇرۇش سىياسىتىنىڭ قەرەلى توشقاندىن كېيىن، تۇرمۇشتا قىيىنچىلىقى بار، پاناھلاندۇرۇش زۆرۈر بولغان ئاپەتكە ئۇچرىغان ئامما شەھەر – يېزىلارنىڭ ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى، يېزىلاردا بەشتە كاپالەتلەندۈرۈپ بېقىش ۋە ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلقنىڭ تۇرمۇش قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش بويىچە قىش – ئەتىيازلىق ۋاقىتلىق پاناھلاندۇرۇش تۈزۈمىگە كىرگۈزۈلۈپ، ئۇلارنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.
يىغىندا دۆلەت ۋېنچۇەندىكى يەر تەۋرەش مۇتەخەسسىسلىرى كومىتېتىنىڭ ۋېنچۇەندىكى يەر تەۋرەشنىڭ ھەرىكەت ئالاھىدىلىكى ۋە ئاپەت زىيىنىنى باھالاش تەتقىقات نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. يىغىندا مۇتەخەسسىسلەر كومىتېتىدىكىلەرنىڭ پىكرى بويىچە مۇنداق ئۈچ تەلەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى: (1) يەر تەۋرەش يۈز بەرگەن رايونلاردىكى قالدۇق يەر تەۋرەشنى يەنە ئىككى ئاي ئەتراپلىق كۆزىتىش. (2) ۋېنچۇەندىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغان رايونلاردىكى كەڭ كۆلەملىك گېئولوگىيىلىك ئاپەتنىڭ يوشۇرۇن خەۋپىنى نەق مەيداندا ئۆلچەپ تەكشۈرۈپ، ئاپەت رايونىدىكى ئەگەشمە ئاپەتنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبى ۋە پەيدا بولۇش شارائىتىنى تونۇش ئاساسىدا ئاپەت رايونلىرىدا قايتا قۇرۇشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئېغىر گېئولوگىيىلىك ئاپەت يۈز بېرىش مۇمكىنچىلىكى بار رايونلارنى بېكىتىش ھەم پەيدا قىلىش مۇمكىنچىلىكى بولغان زىيان دەرىجىسىنى مۆلچەرلەش. (3) يەر تەۋرەش ئىز – خارابىلىكلىرىنى قوغداش نۇقتىلىرىنى ئىمكانقەدەر تېز بېكىتىش ھەم ئۇزاق مۇددەت ساقلاپ قېلىش مۇمكىنچىلىكى بولغان ئىز – خارابىلىكلەرنى قوغداش.
يىغىندا خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىكىنىڭ ۋېنچۇەندىكى يەر تەۋرەش ئاپىتى دائىرىسىنى باھالاش ئەھۋالى ۋە تەرەققىيات – ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ ‹‹ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى پىلانلاش دائىرىسى توغرىسىدا پىكىر›› توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. ‹‹گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭىنىڭ دۆلەتنىڭ ۋېنچۇەندىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغان رايونلارنى ئاپەتتىن كېيىن قايتا قۇرۇشنى پىلانلاش خىزمىتى لايىھىسىنى بېسىپ تارقىتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى›› نىڭ تەلىپىگە بىنائەن خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىكى، تەرەققىيات – ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىكى، زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىكى، جۇڭگو يەر تەۋرەش ئىدارىسى، دۆلەت ستاتىستىكا ئىدارىسى، دۆلەت ۋېنچۇەندىكى يەر تەۋرەش مۇتەخەسسىسلىرى كومىتېتى سىچۇەن، گەنسۇ ۋە شەنشى ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى بىلەن بىللە ۋېنچۇەندىكى يەر تەۋرەش ئاپىتى دائىرىسىنى باھالاش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ‹‹ۋېنچۇەندىكى يەر تەۋرەش ئاپىتى دائىرىسىنى باھالاش دوكلاتى›› نى تاماملىدى. سىچۇەن، گەنسۇ ۋە شەنشى ئۆلكىلىرىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى ھەر تەرەپتىن نەزەرگە ئېلىپ، ۋېنچۇەندىكى يەر تەۋرەشتە ۋېنچۇەن ناھىيىسى، بېيچۇەن ناھىيىسى، ميەنجۇ شەھىرى، شىفاڭ شەھىرى، چىڭچۈەن ناھىيىسى، ماۋشيەن ناھىيىسى، ئەنشيەن ناھىيىسى، دۇجياڭيەن شەھىرى، پىڭۋۇ ناھىيىسى، پېڭجۇ شەھىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئون ناھىيە (شەھەر) ئىنتايىن ئېغىر ئاپەت رايونى؛ 41 ناھىيە (شەھەر، رايون) ئېغىر ئاپەت رايونى؛ 186 ناھىيە (شەھەر، رايون) ئادەتتىكى ئاپەت رايونى قىلىپ بېكىتىلدى. باھالاش نەتىجىسى ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇشتا پايدىلىنىش ئاساسى قىلىنىدۇ. يىغىندا يۇقىرىقى ئىنتايىن ئېغىر ئاپەت رايونلىرى ۋە ئېغىر ئاپەت رايونلىرىنى قايتا قۇرۇش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى دۆلەت پىلانى دائىرىسىگە كىرگۈزۈش قارار قىلىندى.
|