باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى
قۇلاي، راۋان ئولىمپىك قاتناش تورى شەكىللەندۈرۈپ، مۇھىتى گۈزەل، ئارامبەخش بېيجىڭ ئولىمپىك كەنتى بەرپا قىلىش كېرەك
2008- 07- 15 11:41 شىنجاڭ گېزىتى

   شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 – ئىيۇل تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شى جىنپىڭ بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ شەھىرىدە ئو ت م مۇلازىمىتىگە كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى تەكشۈرگەندە مۇنداق كۆرسەتتى: بېيجىڭ ئولىمپىك قاتناش تورى ۋە ئولىمپىك كەنتىنىڭ قاتتىق ماتېرىيال ئەسلىھەلىرى خەلقئارالىق ئىلغار سەۋىيىگە ئىگە بولۇپ، تۈرلۈك مۇلازىمەتكە كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتى پۇختا ئىشلىنىپ، مۇسابىقە ئىشلىرىنىڭ نورمال يۈرۈشۈشىگە پۇختا ئاساس ساپتۇ. ئو ت م گە تەييارلىق قىلىش خىزمىتىنىڭ ئاخىرقى ئاچقۇچلۇق پەيتىدە، بىخەتەرلىك بىرىنچى، مۇلازىمەت ھەممىدىن ئەلا، دەيدىغان قاراشنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، ئەڭ زور قىزغىنلىق، ئەڭ چوڭ تىرىشچانلىق بىلەن پايتەخت ئايروپورتى مۇلازىمىتىنىڭ قۇلايلىق،يۈرۈشلۈك بولۇشىغا، بېيجىڭ ئولىمپىك كەنتىدىكى تۈرلۈك مۇلازىمەتنىڭ كىشىنى قايىل قىلارلىق ئىشلىنىشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ئولىمپىككە قاتناشقۇچى دۆلەتلەر ۋە ھەر قايسى دۆلەت تەنھەرىكەتچىلىرىدە ياخشى ئەسلىمە قالدۇرۇش كېرەك.

   چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9 دىن ئاشقاندا، شى جىنپىڭ ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، بېيجىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى ليۇ چى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دۆلەت كومىسسارى، بېيجىڭ ئو ت م تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ليۇ يەندۇڭ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى لىڭ جىخۇا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، بېيجىڭ ئو ت م تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، بېيجىڭ ئولىمپىك كەنتى ۋە مېيىپلەر ئولىمپىك كەنتىنىڭ باشلىقى چېن جىلى، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ باشلىقى، بېيجىڭ ئو ت م تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسى گو جىنلۇڭ قاتارلىقلارنىڭ ھەمراھلىقىدا بېيجىڭ شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش تورىدىكى پايتەخت ئايروپورت لىنىيىسىنى، پايتەخت خەلقئارا ئايروپورتىنىڭ 3 – نومۇرلۇق ئاۋىئاتسىيە بىناسىنى ۋە بېيجىڭ ئولىمپىك كەنتىنى تەكشۈردى.

   شى جىنپىڭ نەق مەيداندا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، بېيجىڭ ئولىمپىك كەنتىدىكى دۆلەت ئولىمپىك مەركىزىدە سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، پايتەخت ئايروپورتى، بېيجىڭ ئولىمپىك تەشكىلىي كومىتېتى، بېيجىڭ ئولىمپىك كەنتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرىنىڭ دوكلاتىنى ئاڭلىدى ھەم سۆز قىلدى.

   شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئولىمپىك مۇلازىمىتىگە كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى ئىشلىگەندە، بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىشقا ئالاقىدار تەدبىرلەرنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئولىمپىك بىخەتەرلىك ئاگاھ سىگنالىنى ئۇزاققىچە ياڭرىتىش كېرەك. ھازىر ئولىمپىك مۇلازىمىتىگە كاپالەتلىك قىلىش خىزمەتلىرى مۇسابىقە باسقۇچىدىكىدەك ھالەتكە كىردى، ئو ت م گە قاتنىشىدىغان ھەر قايسى دۆلەت تەنھەرىكەتچىلىرى ۋە تاماشىبىنلىرىنىڭ كېلىپ – كېتىشى، غىزالىنىشى، ياتاقتا يېتىشىغا ئالاقىدار مۇلازىمەتكە كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. مۇسابىقە خىزمىتى ئەمەلىيىتىنى چىقىش قىلغان ھالدا ئەستايىدىل مەشىق قىلىپ، مۇلازىمەتكە كاپالەتلىك قىلىشتىكى ھەر بىر ئىش ئورنى ۋە ھەر بىر ھالقىدىكى يوچۇق  –  مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا بايقاپ، قاراتمىلىقى بولغان ھالدا ئۆزگەرتىپ، ئەڭ ياخشى روھىي ھالەت، ئەڭ يۇقىرى خىزمەت ئۆلچىمى بىلەن بېيجىڭ ئو ت م دىكى تۈرلۈك مۇلازىمەتكە كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.     

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ