|
ئاپتونوم رايوننىڭ ‹‹قوش تىل›› مائارىپى نەق مەيدان يىغىنى 7 – ئىيۇل قەشقەردە ئاياغلاشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ئەركىنجان تۇراخۇن مۇنداق دېدى: ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە ‹‹ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلاردىن، ئوقۇتقۇچىلاردىن باشلاپ تۇتۇش›› تىن ئىبارەت ‹‹قوش تىل›› ئوقۇتۇشى خىزمىتىنىڭ يېتەكچى فاڭجېنىدا داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، ‹‹قوش تىل›› مائارىپى خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىشنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، ئوقۇتقۇچىلارنى كۆپەيتىش، تەربىيىلەش، قوبۇل قىلىش ۋە باشقۇرۇش مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ‹‹قوش تىل›› مائارىپى بايلىقىنى بەرپا قىلىپ ۋە ئۇنى كېڭەيتىپ، ئەمەلىي ئىشلىتىشنى كۈچەيتىپ، ‹‹قوش تىل›› مائارىپىنىڭ ئىسلاھات نەتىجىلىرىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك.
يىغىنغا ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن دۇ چىنرۈي، جىن نو، خې لى قاتارلىقلار قاتناشتى.
|