|
( 2008–يىل 6–ئاينىڭ 8–كۈنى)
يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، بولۇپمۇ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ كوللېكتىپ ئورمان قۇرۇلۇشىدا خېلى زور نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋە ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىغا مۇھىم تۆھپە قوشتى. كوللېكتىپ ئورمان ھوقۇقى تۈزۈمى كۆپ قېتىم ئىسلاھ قىلىنغان بولسىمۇ، مۈلۈك ھوقۇقى ئېنىق بولماسلىق، تىجارەت سۇبيېكتى ئەمەلىيلەشمەسلىك، تىجارەت مېخانىزمى جانلىق بولماسلىق، مەنپەئەت تەقسىماتى مۇۋاپىق بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەر يەنىلا ئومۇميۈزلۈك ساقلىنىپ، ئورمانچىلىق تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلىپ كەلدى. ئورمانچىلىق ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى يەنىمۇ ئازاد قىلىش ۋە راۋاجلاندۇرۇش، زامانىۋى ئورمانچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى بەرپا قىلىش ئۈچۈن، كوللېكتىپ ئورمان ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى بىر نەچچە پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويدۇق:
1. كوللېكتىپ ئورمان ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنىڭ زور ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇش كېرەك
(1) كوللېكتىپ ئورمان ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتى يېزىلارنىڭ ئاساسىي ئىگىلىك تۈزۈمىنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى. كوللېكتىپ ئورمان يېرى دۆلەتنىڭ مۇھىم زېمىن بايلىقى، ئورمانچىلىقنىڭ مۇھىم ئىشلەپچىقىرىش ئامىلى، دېھقانلارنىڭ مۇھىم تۇرمۇش كاپالىتى. كوللېكتىپ ئورمان ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇپ، كوللېكتىپ ئورمان يېرىنى باشقۇرۇش ھوقۇقى ۋە ئورمان ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى دېھقان ئائىلىلىرىگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ باشقۇرۇش سۇبيېكتىلىق ئورنىنى تىكلەش يېزىلارنىڭ ئائىلە ھۆددىگەرلىكى تۈزۈمىنى تېرىلغۇ يەردىن ئورمان يېرىگە كېڭەيتىپ، يېزىلارنىڭ يەر باشقۇرۇش تۈزۈمىنى بېيىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى يەنىمۇ ئازاد قىلىدۇ ۋە راۋاجلاندۇرىدۇ.
(2) كوللېكتىپ ئورمان ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتى دېھقانلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى ئىستراتېگىيىلىك تەدبىر. ئورمانچىلىقنىڭ كەسىپ زەنجىرى ئۇزۇن، بازار ئېھتىياجى زور، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىمكانىيىنى كەڭ. كوللېكتىپ ئورمان ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇپ، دېھقانلارنى مۇھىم ئىشلەپچىقىرىىش ۋاسىتىسىگە ئىگە قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئورمانچىلىق ئىشلەپچىقىرىش – تىجارىتىنى راۋاجلاندۇرۇش ئاكتىپلىقىنى قوزغىتىش دېھقانلار بولۇپمۇ تاغلىق رايونلاردىكى دېھقانلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە، ‹‹يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار›› مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا، سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق.
(3) كوللېكتىپ ئورمان ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى بەرپا قىلىشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى. ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى بەرپا قىلىش ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئورمانچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسى. كوللېكتىپ ئورمان ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇپ، مەسئۇلىيىتى، ھوقۇق – مەنپەئىتى روشەن بولغان ئورمانچىلىق باشقۇرۇش تۈزۈمى بەرپا قىلىش دېھقانلارنىڭ ئورمان ئەھيا قىلىش، پەرۋىش قىلىش ئاكتىپلىقى ۋە ئورماننى سۆيۈش، ئاسراش ئاڭلىقلىقىنى قوزغىتىپ، ئورماننىڭ سانىنى ئاشۇرۇپ، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئېكولوگىيىلىك ئىقتىدارى ۋە كىلىمات ئۆزگۈرۈشىگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشكە، ئىكولوگىيە مەدەنىيلىكىنى گۈللەندۈرۈپ، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناقلىقىنى، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق.
(4) كوللېكتىپ ئورمان ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتى زامانىۋى ئورمانچىلىق تەرەققىياتىنىڭ قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى. ئورمانچىلىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى مۇھىم جامائەت پاراۋانلىقى ئىشى ۋە ئاساسىي كەسىپ. كوللېكتىپ ئورمان ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇپ ئورمانچىلىق تەرەققىياتىنىڭ بازار سۇبيېكتىنى يېتىلدۈرۈپ، بازارنىڭ ئورمانچىلىق ئىشلەپچىقىرىش ئامىللىرىنى تەقسىملەشتىكى ئۇللۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇش ئورمانچىلىقنىڭ ئېكولوگىيە، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت قاتارلىق كۆپ خىل فۇنكسىيىسىنى جارى قىلدۇرۇپ، جەمئىيەتنىڭ ئورمانچىلىقنىڭ كۆپ خىللىقىغا بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشقا، زامانىۋى ئورمانچىلىقنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق.
2 . كوللېكتىپ ئورمان ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنىڭ يېتەكچى ئىدىيىسى، ئاساسىي پرىنسىپى ۋە ئومۇمىي نىشانى
(5) يېتەكچى ئىدىيىسى: پارتىيە 17 – قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيىسى ۋە ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيىسىنى يېتەكچى قىلىپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىنى ئاساس قىلغان ئورمانچىلىق تەرەققىيات ئىستراتېگىيىسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، كوللېكتىپ ئورمان باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ۋە مېخانىزمىدا ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، مۈلۈك ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە ئايدىڭلاشتۇرۇش، جانلىق باشقۇرۇش، ئايلىنىشىنى قېلىپلاشتۇرۇش، باج – ھەقنى يەڭگىللىتىش، ئورمانچىلىق ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى يەنىمۇ ئازاد قىلىپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، ئەنئەنىۋى ئورمانچىلىقنىڭ زامانىۋى ئورمانچىلىققا يۈزلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇش ۋە سوتسىيالىستىك ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىشقا تۆھپە قوشۇش.
(6) ئاساسىي پرىنسىپى: يېزىلارنىڭ ئاساسىي ئىگىلىك باشقۇرۇش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ كوللېكتىپ ئورمان يېرىنى ھۆددىگە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقىدىن باراۋەر بەھرىمەن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش؛ ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ مەنپەئىتىگە بىر تۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ نەپكە ئېرىشىشىگە، ئېكولوگىيىنىڭ قوغدىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش؛ دېھقانلارنىڭ ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ ئەھۋالدىن خەۋەردار بولۇش ھوقۇقى، قاتنىشىش ھوقۇقى، تەدبىر بەلگىلەش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش؛ قانۇن بويىچە ئىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھاتنىڭ مۇنتىزىم، تەرتىپلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش؛ تۈرگە ئايرىپ يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھاتنىڭ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش.
(7) ئومۇمىي نىشانى: بەش يىل ئۆپچۆرىسىدە ۋاقىت سەرپ قىلىپ، مۈلۈك ھوقۇقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، ئائىلىلەرگىچە ھۆددىگە بېرىش ئىسلاھات ۋەزىپىسىنى تاماملاش. شۇ ئاساستا ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سىياسەتنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، مۇلازىمەتنى ساغلاملاشتۇرۇش، باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇش ئارقىلىق كوللېكتىپ ئورمانچىلىق ئىشلىرىنىڭ ياخشى تەرەققىيات مېخانىزمىنى تەدرىجى شەكىللەندۈرۈپ، بايلىق كۆپىيىش، دېھقانلارنىڭ كىرىمى ئېشىش، ئېكولوگىيە ياخشىلىنىش، ئورمانچىلىق رايونلىرى ئىناق بولۇش نىشانىغا يېتىش.
3. كوللېكتىپ ئورمان ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتىدىكى ئاساسلىق ۋەزىپىلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇش
(8) مۈلۈك ھوقۇقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش. كوللېكتىپ ئورمان يېرىنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى ئۆزگەرتمەسلىكتە چىڭ تۇرۇش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، ئورمان يېرىنى ھۆددىگە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقى ۋە ئورماننىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى ئائىلىلەرگە ھۆددىگە بېرىش شەكلىدە قانۇن بويىچە كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتتىكى دېھقانلارغا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ ئورمان يېرىنى ھۆددىگە ئېلىپ باشقۇرۇشتىكى سۇبيېكتلىق ئورنى تىكلىنىدۇ. ئائىلىلەرنىڭ ھۆددىگە ئېلىپ باشقۇرۇشىغا ماس كەلمەيدىغان ئورمان يېرىنىڭ مۈلۈك ھوقۇقىنى كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلات ئەزالىرىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىش ئارقىلىق تەڭ پاي قوشۇش، پايدىنى تەڭ بۆلۈشۈش قاتارلىق باشقا شەكىللەر ئارقىلىق قانۇن بويىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە بولىدۇ. كەنت كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلى ئاز مىقداردىكى كوللېكتىپ ئورمان يېرىنى ساقلاپ قېلىپ، دېموكراتىك باشقۇرۇشنى يولغا قويسا بولىدۇ.
ئورمان يېرىنىڭ ھۆددىگەرلىك مۆھلىتى 70 يىل بولىدۇ. ھۆددىگەرلىك مۆھلىتى توشقاندىن كېيىن، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن داۋاملىق ھۆددىگە ئېلىشقا بولىدۇ. ھۆددىگە بېرىلگەن ياكى ئايلاندۇرۇلغان كوللېكتىپ ئورمان يېرىدىن قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە ئۇيغۇن بولغان، ھۆددىگە ئېلىش ياكى ئايلاندۇرۇش توختامى ئۆلچەملىك بولغانلىرىنى قوغداش؛ ھۆددىگە ئېلىش ياكى ئايلاندۇرۇش توختامى ئۆلچەملىك بولمىغانلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە ئۇيغۇن بولمىغانلىرىنى قانۇن بويىچە تۈزىتىش كېرەك. تالاش – تارتىش قىلىنىۋاتقان ئورمان يېرى، ئورمانلارنى قانۇن بويىچە مۇرەسسە قىلىپ، باشقۇرۇش سۇبيېكتىنى ماجىرانى ھەل قىلغاندىن كېيىن ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. قالدۇرۇق تاغنى دېھقانلار ئۇزاق مەزگىل ھەقسىز ئىشلىتىدۇ، ئۇنى مەجبۇرىي قايتۇرۇۋېلىشقا، خالىغانچە تەڭشەشكە بولمايدۇ. ھۆددىگەرلىك لايىھىسى شۇ كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلات ئەزالىرىنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتكۈزۈلۈشى كېرەك.
تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى، ئورمان باغچىسى، داڭلىق مەنزىرە رايونى، دەريا – كۆل قاتارلىقلارنى باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرى ۋە دۆلەت ئىلكىدىكى ئورمانچىلىق (دېھقانچىلىق) مەيدانى، بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش مەيدانى قاتارلىق ئورۇنلار باشقۇرغان ئورمان يېرى، ئورمانلارنىڭ ھوقۇق تەۋەلىكى مۇناسىۋىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، باشقۇرۇش رايونىنىڭ مۇقىملىقى ۋە ئورمان ھوقۇقى ئىگىسىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداش كېرەك.
(9) پاسىلنى تەكشۈرۈپ كىنىشكا تارقىتىش. ھۆددىگەرلىك مۇناسىۋىتىنى ئايدىڭلاشتۇرغاندىن كېيىن، قانۇن بويىچە پاسىلنى تەكشۈرۈش، تىزىمغا ئېلىش، مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن نۇسخىدىكى ئورمان ھوقۇقى كىنىشكىسىنى تارقىتىش، ئورمان ھوقۇقىنى تىزىمغا ئېلىش مەزمۇنىنىڭ تولۇق، قېلىپلاشقان بولۇشى، سانلىق ماتېرىياللارنىڭ توغرا، خاتاسىز بولۇشى، خەرىتە، جەدۋەل، دەپتەرنىڭ بىردەك بولۇشى، ئادەم، جاي، كىنىشكىنىڭ ماس بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ھەردەرىجىلىك ئورمانچىلىق مەسئۇل تارماقلىرى مەخسۇس ئورمان ھوقۇقىنى باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشى، ئوخشاش دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى بېجىرىشكە تاپشۇرغان ئورمان ھوقۇقىنى تىزىمغا ئېلىپ دەپتەر تۈزۈش، كىنىشكىنى تەكشۈرۈپ تارقىتىش، ئارخىپ باشقۇرۇش، ئوبوروتنى باشقۇرۇش، ئورماننى ھۆددىگە ئېلىشتىكى تالاش – تارتىشقا كېسىم چىقىرىش، ئورمان ھوقۇقى ماجىرالىرىنى مۇرەسسە قىلىپ بىرتەرەپ قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
(10) تىجارەت ھوقۇقىنى جانلىق قويۇۋېتىش كېرەك. تاۋار ئورمان، جامائەت پاراۋانلىقى ئورمىنىنى تۈرگە ئايرىپ باشقۇرۇشنى يولغا قويۇش كېرەك. ئورۇن شارائىتى ياخشى بولغان، دەرەخلەرنى كەسكەندە ۋە تىجارەت قىلىپ پايدىلانغاندا ئېكولوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇق ۋە جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقلىقىغا زىيان يەتكۈزمەيدىغان رايونلاردىكى ئورمان ۋە دەل – دەرەخلەرنى قانۇن بويىچە تاۋار ئورمان قىلىپ بېكىتىش؛ ئېكولوگىيىلىك رايون ئورنى مۇھىم بولغان ياكى ئېكولوگىيىسى ئاجىز رايونلاردىكى ئورمان ۋە دەل – دەرەخلەرنى جامائەت پاراۋانلىقى ئورمىنى قىلىپ بېكىتىش كېرەك. دېھقانلار تاۋار ئورمىنىغا قارىتا تىجارەت يۆنىلىشى ۋە تىجارەت ئەندىزىسىنى قانۇن بويىچە ئۆز ئالدىغا قارار قىلسا، ئىشلەپ چىقارغان ياغاچ ماتېرىياللىرىنى ئۆز ئالدىغا ساتسا بولىدۇ. جامائەت پاراۋانلىقى ئورمىنىغا قارىتا، ئېكولوگىيە ئىقتىدارىغا بۇزغۇنچىلىق قىلماسلىق ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، ئورمان بايلىقىدىن قانۇن بويىچە مۇۋاپىق پايدىلىنىشقا، ئورمانلىقتا تېرىقچىلىق، باقمىچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇشقا، ئورمان مەنزىرىسىدىن پايدىلىنىپ، ئورمان ساياھەتچىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇشقا بولىدۇ.
(11) بىرتەرەپ قىلىش ھوقۇقىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ئورماننىڭ ئىشلىتىلىش ئورنىنى ئۆزگەرتمەسلىك ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، ئورماننى ھۆددىگە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقىغا ئىگە كىشى ئورماننى ھۆددىگە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقى ۋە دەل – دەرەخلەرگە ئىگىدارچىلىق قىلىش ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە ئۆتۈنۈپ بەرسە، ئىجارىگە بەرسە، پاي قاتسا، رەنىگە قويسا ياكى مەبلەغ چىقىرىش، ھەمكارلىشىش شەرتى بىلەن ھۆددىگە ئالغان ئورمان، دەل – دەرەخلەرنى قانۇن بويىچە ئېچىپ پايدىلانسا بولىدۇ.
(12) كىرىم ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. دېھقانلارنىڭ ئورماننى ھۆددىگە ئېلىپ تىجارەتتىن تاپقان كىرىمى دېھقانلارغا تەۋە. كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدىكى ئورماننى ئالغاندا ئورمان تولۇقلىما ھەققى، ئورۇنلاشتۇرۇش ياردەم پۇلى، يەردىكى قوشۇمچە نەرسىلەر ۋە دەل – دەرەخلەرنىڭ تولۇقلىما ھەققى قاتارلىق ھەقلەرنى قانۇن بويىچە تولۇق تاپشۇرۇش، ئورمىنى ئېلىنغان دېھقانلارنىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت خىراجىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك. ھۆكۈمەت بېكىتكەن جامائەت پاراۋانلىقى ئورمىنى دېھقانلارغا ھۆددىگە بېرىلگەن بولسا، ئورمان ئېكولوگىيە ئۈنۈمى تولۇقلىمىسىنى ئائىلىلەرگە ئەمەلىيلەشتۈرۈش ؛ دېھقانلارغا ھۆددىگە بېرىلمىگەن بولسا، باشقۇرۇدىغان، ئاسرايدىغان سۇبيېكتنى بېكىتىپ، باشقۇرۇش، ئاسراش مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، ئورمان ئېكولوگىيە ئۈنۈمى تولۇقلىمىسىنى شۇ كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتتىكى دېھقانلارغا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. قالايمىقان ھەق ئېلىش، قالايمىقان سېلىق سېلىش قاتتىق چەكلىنىدۇ.
(13) مەسئۇلىيەتنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك. كوللېكتىپنىڭ ئورمىنىنى ھۆددىگە ئالغاندا يازما ھۆددىگەرلىك توختامى ئىمزالاش، توختامدا ھۆددىگە ئالغۇچى تەرەپ، ھۆددىگە بەرگۈچى تەرەپنىڭ ئورمان بىنا قىلىپ، ئورمان يېتىشتۈرۈش، قوغداش، باشقۇرۇش ، ئورمان ئوت ئاپىتىدىن مۇداپىئە كۆرۈش، كېسەل، ھاشارات زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش قاتارلىق مەسئۇلىيەتلەرنى ئېنىق بەلگىلەش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش ، ئورمان بايلىقىدىن پايدىلىنىپ سىجىل تىجارەت قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئاساسىي قاتلامدىكى ئورمانچىلىق مەسئۇل تارماقلىرى ھۆددىگەرلىك توختامىنى قېلىپلاشتۇرۇپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى كېرەك.
4. كوللېكتىپ ئورمان ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتىدىكى سىياسەت، تەدبىرلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈش
(14 ) دەل – دەرەخلەرنى كېسىشنى باشقۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئورمان تىجارەت لايىھىسى تۈزۈپ، تاۋار ئورمىنىنى كېسىشتە نورما بەلگىلەپ باشقۇرۇشنى ئىسلاھ قىلىپ، دەل – دەرەخلەرنى كېسىشتە تەكشۈرۈپ تەستىقلاش، ئاشكارىلاش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تەرتىپىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، قۇلايلىق مۇلازىمەت قىلىش كېرەك. جامائەت پاراۋانلىقى ئورمىنىنى كېسىشنى قاتتىق كونترول قىلىپ، قانۇن بويىچە پەرۋىش قىلىش ۋە يېڭىلاش خاراكتېرىدە كېسىپ، كېسىش ئۇسۇلى ۋە سىجىللىقىنى مۇۋاپىق كونترول قىلىش كېرەك.
(15) ئورمان، دەل – دەرەخلەرنى ئوبوروت قىلىشنى قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك. قانۇن بويىچە، ئىختىيارىي بولۇش، ھەقلىق بولۇش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، ئورماننى ھۆددىگە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقىغا ئىگە كىشى كۆپ خىل ئۇسۇلنى قوللىنىپ ئورمان تىجارەت ھوقۇقى ۋە دەل – دەرەخلەرگە ئىگىدارچىلىق قىلىش ھوقۇقىنى ئوبوروت قىلسا بولىدۇ. ئوبوروت قىلىش مەزگىلى ھۆددىگەرلىك مەزگىلىنىڭ ئاشقان مۇددىتىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى، ئوبوروت قىلغاندىن كېيىن ئورماننىڭ ئىشلىتىلىش ئورنىنى ئۆزگەرتمەسلىكى كېرەك. كوللېكتىپ بىرتۇتاش باشقۇرۇۋاتقان ئورماننىڭ تىجارەت ھوقۇقى ۋە دەل – دەرەخلەرگە ئىگىدارچىلىق قىلىش ھوقۇقىنى ئوبوروت قىلغاندا، شۇكوللىكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلات ئىچىدە ئالدىنئالا ئېلان قىلىش كېرەك، قانۇن بويىچە شۇ كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتتىىكى ئەزالارنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتسە، كىرىمنى يېزا كوللېكتىپ مالىيىسىنىڭ باشقۇرۇشىغا كىرگۈزۈپ، شۇ كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئەزالارغا تەقسىم قىلىش ۋە جامائەت ئىشلىرىغا ئىشلىتىش كېرەك.
ئورمان، دەل – دەرەخلەرنى ئوبوروت قىلىش تۈزۈمى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، مۈلۈك ھوقۇقى سودا سۇپىسى ئورنىتىپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئوبوروت باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئوبوروتنى قانۇن بويىچە قېلىپلاشتۇرۇپ، ئادىل سودىلىشىشقا كاپالەتلىك قىلىپ، دېھقانلارنىڭ باغۋارانلىرىدىن ئايرىلىپ قېلىشىدىن ساقلىنىش كېرەك. ئورمان بايلىقى مۈلكىنى باھالاش، باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئورمان بايلىقى مۈلكىنى باھالىغۇچى تۈزۈمى ۋە باھالاش تۈزۈمى ئورنىتىشنى تېزلىتىپ، باھالاشنى قېلىپلاشتۇرۇپ، سودىلاشقۇچى تەرەپلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداش كېرەك.
(16) كوللېكتىپ ئورمانچىلىقنىڭ تەرەققىياتىنى قوللايدىغان جامائەت مالىيە تۈزۈمى ئورنىتىش كېرەك. ھەردەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر ئورمان ئېكولوگىيە ئۈنۈمىگە تولۇقلىما بېرىش فوندى تۈزۈمى ئورنىتىپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ‹‹ كىم ئاچسا شۇ قوغداش، كىم نەپكە ئېرىشسە شۇ تولۇقلىما بېرىش›› پرىنسىپى بويىچە، جامائەت پاراۋانلىقى ئورمىنى تولۇقلىما فوندىنى كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق توپلاپ، مەركەز ۋە يەرلىك مالىيىدىن ئورمان ئېكولوگىيە ئۈنۈمىگە تولۇقلىما بېرىش ئۆلچىمىنى تەدرىجىي ئۆستۈرۈش كېرەك. ئورمان بىنا قىلىش، پەرۋىش قىلىش، قوغداش، باشقۇرۇشقا قوشۇمچە پۇل بېرىش تۈزۈمى ئورنىتىپ، ئورمانلىقتا ئوت ئاپىتىدىن مۇداپىئە كۆرۈش، كېسەل، ھاشارات زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش، سۈپەتلىك دەل – دەرەخ ئۇرۇقى، پاتقاق گازى قۇرۇلۇشىغا قوشۇمچە پۇل بېرىش، ئورمان پەرۋىش قىلىش، ياغاچ غوللۇق ئاشلىق، ياغ، بىئوماسسا ئېنېرگىيىسى ئورمىنى، قىممەتلىك دەرەخ سورتلىرى ۋە چوڭ دىئامېتىرلىق ياغاچ ماتېرىيال يېتىشتۈرۈشكە ياردەم بېرىش كېرەك. ئورمان ئۆستۈرۈش فوندىنى باشقۇرۇش چارىسىنى ئىسلاھ قىلىش، ئورمان ئۆستۈرۈش فوندى يىغىش نىسبىتىنى تەدرىجىي تۆۋەنلىتىپ، ئىشلىتىلىش ئورنىنى قېلىپلاشتۇرۇش، ھەردەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر ئورمانچىلىق تارماقلىرىنىڭ مەمۇرىي ئىشلار خىراجىتىنى مالىيە خام چوتىغا كىرگۈزۈشى كېرەك. ئورمانلىقتا ئوتتىن مۇداپىئە كۆرۈش، كېسەل، ھاشارات زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش، شۇنىڭدەك ئورمانچىلىق مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش سىستېمىسى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئۇل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشىنى ھەردەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئاساسىي قۇرۇلۇش پىلانىغا كىرگۈزۈش، ئورمانچىلىق رايونلىرىدىكى قاتناش، سۇ ، توك بىلەن تەمىنلەش، ئالاقىچىلىك قاتارلىق ئۇل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشىنى قانۇن بويىچە ئالاقىدار ساھەلەرنىڭ تەرەققىيات پىلانىغا كىرگۈزۈش، بولۇپمۇ چەت، يىراق تاغلىق رايونلار، قۇملۇق رايونلىرى ۋە ئازسانلىق مىللەتلەر رايونلىرىدىكى ئورمانچىلىق ئۇل مۇئەسسەسە سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇش كېرەك. كوللېكتىپ ئورمان ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتى خىزمىتىنىڭ خىراجىتىنى، ئاساسلىقى، يەرلىك مالىيە ئۈستىگە ئالىدۇ، مەركەز مالىيىسى مۇۋاپىق تولۇقلىما ياردەم بېرىدۇ. مالىيە قىيىنچىلىقى بار ناھىيە ، يېزىلارغا مەركەز ۋە ئۆلكە دەرىجىلىك مالىيە يۆتكەپ چىقىم قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرىدۇ.
(17) ئورمانچىلىققا مەبلەغ سېلىش، يۈرۈشتۈرۈش ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. پۇل مۇئامىلە ئورگانلىرى ئورمانچىلىقنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ماس كېلىدىغان كرېدىت مەھسۇلاتىنى يارىتىپ، ئورمانچىلىقنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش يوللىرىنى كېڭەيتىشى كېرەك. ئورمانچىلىقنىڭ كرېدىت سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇپ، ئورمانچىلىق قەرزىنىڭ مالىيە ئۆسۈم ياردەم سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئورمانچىلىققا بېرىلىدىغان ئاز سوممىلىق قەرز پۇلنى زور كۈچ بىلەن ئاشۇرۇش كېرەك. ئورمانچىلىق كرېدىت كېپىللىك ئۇسۇلىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئورمان ھوقۇقىنى رەنىگە قويۇپ قەرز ئېلىش تۈزۈمىنى تاكاممۇللاشتۇرۇش كېرەك. سىياسەت خاراكتېرلىك ئورمان سۇغۇرتا تۈزۈمىنى ئورنىتىشنى تېزلىتىپ، دېھقانلارنىڭ تەبىئىي ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. يېزىلارنىڭ ئورمان قەرزدارلىقىنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.
(18) ئورمانچىلىققا بولغان ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمەتنى كۈچەيتىش كېرەك. ئورمانچىلىق كەسپى ھەمكارلىق تەشكىلاتلىرىنى يۆلەپ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، تەسىر كۆرسىتىش دائىرىسى كەڭ، تۈرتكىلىك رولى كۈچلۈك بىر تۈركۈم باشلامچى كارخانىلارنى يېتىشتۈرۈپ، ئورمانچىلىقنى كۆلەملەشتۈرۈش، ئۆلچەملەشتۈرۈش، تۈجۈپىلەپ باشقۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئورمانچىلىق كەسپى جەمئىيەتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، سىياسەت جەھەتتىن مەسلىھەت بېرىش، ئۇچۇر مۇلازىمىتى قىلىش، پەن – تېخنىكىنى كېڭەيتىش، ساھە تەلەپچانلىقىنى يولغا قويۇش قاتارلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ئورمان بايلىقى مۈلۈكىنى باھالاشنى يېتەكلەپ ۋە قېلىپلاشتۇرۇپ، ئورمان تىجارەت لايىھىسى تۈزۈش قاتارلىق ۋاسىتىچى مۇلازىمەتلەرنى ساغلام راۋاجلاندۇرۇش كېرەك.
5. كوللېكتىپ ئورمان ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتىغا بولغان تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىش
(19) كوللېكتىپ ئورمان ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتىغا يۈكسەك ئېتىبار بېرىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، ھۆكۈمەتلەر كوللېكتىپ ئورمان ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭ ئىش سۈپىتىدە تۇتۇپ، مۇھىم ئورۇنغا قويۇشى، كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللىشى، ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇشى، ۋەزىيەتكە قاراپ يېتەكلىشى، شۇ ئارقىلىق ئىسلاھاتنىڭ پۇختا ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ئاساسىي رەھبەر مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتىنى قاتلاممۇ قاتلام ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. ناھىيە (شەھەر) بىۋاسىتە رەھبەرلىك قىلىش، يېزا – بازار تەشكىللەپ يولغا قويۇش، كەنت تەشكىلاتى كونكرېت مەشغۇلات قىلىش، تارماقلار مۇلازىمەتنى ياخشى قىلىشتىن ئىبارەت خىزمەت مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، يېزا ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ئىسلاھات لايىھىسىنى تۈزۈشتە قانۇن بويىچە ئىش كۆرۈش، خەلق رايىغا ھۆرمەت قىلىش، ئۆز يېرىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈش، ئىسلاھات مەزمۇنى ۋە كونكرېت مەشغۇلات تەرتىپى ئاشكارا، ئادىل، لىللا بولۇش كېرەك. ئىسلاھاتنىڭ ئاساسىي پرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش ئالدىنقى شەرتىدە جايلارنىڭ پائال ئىزدىنىپ، ئىسلاھاتنىڭ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا ئىلھام بېرىشى كېرەك. رەھبىرىي كادىرلار، ئورمانچىلىق ئىسلاھاتى خىزمەتچىلىرى جۈملىدىن يېزا ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنى تەربىيىلەشنى كۈچەيتىش، يۆتكەش، ستاتىستىكا قىلىش، تەكشۈرۈش، نازارەت قىلىش ۋە ئارخىپ باشقۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىش كېرەك. خىزمەت ئىنتىزامىنى چېڭىتىپ، پارتىيىلىك كادىرلار بولۇپمۇ ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ شەخسەن نەمۇنە بولۇشىنى تەلەپ قىلىش، ئىسلاھات پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، ئۆزىنىڭ ۋە ئۇرۇق – تۇغقانلىرىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىنى كۆزلىشىگە ھەرگىز يول قويماسلىق كېرەك. تالاش – تارتىشنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئورمان ھوقۇقى تالاش – تارتىشلىرىنى مۇۋاپىق ھەل قىلىپ، زىددىيەتلەرنى ۋاقتىدا ھەل قىلىپ، يېزىلارنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش كېرەك.
(20) ئورمان باشقۇرۇشنى ھەقىقىي كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ئورمان باشقۇرۇش تارماقلىرى ئىسلاھاتنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىگە ماسلىشىپ، فۇنكسىيىلىك ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئۆزگەرتىپ، ئورمانچىلىقنى ماكرولۇق باشقۇرۇش، جامائەت مۇلازىمىتى، مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ۋە نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىشى كېرەك. چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، تەجرىبىلەرنى ئەستايىدىل يەكۈنلەش، خىزمەتكە يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىش، مۇلازىمەت ئۇسۇلىنى ياخشىلاش كېرەك. ئورمانچىلىقتا ئۇنىۋېرسال مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئورمان بايلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا قاقشاتقۇچ زەربە بېرىش كېرەك. ئورمان ئوت مۇداپىئەسى، كېسەل، ھاشارات ئاپىتىنى تېزگىنلەش قاتارلىق جامائەت مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ھۆكۈمەت ئاساسلىق يېتەكچىلىك قىلىدىغان، ئامما قاتنىشىدىغان ئورمان ئوت مۇداپىئەسى، كېسەل، ھاشارات ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئورماننى قالايمىقان كېسىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمەت مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. پەن – تېخنىكىنى كېڭەيتىشنى رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى تۇرغۇزۇپ، تەربىيىلەش سالمىقىنى زورايتىپ، ئورمان پەن – تېخنىكىسىنى ئائىلىلەرگىچە كېڭەيتىش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش كېرەك. ئاساسىي قاتلام ئورمان خىزمەت قۇرۇلمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېزا، بازارنىڭ ئورمان خىزمەت پونكىتى خىراجىتىنى يەرلىك مالىيە خام چوتىغا كىرگۈزۈش كېرەك.
(21) ئىسلاھاتنى قوللاش بىرىكمە كۈچىنى تىرىشىپ شەكىللەندۈرۈش كېرەك. كوللېكتىپ ئورمان ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنىڭ چېتىلىش دائىرىسى كەڭ، سىياسەتچانلىقى كۈچلۈك. ئالاقىدار تارماقلار، ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، زىچ ھەمكارلىشىپ، بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، ئىسلاھاتقا پائال قاتنىشىشى، ئىسلاھاتنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قوللىشى كېرەك. ئاممىۋىي تەشكىلاتلار ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، كوللېكتىپ ئورمان ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تۆھپە قوشۇشى كېرەك. جامائەت پىكرى تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىپ، كوللېكتىپ ئورمان ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتىغا پايدىلىق ئىجتىمائىي كەيپىياتنى تىرىشىپ يارىتىش كېرەك.
كوللېكتىپ ئورمان ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتى يېزا ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋىتىدىكى زور ئىسلاھات بولۇپ، ئومۇمىيەتكە مۇناسىۋەتلىك، تەسىرى زور. يولداش خۇ جىنتاۋ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيىسى ۋە ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيىسىنى يېتەكچى قىلىپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۈرۈپ، ئىدىيىدە ئازاد بولۇپ، ئىشەنچنى چېڭىتىپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، كوللېكتىپ ئورمان ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنىڭ يېڭى ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، يېڭى تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 14 – ئىيۇل تېلېگراممىسى)
|