|
1 – ئىيۇلدىن باشلاپ ‹‹خەلق گېزىتى››، ‹‹شىنجاڭ گېزىتى›› ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى پوچتا گېزىت – ژۇرنال بوتكىلىرىدا سېتىلىشقا باشلىدى، بۇنىڭ بىلەن مەركىزىي شەھەر ئاھالىلىرى كۈندىلىك پارتىيە گېزىتلىرىنى ئوڭايلا سېتىۋېلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ فاڭجېن، سىياسەتلىرى ۋە مۇھىم خەۋەرلىرىدىن ۋاقتىدا خەۋەر تاپالايدىغان بولدى. بۇ پارتىيە گېزىتلىرىنى بازارغا يۈزلەندۈرۈش ۋە ئوقۇرمەنلەرنىڭ پارتىيە گېزىتى ئارقىلىق پارتىيىنىڭ فاڭجېن، سىياسەتلىرى ۋە مەملىكەت خەۋەرلىرى – خەلقئارا خەۋەرلەرنى ئىگىلەپ تۇرۇشىغا نىسبەتەن ياخشى ئىش.
پارتىيە گېزىتلىرى ئۇزاقتىن بۇيان پوچتا ئارقىلىق تارقىتىلىدىغان بولغاچقا، بازاردا پارچە سېتىلمايتتى، ئوقۇرمەنلەر گېزىت – ژۇرنال بوتكىلىرىدىن سوراپمۇ تاپالمايتتى. سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، پارتىيە گېزىتلىرىنى بازارغا يۈزلەندۈرۈپ، ئوقۇرمەنلەرگە يېقىنلاشتۇرۇش دەۋرنىڭ ئېھتىياجىغا ئايلاندى. ‹‹خەلق گېزىتى››، ‹‹شىنجاڭ گېزىتى››نىڭ پوچتا گېزىت – ژۇرنال بوتكىلىرىدا سېتىلىشى پارتىيە گېزىتلىرىنىڭ ئورگاندا باش رول ئوينىغاندىن باشقا بازارغا يۈزلەنگەنلىكىدىن، پارتىيە گېزىتلىرىنىڭ تەسىر دائىرىسى ۋە قاپلاش كۆلىمىنىڭ كېڭىيىۋاتقانلىقىدىن، پارتىيە گېزىتلىرىگە بولغان بازار ئېھتىياجىنىڭ ئېشىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
ئىجتىمائىي تۇرمۇش تۈرىدىكى گېزىتلەرگە سېلىشتۇرغاندا، پارتىيە گېزىتلىرى چىنلىقى، نوپۇزلۇقلىقى، يېتەكچىلىكى، سىياسەتچانلىقى كۈچلۈك بولۇش قاتارلىق ئارتۇقچىلىقى بىلەن ئوقۇرمەنلەر ئارىسىدا يۇقىرى ئىناۋەت تىكلىگەن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پارتىيە گېزىتلىرى توغرا جامائەت پىكرى يۆنىلىشى، ‹‹ئۈچكە يېقىنلىشىش›› پرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ئۈزلۈكسىز ئىسلاھ قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىپ، مەزمۇندىن شەكىلگىچە، ھەتتا ئوقۇشچانلىقىغىچە زور ئۆزگىرىش ياساپ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى ۋە ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى. بۇ پارتىيە گېزىتلىرىنىڭ بازارغا يۈزلىنىشىگە ياخشى شارائىت يارىتىپ بەردى.
ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پوچتا تارماقلىرى ئاپتونوم رايون بويىچە 500 نەچچە گېزىت – ژۇرنال بوتكىسى ئورناتتى، بۇنىڭ ئىچىدە ئۈرۈمچىدىلا 100 نەچچىسى بار، بەزى گېزىت – ژۇرنال بوتكىلىرى يەنە ‹‹پارتىيە گېزىتى قىرائەتخانىسى›› تەسىس قىلدى. بۇ ئارقىلىق پارتىيە گېزىتلىرىنىڭ بازارغا كىرىشى، ئوقۇرمەنلەرنىڭ پارتىيە گېزىتى ئوقۇشىغا شارائىت يارىتىپ بەردى.
پارتىيە گېزىتلىرىنىڭ پوچتا گېزىت – ژۇرنال بوتكىلىرىدا سېتىلىشى پارتىيە گېزىتلىرى ۋە ئوقۇرمەنلەرگە نىسبەتەن، ئوخشاشلا تەبرىكلەشكە تېگىشلىك ئىش. بۇ ھال پارتىيە گېزىتلىرىگە ھاياتىي كۈچ قوشۇپلا قالماستىن، يەنە پارتىيە گېزىتلىرىنىڭ سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولىدۇ.
|