|
ئاپتونوم رايونىمىزدىن سىچۇەندىكى ئاپەت رايونىغا 3 – تۈركۈمدە بارغان داۋالاش – كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش – قۇتقۇزۇش ئەترىتى 9 – ئىيۇل ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلدى. شۇنىڭ بىلەن ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ داۋالاش – كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش – قۇتقۇزۇش ئەترىتى سىچۇەندىكى ئاپەت رايونىغا ياردەم بېرىش ۋەزىپىسىنى ئوڭۇشلۇق تاماملىدى.
گوۋۇيۈەن ۋە سەھىيە مىنىستىرلىكىنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، ئاپتونوم رايونىمىزدىن سىچۇەن ئۆلكىسىگە بارغان داۋالاش – كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش – قۇتقۇزۇش ئەترىتى 4 – ئىيۇل ماۋشيەن ناھىيىسىدىكى تۆت يېزا، ئىككى بازاردىكى داۋالاش – كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋەزىپىسىنى سەنشى ئۆلكىسىنىڭ داۋالاش ئەترىتىگە رەسمىي ئۆتكۈزۈپ بەردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن، ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە نازارىتى 18 – مايدىن باشلاپ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى، شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارىمىقىدىكى 1 – تارماق دوختۇرخانا، ئاپتونوم رايونلۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش – تىزگىنلەش مەركىزى قاتارلىق ئورۇنلاردىن تاللانغان داۋالاش – كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا مەسئۇل نەچچە يۈز مۇتەخەسسىستىن تەشكىللەنگەن قۇتقۇزۇش ئەترىتىنى ئاپەت رايونىغا مۇلازىمەت قىلىشقا ئۈچ تۈركۈم بويىچە ئەۋەتكەنىدى.
ئاپتونوم رايونىمىزدىن 3 – تۈركۈمدە بارغان قۇتقۇزۇش ئەترىتى، ئاساسلىقى، قاراماي شەھىرىدىكى سەھىيە – تېخنىك خادىملاردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، سەھىيە نازارىتىنىڭ باشلامچىلىقىدا 18 – ئىيۇن سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ ماۋشيەن ناھىيىسىگە يېتىپ باردى. ئۇلار قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، شۇ جاينىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، داۋالاش – قۇتقۇزۇش، ساغلاملىق تەربىيىسى تەشۋىقاتى، يۇقۇملۇق كېسەللەرنى كۆزىتىش، دېزىنفېكسىيىلەش، ھاشارات، قۇرۇت – قوڭغۇز ئۆلتۈرۈش، يېمەكلىك تازىلىقى ۋە تۇرمۇشقا ئىشلىتىدىغان سۇنى نازارەت قىلىش – ئۆلچەش، شۇنىڭدەك يېزىلاردا كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا يېتەكچىلىك قىلىش قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پائال قانات يايدۇردى. تاكى 3 – ئىيۇل چۈشتىن كېيىن سائەت 5 كە قەدەر، ماۋشيەن ناھىيىسىدىكى بىر بازار، تۆت يېزىدىكى 39 كەنت ۋە 144 گۇرۇپپىدا داۋالاش – كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇردى، داۋالاش – كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنىڭ دائىرىسى 6379 ئائىلىلىك 28 مىڭ 997 كىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئۈنۈملۈك ئالدى. تولۇق بولمىغان ستاتىستىكىغا قارىغاندا، 3 – تۈركۈمدىكى داۋالاش – كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش – قۇتقۇزۇش ئەترىتى يارىلانغانلاردىن 1261 كىشىنى داۋالاپ، ئىككى كىشىنى ئوپېراتسىيە قىلغان؛ نۇقتىلىق دېزىنفېكسىيە قىلغان ئورۇن 13 مىڭ 960 كۋادرات مېتىرغا يەتكەن، ئىشلەتكەن ھەر خىل دېزىنفېكسىيە بۇيۇملىرى 253 كىلوگرامغا، ھەر خىل ھاشارات، قۇرۇت – قوڭغۇز ئۆلتۈرۈش دورىسى 807 كىلوگرامغا يەتكەن، دېزىنفېكسىيە قىلىشقا مەسئۇل 157 ئادەم (قېتىم)نى تەربىيىلەنگەن، كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە ھەر خىل تەشۋىقات ۋەرىقىدىن 3945 ى تارقىتىلغان، كەنتتىكى 570 ئائىلىلىكنى يوقلاپ، ساغلاملىق تەربىيىسى بويىچە 1061 ئادەم (قېتىم)گە مەسلىھەت بەرگەن.
|