|
‹‹ ئاپتونوم رايوندىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئوتتۇرا ياش ۋە ياش غوللۇق ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيىلەش قۇرۇلۇشى›› نىڭ 2008– يىللىق تەربىيىلەش كۇرسىدا 14 – ئىيۇل رەسمىي دەرس باشلاندى. بۇ يىل ئاپتونوم رايون باشلانغۇچ مەكتەپ، تولۇقسىز، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردىكى ئوتتۇرا ياش ۋە ياش غوللۇق ئوقۇتقۇچىدىن 833 نى تەربىيىلەش ۋەزىپىسىنى تاماملايدۇ.
ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىز بۇلتۇردىن باشلاپ ‹‹ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئوتتۇرا مەكتەپ، باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى ئوتتۇرا ياش ۋە ياش غوللۇق ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيىلەش قۇرۇلۇشى››نى يولغا قويغان بولۇپ، 6 يىل ئىچىدە، 12 مىليون 960 مىڭ يۈەن مەخسۇس تۈر مەبلىغى ئاجىرىتىپ، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى ئوتتۇرا ياش ۋە ياش غوللۇق ئوقۇتقۇچىدىن 4 مىڭ 600 نى مەركەزلەشتۈرۈپ نۆۋەت بىلەن تەربىيىلەشنى پىلانلىغان.
بۇ نۆۋەتتىكى تەربىيىلەش—ئەدەبىيات، ماتېماتېكا، فىزىكا، خىمىيە قاتارلىق ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ 8 خىل دەرىسلىكىگە چېتىلىدىغان بولۇپ، تولۇقسىز، تولۇق ئوتتۇردىن ئىبارەت ئىككى باسقۇچقا بۆلۈنۈپ، دەرس خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە ۋە قازاقچىدىن ئىبارەت ئۈچ خىل تىلدا ئۆتىلىدۇ. تەربىيىلەش مەزمۇنى سىياسىي ئىدىيىۋى تەربىيە بىلەن كەسپىي ئەخلاق تەربىيىسى، مائارىپ، ئوقۇتۇش نەزەرىيىسى، ھازىرقى زامان مائارىپ تېخنىكىسى قاتارلىق 5 چوڭ بۆلەكتىكى 12 مەخسۇس تېمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ھەمدە دەرس ئۆتۈش، مۇتەخەسسىسلەر لېكسىيە سۆزلەش، ئۆز ئارا تەجرىبە ئالماشتۇرۇش قاتارلىق تەربىيىلەش شەكىللىرى قوللىنىلىدۇ.
|