باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئۈرۈمچى خەۋەرلىرى
ئۈرۈمچى شەھىرى 8– قېتىملىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەرەققىياتى بويىچە تەقدىرلەش يىغىنى ئۆتكۈزدى
2008- 07- 15 11:18 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى

    

  ئۈرۈمچى شەھىرى تۈنۈگۈن (14–ئىيۇل) ،  8– قېتىملىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەرەققىياتى بويىچە تەقدىرلەش يىغىنى ئۆتكۈزدى . ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى جەنۇبىي ئازادلىق يولى مەھەللە ئىش بېجىرىش ئورنى قاتارلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەرەققىياتىدىكى 64 ئىلغار ئورۇن ۋە ۋاڭ يەننا قاتارلىق 122 نەپەر نەمۇنىچى شەخسنى تەقدىرلىدى .

     بۇ قېتىم تەقدىرلەنگەن ئىلغار كوللىكتىپ ۋە نەمۇنىچى شەخسلەر— يېقىنقى 3 يىلدىن بۇيان، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەرەققىياتى ئىشلىرىدا مەيدانغا كەلگەن ئىلغار تىپلار بولۇپ، بۇ ئىلغار تىپلارنىڭ ئىچىدە، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئۈچۈن ئۆز بۆرىكىنى تەقدىم قىلغان خەنزۇ قىز ۋاڭ يەننا؛ خەلقنى سۆيۈپ، ھەر مىللەت ئاممىسى ئۈچۈن جان– دىل بىلەن مۇلازىمەت قىلغان قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتى دوختۇرخانىسىنىڭ باشلىقى جۇاڭ شىخۇا؛ گۈزەل ياشلىقىنى دىھقانچىلىق– چارۋىچىلىق رايونلىرىنىڭ سەھىيە، داۋالاش ئىشلىرىغا ئاتىغان ئۈرۈمچى ناھىيىسى تولى يېزا شىپاخانىسىنىڭ باشلىقى لى جېنشى قاتارلىقلار بار بولۇپ، بۇ نەمۇنىچى شەخسلەر ئۆزلىرىنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەرەققىياتىنىڭ گۈزەل مىلودىيىسىنى ياڭراتتى.

     ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى شاۋكەت ئىمىن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، ئۈرۈمچى– سانجى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى لى جى تەقدىرلەش يىغىنىغا قاتناشتى.

 

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ