|
. ياپونىيىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئون نەچچە مىڭ كىشى 13 – ئىيۇل ناكاگاۋا ناھىيسىنىڭ يوكوسۇكا شەھىرىدە يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ، ئامېرىكىنىڭ ‹‹جورجى ۋاشىنگتون›› ناملىق يادرو ئېنېرگىيىلىك ئاۋىئاماتكىسىنىڭ يوكوسۇكا پورتىدىكى ئامېرىكا ھەربىي بازىسىدا تۇرۇشىغا قارشى تۇردى.
. ئىران زۇڭتۇڭى ئەھمەدىي نىجاد 13 – ئىيۇل ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بۇش بىلەن بىۋاسىتە سۆزلىشىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
. ب د ت نىڭ بىر نەچچە ئاپپاراتى 12 – ئىيۇل بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، ‹‹ئافرىقا تۇمشۇقى›› رايونىدا تەخمىنەن 14 مىليون كىشىنىڭ ئاچارچىلىقتا قېلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ يىمەكلىك ياردىمىگە جىددىي موھتاج بولۇۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.
. فرانسيە زۇڭتۇڭى ساركوزى 12 – ئىيۇل پارىژدا ئوتتۇرا دېڭىز بويىدىكى دۆلەتلەر باشلىقلىرى يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن سۇرىيە ۋە لىۋان رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆزئارا باش ئەلچى ئەۋەتىپ، دېپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشىغا قوشۇلغانلىقىنى ئېيتتى.
. ئافغانىستاننىڭ جەنۇبىدىكى ئۇرۇزگان ئۆلكىسىدە 13 – ئىيۇل چۈشتە ئافغانىستان ساقچى ئاپتوموبىل كالونى نىشان قىلىنغان ئاپتوموبىلبومبا پارتلىتىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، بەش ساقچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 20 كىشى قازا قىلدى، 35 كىشى يارىلاندى.
. ئوتتۇرا دېڭىز بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ بىر كۈن داۋاملاشقان تۇنجى نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنى 13 – ئىيۇل قوشما بايانات ئېلان قىلغاندىن كېيىن پارىژدا ئاياغلاشتى، يىغىنغا قاتناشقان رەھبەرلەر ‹‹ئوتتۇرا دېڭىز ئىتتىپاقى›› پىلانىنى رەسمىي يولغا قويۇشنى قارار قىلدى.
. موڭغۇلىيە باش سايلام كومىتېتى 14 – ئىيۇل موڭغۇلىيە پارلامېنت سايلىمىنىڭ رەسمىي نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى، موڭغۇلىيە خەلق ئىنقىلابىي پارتىيىسى بىلەن دېموكراتلار پارتىيىسى پارلامېنتتىكى 76 ئورۇننىڭ 39 ى ۋە 25 ىنى ئىگىلىگەن.
. شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسى سىنگاپورنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى 14 – ئىيۇل بايانات ئېلان قىلىپ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ چاۋشيەننىڭ ‹‹شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دوستلۇق – ھەمكارلىق كېلىشىمى››گە قاتنىشىشىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
. كورىيە زۇڭتۇڭى لى ميۇڭباك 14 – ئىيۇل، ياپونىيىنىڭ شۇ كۈنى ئېلان قىلغان ئوتتۇرا مەكتەپ دەرسلىكىگە دۇداۋ ئارىلى(ياپونىيىلىكلەر تاكېشىما ئارىلى دەيدۇ) نى ياپونىيە زېمىنى، دەپ كىرگۈزگەنلىكىدىن تولىمۇ ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈردى.
. ئامېرىكا ‹‹نيۇ – يورك ۋاقتى›› گېزىتىنىڭ 13 – ئىيۇل خەۋەر قىلىشىچە، بۇش ھۆكۈمىتى ئىراقتىن تېخىمۇ كۆپ ئەسكەر چېكىندۈرۈشنى ئويلىشىۋېتىپتۇ.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى
|