|
·بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بان كىمون 14 – ئىيۇل سۆز قىلىپ سۇدان زۇڭتۇڭىنىڭ سوتتا ئەيىپلىنىشىدىن تولىمۇ ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. بان كىمون فرانسىيىدە چىقىدىغان ‹‹فىگارو گېزىتى››نىڭ مۇخبىرىغا مۇنداق دېدى: ‹‹بۇ— سۇداندىكى تىنچلىقنى ساقلاش ھەركىتى ۋە سۇداننىڭ سىياسىي مۇساپىسىدە ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلىشى مۇمكىن. مەن بۇنىڭدىن تولىمۇ ئەندىشە قىلىۋاتىمەن›› .
·ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى ھەربىي كۈچ كومىتېتىنىڭ رەئىسى، دېمۇكىراتلار پارتىيىسىدىن بولغان پارلامىنت ئەزاسى كارل رېۋىن يېقىندا مۇنداق دېدى: ‹‹ئامېرىكىنىڭ ياۋرۇپادا ئورۇنلاشتۇرغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى تۇرۇش سىستېمىسى ئىراندىن مۇداپىئە كۆرۈشكە ئىشلىتىلمەيدۇ. بۇش ھۆكۈمىتى روسىيىلىكلەرنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپ قويماسلىقى كېرەك›› .
·كورىيە دېپلۇماتىيە ۋە سودا مىنىستىرلىكى 14 – ئىيۇل بايانات ئېلان قىلىپ، ياپونىيە دائىرىلىرى تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ دەرسلىك يېتەكچى قوللانمىسىدا، كورىيىنىڭ زىمىنى بولغان تاكى- شىما ئارىلىنى ياپونىيە زىمىنى دەپ ئاتىغانلىقىغا قاتتىق ئېتىراز بىلدۈردى.
·ئەرەب بىرلەشمە خەلپىلىكىدە چىقىدىغان‹‹پارس قولتۇقى خەۋەرلىرى گېزىتى››نىڭ 14 – ئىيۇلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا: مېيلىن ئاكسىيە شىركىتى ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىدە، نۆۋەتتىكى يۇقىرى نېفىت باھاسىنىڭ خام نېفىت ئېكىسپورتىنى ئاساس قىلىدىغان پارس قولتۇقى ئەللىرىگە زور سوممىدىكى سودا ئوڭ پەرقى ئېلىپ كەلگەنلىكى كۆرسىتىلگەن.
·شەرقىي–جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى سىنگاپورنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى تۈنۈگۈن بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: شەرقىي–جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتپاقى چاۋشيەننىڭ ‹‹شەرقىي– جەنۇبىي ئاسىيا دوستلۇق ھەمكارلىق شەرتنامىسى››غا كىرىشىنى قارشى ئالىدۇ. چاۋشيەننىڭ بۇ شەرتنامىگە كىرىشىنىڭ، شەرقىي- جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتپاقى بىلەن چاۋشيەن مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىدىغانلىقىغا، ھەمدە رايون تىنچلىقى، بىخەتەرلىكى ۋە ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.
·ئىران زۇڭتۇڭى ئەھمىدى نىجاد 14 – ئىيۇل ئىراننىڭ پارس قولتۇقى رايونىدىكى دۆلەتلەردە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىرىگە مۇنداق دېدى: ئامېرىكىنىڭ ئىراننى پارس قولتۇقى رايونىغا تەھدىت سېلىۋاتىدۇ دىيىشنىڭ قىلچە ئاساسىي يوق، بۇ ئىراننىڭ پارس قولتۇقى رايونىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە قىلغان ئىغۋاگەرچىلىك قىلمىشى.
·پەلەستىن ئىسلام قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى (خاماس)نىڭ ئالىي دەرىجىلىك ئەمەلدارى سەئىيدى سەييام تۈنۈگۈن گازا شەھىرىدە مۇنداق دېدى: پەلەستىندىكى قوراللىق گۇرۇھلار بىلەن ئىسرائىلىيىنىڭ ئۇرۇش توختىتىشى، خاماسنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىشتىن ۋاز كىچىشىگە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ، پەلەستىن غازات ۋە قارشىلىق كۆرسىتىش يولىدىن يانغىنى يوق.
·روسىيىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سېرچۇكوۋ بىلەن قازاقىستاننىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئەھمەتوۋ 14 –ئىيۇل موسكۋادا كېلىشىمنامە ئىمزالاپ، ئىككى دۆلەت ئارمىيىلىرى 2009-يىلدىن 2011-يىلغىچە بولغان مەزگىلدە بىرلەشمە ھەربىي مانىۋېر ئۆتكۈزۈشنى پىلانلىدى.
·گىرىتسىيە دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 14 – ئىيۇل تاڭ سەھەر، گىرىتسىيىنىڭ شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان 2–چوڭ شەھەر سالونىكادىن پايتەخت ئافىناغا كېتىۋاتقان بىر يولۇچىلار پويىزى گىرىتسىيىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا، بىر يۈك پويىزى بىلەن سوقۇلۇشۇپ كەتكەن بولۇپ، بۇ قېتىمقى ۋەقەدە 15 ئادەم يارىلانغان.
·ئافغانىستاندىكى بىر ئەمەلدار 14 – ئىيۇل مۇنۇلارنى ئىسپاتلىدى:7–ئاينىڭ 13–كۈنى كەچ، ئافغانىستاننىڭ جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان خېلماند ئۆلكىسىدە، يول بويىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بومبا ئارقىلىق ھوجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئامېرىكا شىركىتىدە خىزمەت قىلىۋاتقان ئافغانىستانلىق ئامانلىق قوغدىغۇچىلاردىن 6 ئادەم ئۆلگەن، 2 ئادەم يارىلانغان.
|