باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى
دۆلەت زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىكى10دېلونى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ،32كادىرنى جازالىدى
2008- 07- 15 11:10 شىنجاڭ گېزىتى

   شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ خەۋىرى. دۆلەت زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىكى 8 – ئىيۇل يەر قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىشقا ئالاقىدار 10 تىپىك دېلونى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى، دېلوغا چېتىشلىق قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىنغان يەر 3580 مودىن ئاشىدۇ.

   يەر قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىشقا ئالاقىدار بۇ 10 تىپىك دېلو ئۈچ تۈرگە ئايرىلغان بولۇپ، بىرىنچى، يەرنى قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىش دېلوسى: خېبېي ئۆلكىسىدە شىجياجۇاڭ شەھىرى ‹‹خۇاباۋ›› ئۆي – زېمىن تەرەققىيات شىركىتىنىڭ يەرنى قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىش دېلوسى تەكشۈرۈلۈپ بىر تەرەپ قىلىندى، لياۋنىڭ ئۆلكىسىدە داليەن شەھىرى ‹‹لۈشۈنكۇ›› رايونى شۇاڭداۋ يىڭتاۋ مەھەللىسىنىڭ ئاساسىي ئېتىزلارنى قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىش دېلوسى تەكشۈرۈلۈپ بىر تەرەپ قىلىندى، جياڭسۇ ئۆلكىسىدە ‹‹رۇگاۋ›› ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىنىڭ يەرنى قانۇنسىز ئىشلىتىش دېلوسى تەكشۈرۈلۈپ بىر تەرەپ قىلىندى، جېجياڭ ئۆلكىسىدە فېڭخۇا شەھىرى قاتناشقان مەبلەغ سېلىش شىركىتىنىڭ تەستىقلاتماي تۇرۇپ، يەرنى قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىش دېلوسى تەكشۈرۈلۈپ بىر تەرەپ قىلىندى، خېنەن ئۆلكىسىدە ‹‹جىندا›› ۋە ‹‹جىنيۈەن›› ئۆي – زېمىن تەرەققىيات شىركىتىنىڭ يەرنى قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىش دېلوسى تەكشۈرۈلۈپ بىر تەرەپ قىلىندى، گەنسۇ ئۆلكىسىدىكى ‹‹يېلىنگۈەن›› مېھمانخانىسىنىڭ يەرنى قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىش دېلوسى تەكشۈرۈلۈپ بىر تەرەپ قىلىندى؛ ئىككىنچى، يەرنى قانۇنسىز تەستىقلاش دېلوسى، ئەنخۇي ئۆلكىسىدە شىشەن ناھىيىلىك ھۆكۈمەت ۋە دۆلەت زېمىن بايلىقى ئىدارىسىنىڭ يەرنى قانۇنسىز ئۆتۈنۈپ بېرىش ۋە كىنىشكا بېرىش دېلوسى تەكشۈرۈلۈپ بىر تەرەپ قىلىندى، جياڭشى ئۆلكىسىدە لىچۈەن ناھىيىلىك ھۆكۈمەتنىڭ يەرنى قانۇنسىز تەستىقلاش دېلوسى تەكشۈرۈلۈپ بىر تەرەپ قىلىندى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدە سۈيشى ناھىيىلىك ھۆكۈمەتنىڭ يەرنى قانۇنسىز تەستىقلاش دېلوسى تەكشۈرۈلۈپ بىر تەرەپ قىلىندى؛ ئۈچىنچى، تەرەققىيات رايونى كۆلىمىنى قانۇنسىز كېڭەيتىش دېلوسى، يەنى چۇڭچىڭ شەھىرىدە ‹‹جيۇلۇڭ›› سانائەت رايونىنىڭ تەرەققىيات رايونىغا ئىشلىتىلىدىغان يەر كۆلىمىنى قانۇنسىز كېڭەيتىش دېلوسى تەكشۈرۈلۈپ بىر تەرەپ قىلىندى.

   دۆلەت زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىكى قانۇن ئىجراسىنى مەمۇرىي تەپتىش قىلىش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جاڭ شىنباۋ مۇنداق دېدى: ‹‹بۇ 10 دېلودىكى جەرىمانە – مۇسادىرە پۇلى 9 مىليون يۈەندىن ئاشىدۇ، بۇنىڭغا چېتىشلىق 32 رەھبىرىي كادىرغا پارتىيە ئىنتىزامى، مەمۇرىي ئىنتىزام جازاسى بېرىلدى، جىنايەتكە چېتىلىدىغان تۆت دېلو قانۇنىي تەرتىپ بويىچە ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ جىنايى ئىشلار جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتە قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بېرىلدى. بۇنىڭدىن كېيىن، دۆلەت زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىكى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە يەر قانۇنىنىڭ ئىجراسىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشنى ئاشكارىلاش سالمىقىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇپ، جايلاردىكى يەر قانۇنىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ۋە تىپىك دېلولارنى جەمئىيەتكە قەرەلسىز ئېلان قىلىپ، يەر قانۇنىغا چېتىلىدىغان مۇھىم تىپىك دېلولارنى ئاشكارا تەكشۈرۈپ، ئاشكارا بىر تەرەپ قىلىپ، يەر قانۇن – بەلگىلىمىسىگە خىلاپ قىلمىشلارنى قاتتىق جازالاپ، مەركەزنىڭ يەر تەڭشەش سىياسىتىنىڭ ئۈنۈملۈك يولغا قويۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ››.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ