باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى
تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىكى يېزا ئىگىلىكىگە چېتىلىدىغان باھا ۋە ھەق ئېلىش تۈرلىرىنى ئېنىقلاش، تەرتىپكە سېلىش ئۈچۈن،10تەپسىلىي پرىنسىپنى ئېلان قىلدى
2008- 07- 15 11:08 شىنجاڭ گېزىتى

   شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ خەۋىرى. مۇخبىرنىڭ 8 – ئىيۇل مالىيە مىنىستىرلىكىدىن ئىگىلىشىچە، يېزا ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا چېتىلىدىغان ھەق ئېلىش تۈرلىرى ۋە ئۆلچىمىنى ئېنىقلاپ قېلىپلاشتۇرۇش، ئالاقىدار تارماق ۋە ئورۇنلارنىڭ يېڭى يېزا قۇرۇلۇشى نامىدىن پايدىلىنىپ دېھقانلارنىڭ سېلىقىنى ئېغىرلىتىۋېتىشىنى قەتئىي توسۇش ئۈچۈن، تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىكى يېقىندا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، 10 تۈرلۈك سىياسەت چەكلىمىسىنى ئېلان قىلىپ، يېزا ئىگىلىكىگە چېتىلىدىغان باھا ۋە ھەق ئېلىش تۈرلىرىنى ئېنىقلىماقچى ۋە تەرتىپكە سالماقچى بولغان.

   ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ھەر دەرىجىلىك باھا، مالىيە تارماقلىرى ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان يېزا ئىگىلىكىگە چېتىلىدىغان باھا ۋە ھەق ئېلىش سىياسەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئېنىقلاپ تەرتىپكە سېلىشى كېرەك. ئومۇمەن يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىغا، دېھقانلارنىڭ تۇرمۇشىغا، يېزىلارنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىسىز ھەق ئېلىش سىياسەتلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ۋە بىكار قىلىش كېرەك؛ باھا ۋە ھەق ئېلىش ئۆلچىمى زىيادە يۇقىرى بولغانلىرىنى تۆۋەنلىتىش كېرەك. تىجارەتلىك مۇلازىمەت قىلىشتا چوقۇم ئۆز ئىختىيارلىقى بويىچە بولۇش پرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، زورلاپ مۇلازىمەت قىلىش ۋە ھەق ئېلىش ياكى ھەق ئېلىپلا مۇلازىمەت قىلماسلىق قىلمىشلىرىنى قەتئىي چەكلەش كېرەك.

   ئۇقتۇرۇشتا ئېلان قىلىنغان 10 تۈرلۈك سىياسەت چەكلىمىسى:

    يېزا سۇ ھەققى ئېلىش. يېزا ئىگىلىكىدە سۇغىرىشتىكى ئاخىرقى بوغۇم ئۆستەڭلىرى سۇ ھەققى ئېلىش تەرتىپىنى ئېنىقلاش، رەتكە سېلىش كېرەك. يېزا ئىگىلىكىگە ئىشلىتىلىدىغان سۇنى مىقدار بويىچە ھېسابلاپ ھەق ئېلىش ۋە دېھقانلارغا يۈزلەنگەن تېرمىنال سۇ باھاسى تۈزۈمىنى پەيدىنپەي يولغا قويۇش. دېھقانلار شۇ كوللېكتىپنىڭ سۇ كۆلچىكى، سۇ ئامبىرىدىكى سۇنى ئىشلەتسە، تۇرمۇشقا ۋە ئۆي ھايۋانلىرىنى سۇغىرىشقا ئاز مىقداردا سۇ ئىشلەتسە سۇ بايلىقى ھەققى ئالماسلىق.

    يېزا توك باھاسى. شەھەر – يېزىدا توك باھاسى ئوخشاش بولۇش سىياسىتى يولغا قويۇلغان جايلاردا، يېزا توك باھاسى بىلەن شەھەر توك باھاسىدا ئوخشاش باھا ئۆلچىمىنى يولغا قويۇش؛ شەھەر – يېزىدا توك باھاسى ئوخشاش بولۇش سىياسىتى يولغا قويۇلمىغان جايلاردا پائال شارائىت يارىتىپ، شەھەر – يېزا توك باھاسى ئوخشاش بولۇشنى پەيدىنپەي ئىشقا ئاشۇرۇش.

    يېزا ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ مائارىپ ھەققى ئېلىش. ئوقۇش پارچە خىراجىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئاساسىدا، 2008 – يىلى ئەتىيازدىكى ئوقۇش مەۋسۈمى باشلانغاندا مەملىكەتتىكى يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلارنى دەرسلىك كىتاب بىلەن ھەقسىز تەمىنلەش كېرەك. يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپلەردە بەلگىلىمە بويىچە ئېلىنىدىغان تاپشۇرۇق دەپتەر ھەققى قاتارلىقلاردىن باشقا ھەر قانداق مۇلازىمەت خاراكتېرلىك ھەق ئېلىشقا ۋە ۋاكالىتەن ھەق ئېلىشقا بولمايدۇ.

    كىملىك بېجىرىش ھەققى ئېلىش. ج خ ئورگانلىرى تۇنجى قېتىم كىملىك بېجىرگەن، 2 – ئەۋلاد كىملىك ئالماشتۇرغان ئاھالىلەردىن 20 يۈەن تەننەرخ ھەققى ئالىدۇ، كىملىكى يىتىپ كېتىپ تولۇقلاپ بېجىرگەن ياكى 2 – ئەۋلاد كىملىكى بۇزۇلۇپ كېتىپ ئالماشتۇرغان ئاھالىلەردىن 40 يۈەن تەننەرخ ھەققى ئالىدۇ، ۋاقىتلىق 2 – ئەۋلاد كىملىك بېجىرگەن ئاھالىلەردىن ئون يۈەن تەننەرخ ھەققى ئالىدۇ. 2 – ئەۋلاد كىملىك بېجىرىشتە بۇنىڭدىن باشقا ھەر قانداق ھەق ئېلىشقا بولمايدۇ.

   دېھقانلاردىن ئۆي سېلىش ھەققى ئېلىش. دېھقانلار كوللېكتىپ يېرىگە يېڭىدىن ئۆي سالسا، ئىلگىرى ئولتۇرۇشلۇق ئۆيىنى يېڭىلاپ سالسا، دۆلەت زېمىن بايلىقى تارماقلىرى يەر كىنىشكىسى تەننەرخ ھەققى ۋە قۇرۇلۇش تارماقلىرى ‹‹ئۆي ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى تىزىملاش كىنىشكىسى›› تەننەرخ ھەققى ئالغاندىن سىرت، باشقا مەمۇرىي، كەسپىي خاراكتېرلىك ھەقلەر بىردەك ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ.

   نىكاھلىنىشنى تىزىملىتىش ھەققى ئېلىش. نىكاھلىنىشنى تىزىملاپ باشقۇرۇش ئورگىنى نىكاھلىنىشنى تىزىملاش جەريانىدا پەقەت نىكاھلىنىش گۇۋاھنامىسى تەننەرخ ھەققىلا ئالىدۇ.

    پىلانلىق تۇغۇت ھەققى ئېلىش. ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى بەلگىلىگەن ئىجتىمائىي بېقىش ھەققى، ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى مالىيە، باھا تارماقلىرى بېكىتكەن مەمۇرىي، كەسپىي خاراكتېرلىك ھەقلەردىن سىرت، باشقا ھەر قانداق ھەقنى مەجبۇرىي ئېلىشقا بولمايدۇ.

   دەپنە ئىشلىرى مۇلازىمەت ھەققى ئېلىش. مېيىتنى يۆتكەش، ساقلاش، كۆيدۈرۈش، جەسەت كۈلىنى ساقلاش قاتارلىق ئاساسىي مۇلازىمەتتە ھۆكۈمەت باھانى بېكىتىدۇ ياكى ھۆكۈمەت يېتەكچى باھاسى يولغا قويۇلىدۇ، ئالاقىدار مۇلازىمەت مەزمۇنلىرى ئېنىق ئەسكەرتىلىپ، ھەق ئېلىش ئۆلچىمى مۇۋاپىق بېكىتىلىدۇ.

    سىملىق تېلېۋىزىيە ھەققى ئېلىش. سىملىق تېلېۋىزىيە ئاساسىي رېمونت ھەققى ئۆلچىمى مۇۋاپىق بېكىتىلىدۇ ياكى تەڭشىلىدۇ. يېزىلاردىكى سىملىق تېلېۋىزىيە پروگراممىسىدىن بەھرىمەن بولىدىغان ئائىلىلەردىن ئېلىنىدىغان ھەق ئۆلچىمىنى شەھەرنىڭكىدىن يۇقىرى بېكىتىشكە بولمايدۇ.

    ئۆي ھايۋانلىرىدىكى يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەققى ئېلىش. دۆلەتنىڭ 1 – تۈركۈمدىكى ھايۋانات يۇقۇملۇق كېسىلىگە كىرگۈزۈلگەن ۋە تىز يۇقىدىغان چوشقا كۆكقۇلاق كېسىلىدە مەجبۇرىي ھەقسىز ئىممۇنىتېتلىنىدۇ، دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە مەمۇرىي ئىممۇنىتېتلىنىدىغان كېسەلدىن باشقا ئۆي ھايۋانلىرى يۇقۇملۇق كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مۇلازىمىتىدە ئۆز ئىختىيارلىقى بويىچە بولۇش، ھەقلىق مۇلازىمەت قىلىش پرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇلىدۇ.

   ئۇقتۇرۇشتا يەنە مۇنداق كۆرسىتىلدى: ھەر دەرىجىلىك باھا، مالىيە تارماقلىرى 9 – ئاينىڭ ئاخىرىدىن ئىلگىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ۋە ساقلاپ قېلىش تەستىقلانغان ھەق ئېلىش تۈرلىرى، ئۆلچىمى ۋە يېزىلارغا چېتىلىدىغان باھا قاتارلىقلارنى رەسمىي ھۆججەت، ھۆكۈمەت تور پونكىتى، رادىئو – تېلېۋىزىيە ۋە گېزىت – ژۇرنال قاتارلىقلار ئارقىلىق جەمئىيەتكە ئېلان قىلىشى كېرەك.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ