|
14–ئىيۇل ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش نازارىتىدىن ئىگىلىنىشىچە ، ئاپتونوم رايونلۇق تاشيول باشقۇرۇش ئىدارىسى 570 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ ، ئۈرۈمچى شەھەر ئەتراپى ساياھەت نۇقتىلىرىدىكى تاشيولدا مەركەزلەشتۈرۈپ تۈزەش ، باشقۇرۇش ، قوغداش خىزمىتىنى ئېلىپ باردى .
ئۈرۈمچى تاشيول باش ئوچاستىكىسىدىن ئىگىلىنىشىچە ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ، دۆلەت تاشيولى 216–لىنىيىسىنىڭ مەلۇم بۆلەكلىرىدە چوڭ تىپتىكى يۈك ئاپتوموبىللىرى كۆپ قاتنىغانلىقتىن ، شەھەر ئەتراپىدىكى ساياھەت نۇقتىلىرىغا بارىدىغان ئاپتوموبىللارنىڭ يول يۈرۈشىگە ئېغىر قولايسىزلىقلارنى ئېلىپ كەلگەن . بۇنىڭدىن باشقا يەنە دۆلەت تاشيولى 216–لىنىيىسىنىڭ يول يۈزىدە ئورەك پەيدا بولۇش ، يول لۆمۈلدەپ قېلىش ، يول يۈزى ئولتۇرۇشۇپ كېتىش قاتارلىق مەسىلىلەرمۇ كۆرۈلگەن ئىدى . شىنجاڭنىڭ ساياھەت پەسلىنىڭ يېتىپ كېلىۋاتقان مۇھىم پەيتلەردە ، ئۈرۈمچى تاشيول باش ئوچاستىكىسى مەخىسۇس ئۈسكۈنىلەرنى ئەۋەتىپ ، بۇ يولنى مەركەزلەشتۈرۈپ تۈزىدى .
15 كۈنلۈك جىددىي ئۆزگەرتىپ ياساشتىن كېيىن ، ھازىر دۆلەت تاشيولى 216–لىنىيىسىنى تۈزەش خىزمىتى غەلىبىلىك ئاخىرلاشتى .
|