|
ئاپتونوم رايونىمىز چارۋىچىلىقتا ئۇزاق ئۈنۈملۈك خىزمەت مېخانىزمى ئورنىتىپ، زامانىۋى چارۋىچىلىقنى تېز، سىجىل، ساغلام تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلدى. ئاپتونوم رايون بويىچە 2001 – يىلى قوتاندىن چىقىرىلغان چارۋا – مال 28 مىليون 330 مىڭ تۇياق ئىدى، 2007 – يىلى 47 مىليون 170 مىڭ تۇياققا يېتىپ،% 66.5 كۆپەيدى؛ چارۋىچىلىق مەھسۇلات قىممىتى 2001 – يىلىدىكى 13 مىليارد 400 مىليون يۈەندىن 2007 – يىلى 22 مىليارد 700 مىليون يۈەنگە يېتىپ، %66.4 كۆپەيدى؛ 2007 – يىلى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ ئاشقان ئوتتۇرىچە كىرىمى ئىچىدە چارۋىچىلىقتىن قىلغان كىرىمى 244 يۈەنگە يېتىپ، دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ ئاشقان ئوتتۇرىچە كىرىمىنىڭ %59.08 ىنى ئىگىلىدى. چارۋىچىلىقنىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزا ئىقتىسادىدىكى يېتەكچى كەسىپلىك ئورنى پەيدىنپەي مۇستەھكەملەندى، دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى تۈرتكىلىك رولى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى.
ئاپتونوم رايونلۇق چارۋىچىلىق نازارىتىنىڭ باش مەسئۇل چارۋىچىلىق تېخنىكى جاۋ شىنچۈن بىزگە مۇنداق دېدى: 2002 – يىلىدىن بۇيان، يۇقىرى، تۆۋەندىكىلەر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ توغرا رەھبەرلىكىدە ئۇزاق ئۈنۈملۈك خىزمەت مېخانىزمى ئورنىتىپ، دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى سىجىل، تېز ئاشۇرۇشنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، چارۋىچىلىق كەسىپ قۇرۇلمىسىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىز چارۋىچىلىقىنىڭ تېز، سىجىل، ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلدى.
كۈچلۈك تەشكىلىي رەھبەرلىك خىزمەت مېخانىزمى ئورنىتىلدى. ئاپتونوم رايون ۋە جايلاردىكى پارتكوم، خەلق ھۆكۈمەتلىرى زامانىۋى چارۋىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ‹‹يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار›› خىزمىتىدە باشتىن – ئاخىر مۇھىم ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ 1 – قول رەھبەرلىرى مەسئۇل بولۇپ، ئۇنىۋېرسال نىشان باھالاشقا كىرگۈزۈپ، نىشاننى بويلاپ ئۇزاق يىل بوشاشماي چىڭ تۇتتى. بىر قانچە يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى جايلار چارۋىچىلارنى مۇقىم ئولتۇراقلاشتۇرۇش، چارۋىچىلار ئىچىملىك سۇ قۇرۇلۇشى، تاغلىق رايوندىكى چارۋىچىلارنى باشقا جايلارغا كۆچۈرۈش قۇرۇلۇشى، يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىش سىستېما قۇرۇلۇشى، چارۋىچىلىقتىن ئوتلاققا قايتۇرۇش قۇرۇلۇشى ۋە چارۋىچىلىقتا مول ھوسۇل ئېلىش پىلانى، نەسىل ياخشىلاش يىلى، يۇقىرى ئۆلچەملىك يەم – خەشەك ئىشلەپچىقىرىش بازىسى قۇرۇش قاتارلىق بىر يۈرۈش پائالىيەت تۈرلىرىنى يولغا قويۇشتا چىڭ تۇردى. 2002 – يىلى ‹‹ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ زامانىۋى چارۋىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تېزلىتىش توغرىسىدىكى پىكرى›› ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ۋىلايەت، ئوبلاستلار زامانىۋى چارۋىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش پىلانى، چارۋىچىلىق تەرەققىياتىنى قوللايدىغان سىياسەت ۋە تەدبىرلەرنى بەلگىلىدى ھەم ۋەزىپىنى ناھىيە، يېزا ۋە ئالاقىدار تارماقلارغا قاتلاممۇ – قاتلام چۈشۈرۈپ، رەھبەرلىك مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈردى. بۇ يىل ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى يەنە ‹‹زامانىۋى چارۋىچىلىق تەرەققىياتىنى تېزلىتىش توغرىسىدا پىكىر›› چىقىرىپ، زامانىۋى چارۋىچىلىق تەرەققىياتىنى تېزلىتىش قىزغىنلىقىنى يەنە بىر قېتىم قوزغىدى.
ئېتىبار بېرىش سىياسىتىگە كاپالەتلىك قىلىش خىزمەت مېخانىزمى ئورناتتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايون ۋە جايلار ئارقا – ئارقىدىن زامانىۋى چارۋىچىلىق تەرەققىياتىنى قوللايدىغان بىر يۈرۈش ئېتىبار بېرىش سىياسىتى تۈزدى. مالىيە، پۇل مۇئامىلە، يەر، سودا – سانائەت، باج ئىشلىرى، سەھىيە، سۈپەت – تېخنىكا نازارەتچىلىكى قاتارلىق تارماقلارمۇ زامانىۋى چارۋىچىلىق تەرەققىياتىنى قوللايدىغان كونكرېت تەدبىر ۋە چارە تۈزدى. بۇ يىل ئاپتونوم رايون ۋە ھەر قايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمەتلىرى يەنە زامانىۋى چارۋىچىلىق تەرەققىياتىنى يۆلەيدىغان سىياسەت ۋە تەدبىرلەرنى تۈزۈپ، باقمىچىلىق رايونى قۇرۇشتا يەر كۆرسىتىپ بېرىش، توك، سۇ ئىشلىتىش، ئىنەك سېتىۋېلىش تولۇقلىمىسى بېرىش، چارۋىچىلىق ماشىنىلىرى سېتىۋېلىش، چارۋا مەھسۇلاتلىرى يېشىل كارىدورى ئېچىش قاتارلىق ئىشلاردا سىياسەت جەھەتتىن يۆلىدى.
سېلىنمىنى كۆپەيتىدىغان مەبلەغ سېلىش – يۈرۈشتۈرۈش خىزمەت مېخانىزمى ئورناتتى. ئاپتونوم رايون بويىچە ھۆكۈمەت سېلىنمىسى يېتەكچى، كارخانا، دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ مەبلىغى ئاساسىي گەۋدە قىلىنغان مەبلەغ سېلىش – يۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمى ئورنىتىلدى. ئالتە يىلغا يېقىن ۋاقىتتا، دۆلەتنىڭ شىنجاڭنىڭ چارۋىچىلىقىغا سالغان مەبلىغى 2 مىليارد 989 مىليون يۈەنگە يەتتى، مەركەز بىلەن ئاپتونوم رايون 2007 – يىلىلا تۆۋەنگە چۈشۈرگەن چارۋىچىلىق مەبلىغى 755 مىليون يۈەنگە يەتتى. بۇ يىل ئاپتونوم رايون ئەسلىدىكى مالىيە سېلىنمىسى ئاساسىدا يەنە 50 مىليون يۈەن مەبلەغ كۆپەيتىشنى، كېلەر يىلىدىن باشلاپ 100 مىليون يۈەنگە يەتكۈزۈشنى قارار قىلدى. سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى 2007 – يىلىدىن بۇيان ئوبلاستتىكى يۇقىرى – تۆۋەندىكىلەرنى تەشكىللەپ، سەپەرۋەر قىلىپ، زامانىۋى چارۋىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش سېلىنمىسىنى كۆپەيتتى، ھازىرغا قەدەر 1 مىليارد 900 مىليون يۈەنگە يەتتى. بۇنىڭ ئىچىدە ھەر دەرىجىلىك مالىيىلەرنىڭ سېلىنمىسى 120 مىليون يۈەنگە، جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى ساھەسىدىكىلەرنىڭ سېلىنمىسى 180 مىليون يۈەنگە يەتتى. بۇ يىل ئۇلار يەنە ئوبلاست مالىيىسىدىن ھەر يىلى 40 مىليون يۈەن چارۋىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مەخسۇس مەبلىغى ئورۇنلاشتۇرۇشنى بېكىتتى.
|