باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى
مەملىكەت خەۋەرلىرى
2008- 07- 15 10:59 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

       ·جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى خۇ جىنتاۋ يېقىندا بۇيرۇققا ئىمزا قويۇپ، يولداش ۋۇ ۋېنبىڭغا ‹‹يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشتىكى قەھرىمان جەڭچى›› دىگەن شەرەپلىك نامنى بەردى.

     ·گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش، روناق تاپقۇزۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئىشخانا مۇدىرى فەن شياۋجيەن 14 – ئىيۇل مۇنداق دېدى: گوۋۇيۈەن نامراتلانى يۆلەش، روناق تاپقۇزۇش ئىشخانىسى ۋىنچۈەندىكى يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەن رايوننى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇش خىزمىتىنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەش بىلەن بىرگە، نامراتلارنى يۆلەش ۋە ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش تەدبىرىنى تەتقىق قىلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، تەبىئىي ئاپەتكە تاقابىل تۇرىدىغان خىزمەت مىخانىزىمىنى تېزدىن بەرپا قىلىپ، مۇناسىپ تاقابىل تۇرۇش لايىھىسىنى تۈزەپ، ئاپەتتىن ساقلىنىش، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش مۇئەسسەسەلىرى ۋە كەسىپ تەرەققىياتى تەتقىقاتىنى كۈچەيتىپ، نامرات رايونلارنىڭ ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.  

     ·مۇخبىرنىڭ 14 –ئىيۇل جۇڭگو خەلق بانكىسىدىن ئىگىلىشىچە، 6–ئاينىڭ ئاخىرى، دۆلەتنىڭ تاشقى پېرېۋۇت زاپىسى قالدۇق سوممىسى 1 ترىليون 808 مىليارد 800 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %35.73 ئاشقان. دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، ئالدىنقى يېرىم يىلدا دۆلەتنىڭ تاشقى پېرېۋوت زاپىسى يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىش  بىلەن بىرگە، 6–ئايدا تاشقى پېرېۋوت زاپىسىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى كۆرۈنەرلىك ئاستا بولغان.

     ·ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنىڭ ھازىرقى نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى فرانسىيىنىڭ ئېلىمىزدە تۇرۇشلۇق ئەلچىسى سۇخې 14 – ئىيۇل : ئېنېرگىيە ۋە مۇھىت مەسىلىسى كېيىنكى يېرىم يىلدا جۇڭگو بىلەن ياۋرۇپا سۆزلىشىشىنىڭ مۇھىم نۇقتا بولىدۇ، دېدى.

      ·دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى،دۆلەت ئېنېرگىيە ئىدارىسى 14 – ئىيۇل ئېلان قىلغان ئۇقتۇرۇشتا كۆرسىتلىشىچە، 2007–يىلى مەملىكەت بويىچە بىرلىك ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدىكى ئېنېرگىيە سەرپىياتى 1 مىڭ 160 توننا \ 10 مىڭ يۈەمنلىك ئۆلچەملىك كۆمۈر بولۇپ، 2006– يىلىدىكىدىن %3.66 تۆۋەنلىگەن.

     ·جۇڭگو دېڭىز–ئوكيان ئىدارىسى تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بېيجىڭ ئولىمىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەزگىلىدىكى دېڭىز ئاستى ئوپتېكىلىق كابېلنى قوغداش خىزمىتىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزۈلۈشىنى ياخشى ئالاقىلىشىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن، ‹‹دېڭىز ئاستى ئوپتېكلىق كابېل تۇرۇبىسىنى قوغداش بەلگىلىمىسى››دىكى تەلەپكە ئاساسەن، نۆۋەتتە دۆلەت دېڭىز–ئوكيان ئىدارىسى سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىكى بىلەن بىرلىشىپ ‹‹2008– يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەزگىلىدىكى دېڭىز ئاستى ئوپتېكىلىق كابېلنى قوغداشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش››نى تارقىتىپ، مۇشۇ ئاينىڭ 20– كۈنىدىن 9–ئاينىڭ 20– كۈنىگىچە بولغان بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەزگىلىدىكى دېڭىز ئاستى ئوپتېكىلىق كابېلنى قوغداش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرغان.

     ·سۇچىلىق مىنىستىرلىكى تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 14 – ئىيۇلغىچە بولغان مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، مەملىكەت بويىچە كەلكۈن ئاپىتىدە زىيانغا ئۇچىرىغان دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنىڭ كۆلۈمى 3 مىليون 676 مىڭ گېكتارغا، ئاپەتكە ئۇچىرىغان نوپۇس 62 مىڭ 200 گە، قازا قىلغانلار 309 غا، ئۆرۈلۈپ چۈشكەن ئۆي 250 مىڭغا، بىۋاستە ئىقتىسادىي زىيان 4 مىليارد 900 مىليون يۈەنگە يەتكەن.

     ·دۆلەت ئېنېرگىيە ئىدارىسىنىڭ 14– ئىيۇل ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ‹‹11–بەش يىللىق پىلان›› مەزگىلىدىن بۇيان، مەملىكەت بويىچە تاقىۋېتىلگەن ۋە توختىتىپ قويۇلغان كىچىك ئوت ئېلېكتر ئىستانسىسى گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى 25 مىليون 870 مىڭ كىلوۋاتقا يېتىپ، ‹‹11–بەش يىللىق پىلان››مەزگىلىدە 50 مىليون كىلوۋات گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنى تاقاش، توختىتىش نىشانىنىڭ %51.74 نى ئىگىلىگەن.

 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ