|
7 – ئىيۇل ئاپتونوم رايونلۇق چارۋىچىلىق نازارىتىدە ئېچىلغان مۇناسىۋەتلىك يىغىندىن ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدا دۇنيا بانكىسىنىڭ قەرز پۇلى بىلەن يولغا قويۇلغان چارۋىچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇش تۈرلىرى تۆت يىلدىن بۇيان ئوڭۇشلۇق داۋاملىشىپ، ناھايىتى ياخشى ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئۈنۈم ياراتقان.
دۇنيا بانكىسىنىڭ قەرز پۇلى بىلەن يولغا قويۇلغان چارۋىچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇش تۈرلىرى ئاپتونوم رايونىمىز تۇنجى قېتىم دۇنيا بانكىسىدىن قەرز پۇل ئالغان تاشقى مەبلەغ تۈرى بولۇپ، 48 مىليون 430 مىڭ دوللار (تەخمىنەن 402 مىليون يۈەن) مەبلەغ سېلىنغان بۇ تۈرلەر 2004 – يىلىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان بولۇپ، 2007 – يىلىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر، 290 مىليون 624 مىڭ 700 يۈەن مەبلەغ سېلىنغان. دۇنيا مۇھىت فوندى تۈرىدە خىزمەتلەر ئوڭۇشلۇق بولۇپ، تۆت يىلدىن بۇيان ئوتلاق كۆزىتىش نۇقتىسىدىن 49ى قۇرۇلۇپ، ئوتلاقلاردا نۆۋەتلەشتۈرۈپ چارۋا – مال بېقىش ئۈلگە رايونى 27 مىڭ موغا، چارۋا – مال بېقىشنى توختىتىپ ئوتلاقلارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈلگە رايونى 60 مىڭ موغا، ئوتلاقلاردا چاشقان – ھاشارات زىيىنىدىن ساقلىنىش ئۈلگە رايونى 176 مىڭ موغا يەتتى، يەرلىك ياۋا ئوت – چۆپتىن 30 مىڭ مو تولۇقلاپ تېرىلدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى تۈرنى يولغا قويغان رايوندىكى 24 ناھىيە – شەھەر، ئۈچ نەسىللىك قوي فېرمىسى، بىر نەسىللىك كالا فېرمىسى، 182 يېزا – بازار، 856 كەنتتىكى 7878 ئائىلىلىك دېھقاننى نەپكە ئېرىشتۈردى.
|