|
مەركىزىي كومىتېت تاشقى ئالاقە بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ۋاڭ جيارۇي 14– ئىيۇل بېيجىڭدا ئىران زۇڭتۇڭىنىڭ ۋەكىلى، مۇئاۋىن دىپلوماتىيە مىنىستىرى ھۈسەينى بىلەن كۆرۈشتى. ئىككى تەرەپ جۇڭگو–ئىران ئەللىرىنىڭ ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىدا قولغا كەلتۈرگەن ئىجابىي نەتىجىلىرىگە يۈكسەك باھا بەردى ھەمدە پارتىيىلەر ئارا ئالاقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جۇڭگو بىلەن ئىراننىڭ دوستلۇق ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش يولىدا داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئىككى تەرەپ يەنە ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان باشقا مەسىللەر ئۈستىدە پىكىر ئالماشتۇردى.
|