باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىقتىسادىي خەۋەرلەر
مالىيە بىلەن ئىئانە مەبلىغىنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمى ئورنىتىش كېرەك
2008- 07- 15 10:45 شىنجاڭ گېزىتى

    سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ ۋېنچۈەن ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتى پۈتۈن دۇنيانى زىلزىلىگە سالدى، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىن ئىئانە قىلىنغان پۇل ۋە ماددىي بۇيۇمنىڭ ئومۇمىي سوممىسى 45 مىليارد 654 مىليون يۈەنگە يەتتى، پۇل سوممىسىنىڭ كۆپلۈكى تارىختىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان، بۇ ئىئانە مەبلەغنى قانداق باشقۇرۇش نۆۋەتتىكى مۇھىم ئىشقا ئايلاندى.

    ئىئانە مەبلىغى پەۋقۇلئاددە خاراكتېرگە ئىگە بولغاچقا، ئادەتتە ھۆكۈمەت بۇ مەبلەغنى ئىشلىتىش ۋە باشقۇرۇشقا قاتناشمايدۇ. بۇ، باشقۇرۇش تارقاق بولۇش، ھەمكارلىق بولماسلىق، نازارەت قىلىش كۈچى ئاجىز بولۇش، ئاشكارىلىق دەرىجىسى يېتەرلىك بولماسلىق، مەبلەغنىڭ ئىشلىتىلىش ئۈنۈمى تۆۋەن بولۇش مەسىلىلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

    مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق تەكلىپ بەردى: مالىيە تارماقلىرى بىلەن خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى بىرلىكتە ‹‹ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش مەبلىغىنى ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسى›› قۇرۇپ، مالىيە مەبلىغى بىلەن ئىئانە مەبلىغىنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمى ئورنىتىشى؛ خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى ئۆزلىرى قوبۇل قىلغان ئىئانە مەبلىغىنى قانداق ئىشلىتىشنى مالىيە تارماقلىرى بىلەن مەسلىھەتلىشىشى؛ مالىيە تارماقلىرىمۇ مەبلەغ سالىدىغان مۇھىم نۇقتىلارنى، كونكرېت تۈرلەرنى ئىئانە  پۇل تاپشۇرۇۋالغان ئورۇنلارغا ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇشى كېرەك.

‹‹گېزىت – ژۇرناللاردىن تەرمىلەر››دىن

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ