|
تيەنزې ئىقتىساد تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى شېڭ خوڭنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان ماقالىسىدە مۇنداق دېيىلدى: ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلىشتىن ئىلگىرى ھۆكۈمەت بىلەن كارخانىنى ئايرىش يولغا قويۇلمىغانىدى، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئىجارە ھەققى، پايدا سوممىسى ۋە باج ھەققىمۇ پەرقلەندۈرۈلمەيتتى، ئىسلاھات يولغا قويۇلغاندىن كېيىن ھۆكۈمەت بىلەن كارخانا ئايرىلىپ، كارخانا مۇستەقىل قانۇنىي ئىگىگە ئايلاندى. دۆلەت ھەم پايچىك، ھەم تەبىئىي بايلىقنىڭ ئىگىدارى بولۇش بىلەن بىللە جامائەت بۇيۇملىرىنى تەمىنلىگۈچى بولدى. ئەمما دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ باج تاپشۇرۇشىلا تەكىتلىنىپ، ئالغان پايدىسى ئۇزاق ۋاقىتقىچە سۈرۈشتۈرۈلمىدى، ئىجارە ھەققى ئۇقۇمىدىن سۆز ئېچىش تېخىمۇ مۇمكىن بولمىدى.
ھازىر ئىجارە ھەققىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆسۈشى بىلەن بۇ مەسىلە تېخىمۇ روشەنلەشتى. ئىسلاھاتنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە بازار تەرەققىي قىلمىغان بولغاچقا، تەبىئىي بايلىق ئىجارە ھەققى تۆۋەنرەك ئىدى، كىشىلەرمۇ بۇ مەسىلىگە ئانچە كۆڭۈل بۆلۈپ كەتمىگەنىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شەھەرلىشىش سۈرئىتىنىڭ تېزلىشىشىگە ئەگىشىپ، يەر ئىجارە ھەققى بارغانسېرى ئۆستى؛ قېزىلما بايلىق ئىجارە ھەققىمۇ ئۈزلۈكسىز ئۆسۈشكە باشلىدى. نەتىجىدە تەبىئىي بايلىق ۋە يەر ئىجارە ھەققىنى تۆلىمىگەنلىكتىن بەزى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئۈنۈمى تۆۋەن بولسىمۇ، دۆلەت كارخانىلىرى زور پايدا ئالدۇق، دەپ جار سالدى. ئەمەلىيەتتە بۇ پايدىنىڭ زور كۆپ قىسمى تەبىئىي بايلىق ئىجارە ھەققى ئىدى. ئىجارە ھەققىنى پايدىغا ئۆزگەرتىش، پايدىنى مۇكاپاتقا باغلاش ئەسلىدىلا ئۈنۈمى تۆۋەن كارخانىلارنى يۇقىرى نەپكە ئېرىشتۈرۈپ، ئىگىدارلارنىڭ مەنپەئىتىنى زىيانغا ئۇچراتتى. تېخىمۇ يامان بولغىنى تەبىئىي بايلىق ئىجارە ھەققى چوڭ – كىچىك مەنپەئەت گۇرۇھلىرىنى يېتىشتۈردى. بۇ، مۇھىم ئامىل ھەققى تەلىماتىغا شۇنداقلا، ماركسىزملىق ئىقتىسادشۇناسلىققىمۇ ئۇيغۇن كەلمەيدۇ.
‹‹گېزىت – ژۇرناللاردىن تەرمىلەر››دىن
|