باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىجتىمائىي خەۋەرلەر
بېيجىڭ شەھىرىنىڭ خوتەن ۋىلايىتىگە ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىشى مول نەتىجىگە ئېرىشتى
2008- 07- 15 10:34 شىنجاڭ گېزىتى

    بېيجىڭ شەھىرى خوتەن ۋىلايىتىگە ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىشنى باشلىغان ئون يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بېرى، ئىككى تەرەپ ئىقتىساد، تېخنىكا، مەدەنىيەت قاتارلىق جەھەتلەردە ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، خوتەن ۋىلايىتىدە ئىقتىسادنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولدى. يېقىندا خوتەن ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئالاقە ئورنىنىڭ خىزمەت بىناسىنى سېلىش تۈرى ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇلدى، بۇ بېيجىڭ شەھىرىنىڭ خوتەن ۋىلايىتىگە ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىشىنىڭ مول نەتىجىگە ئېرىشكەنلىكىدىن دېرەك بەردى.

   2005 – يىلى ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، بېيجىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى ليۇ چى بېيجىڭ شەھەرلىك ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ خوتەن ۋىلايىتىگە زىيارەتكە كېلىپ، خوتەن ۋىلايىتى بىلەن ‹‹بېيجىڭ شەھىرىنىڭ خوتەن ۋىلايىتىگە ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىش – ھەمكارلىق رامكا كېلىشىمى›› نى ئىمزالىدى. 2005 – يىلى بېيجىڭ شەھىرى لوپ، چىرا، قاراقاش ناھىيىلىرىدىكى تېلېۋىزور يوق 95 مىڭ 560 ئائىلىلىك دېھقان – چارۋىچىغا تېلېۋىزور ئېلىپ بەردى. 2006 – يىلى بېيجىڭ شەھىرى 3 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، خوتەن – بېيجىڭ ئوتتۇرا مەكتىپىنى سېلىش تۈرىگە ياردەم بەردى ھەم خوتەن ۋىلايىتى ئۈچۈن مەكتەپ مۇدىرىدىن 200 نى، ئوقۇتقۇچىدىن 50 نى تەربىيىلەپ بەردى؛ چىرا ناھىيىسىنىڭ قىزىل يول كەنتىدە قۇياش ئېنېرگىيىسىنى ئەمەلىي ئىشلىتىش ئۈلگە قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، توك يوق كەنتتىكى دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ يورۇقلۇق ۋە تېلېۋىزور كۆرۈش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى؛ بېيجىڭنىڭ خۈەيروۋ رايونى بىلەن پىڭگۇ رايونى لوپ ناھىيىسى بىلەن چىرا ناھىيىسىنىڭ تۈر قۇرۇلۇشىغا 3 مىليون يۈەندىن ياردەم بەردى؛ بۇ يىل كىرگەندىن بېرى، بېيجىڭ شەھىرى خوتەن ۋىلايىتىگە ياردەم بېرىش خىزمىتىنى پۇختا، ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈردى. ئون نەچچە يىلدىن بېرى، بېيجىڭ شەھىرى بەش تۈركۈمگە ئايرىپ شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان كادىردىن 300 دەك كىشىنى خوتەن ۋىلايىتىدە خىزمەت قىلىشقا ئەۋەتىپ، خوتەن ۋىلايىتى ئۈچۈن 500 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغنى جەلپ قىلدى.

   خوتەن ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئالاقە ئورنىنىڭ مۇدىرى خۇ رۇڭفا مۇنداق دېدى: خوتەن ۋىلايىتىنىڭ تەرەققىياتى بېيجىڭ شەھىرىنىڭ ياردىمىدىن ئايرىلالمايدۇ، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ ساھەلەر بويىچە بەرگەن ياردىمى خوتەن ۋىلايىتىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولدى.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ