|
يېقىندىن بۇيان، ئاقسۇ ۋىلايىتىدە ئارقا – ئارقىدىن مەيدانغا كېلىۋاتقان ‹‹ئالاھىدە كەنت››لەر كىشىلەرنىڭ قىزىق پاراڭ تېمىسىغا ئايلاندى. ‹‹بىر كەنتتە بىر مەھسۇلات بولۇش›› تەرەققىيات ئەندىزىسىنىڭ ئۈنۈملۈك مەھسۇلى بولغان بۇغا باقمىچىلىقى كەنتى، كېۋەز كەنتى، بۇغداي كەنتى، قوغۇن – تاۋۇز كەنتى، چىلان كەنتى، ياڭاق كەنتى، نوقۇت كەنتى... قاتارلىق ئالاھىدە كەنتلەر ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈشىنى تېخىمۇ يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈردى.
ئىگىلىنىشىچە، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ‹‹بىر كەنتتە بىر مەھسۇلات بولۇش›› تەرەققىيات ئەندىزىسى ‹‹بىر ئائىلە كۆپ ئائىلىنى يېتەكلەش، كۆپ ئائىلە پۈتۈن كەنتنى يېتەكلەش، بىر كەنت كۆپ كەنتنى يېتەكلەش، كۆپ كەنت بىر پۈتۈن بازىغا ئايلىنىش››نى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرگەن. ھازىر ۋىلايەت بويىچە ‹‹بىر كەنتتە بىر مەھسۇلات بولۇش›› ئۆلچىمىگە يەتكەن كەسپىي كەنت 130 غا يېتىپ، ۋىلايەت بويىچە ئومۇمىي كەنتنىڭ %11.7 ىنى، كەسپىي يېزا – بازار 17گە يېتىپ، ۋىلايەتتىكى 83 يېزا – بازارنىڭ %20.5 ىنى ئىگىلىگەن. بۇلتۇر كەسپىي كەنتلەردىكى دېھقانلارنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى 4778.7 يۈەنگە يېتىپ، ۋىلايەت بويىچە دېھقانلارنىڭ كىشى بېشى ساپ كىرىمى 1000 يۈەنگە يېقىن ئېشىپ، بۇ ‹‹ئالاھىدە كەنت››لەر دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولغان.
|