|
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كۆچمە خەۋەرلىشىش قىسقا ئۇچۇر مۇلازىمىتىنىڭ قولايلىق ، باھاسىنىڭ تۆۋەن بولۇشى قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن ، قىسقا ئۇچۇر يېزىش بارا–بارا كىشىلەرنىڭ ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش ۋە ئالاقىلىشىشىدىكى مۇھىم ۋاسىتە بولۇپ قالدى . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، قانۇنغا خىلاپ ، ئالدامچىلىق تۈسىنى ئالغان ، ئەخلەت ئېلان قاتارلىق قىسقا ئۇچۇرلارمۇ كۈنسىرى كۆپىيىپ ، جەمئىيەت تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ ، خەۋەرلىشىش بازىرىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسەتكەن ئىدى .
‹‹ئەخلەت ئۇچۇر››لارنى تازىلاپ ، قىسقا ئۇچۇر مۇلازىمەت مۇھىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن ، شىنجاڭ ئۇچۇر–ئالاقە باشقۇرۇش ئىدارىسى بىر يىلدىن بۇيان ، رايونىمىزنىڭ تېلېگراف بازىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ، ئاساسلىقى ئۇچۇر مۇلازىمەت تىجارەتچىلىرىنىڭ ‹‹ئەخلەت قىسقا ئۇچۇر››لارنى قالايمىقان تارقىتىشى ، ئېلان تۈرىدىكى قىسقا ئۇچۇرلارنىڭ قالايمىقان تارقىتىلىشى ، قىسقا ئۇچۇرنى توپ تارقىتىش ئەسلىھەسىدىن پايدىلىنىپ نۇرغۇن ئادەمگە بىرلا ۋاقىتتا قالايمىقان ئۇچۇر يوللاش قاتارلىق مەسىلىلەرگە قارىتا نۇقتىلىق تەرتىپكە سېلىشنى يولغا قويدى .
مەخسۇس تەرتىپكە سېلىش ھەرىكىتى يولغا قويۇلغان مەزگىلدە ، شىنجاڭ ئۇچۇر–ئالاقە باشقۇرۇش ئىدارىسى ھەرقايسى تېلېگراف ئالاقىسى كارخانىلىرىدىن ئابونتلار ئەرز–شىكايىتىنى بىر تەرەپ قىلىش مېخانىزمىنى ياخشىلاپ ، خەلقنى قولايلىق ئەرز قىلىش يولى بىلەن تەمىنلەش بىلەن بىرگە ئابونتلارنى شىكايەت قىلىش ، نازارەت قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇشنى تەلەپ قىلدى .
بۇنىڭدىن باشقا ، شىنجاڭ ئۇچۇر–ئالاقە باشقۇرۇش ئىدارىسى يەنە ‹‹12321›› نومۇرلۇق ‹‹ئەخلەت ئۇچۇر››لار توغرىسىدىكى ئەرزلەرنى قوبۇل قىلىش تور مەركىزىنىڭ خىزمەت تەرتىپىنى تەدرىجىي ياخشىلىدى . كارخانىلار ئارىسىدا كۆپ خىل شەكىلدىكى ئالاقە سەھنىسى قۇردى ھەمدە ‹‹ئەخلەت ئۇچۇر›› لارنى تور ۋاستىسى ئارقىلىق چەكلەش ئالاھىدىلىكىنى جارىي قىلدۇرۇپ ، بۇ جەھەتتە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ياراتتى .
|